يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.0 ھەققىدە
مەزكۇر لۇغەت ھەققىدە توردا تۇنجى دوكىلات بېرىلگەندىن كېيىن ،لۇغەتكە ئىشلىتىلگەن ئىزدەش تېخنىكىسى-YIndex تېخنىكىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش نەتىجىسىدە تۇنجى قەدەمدە لۇغەتنىڭ 1.0 سىناق نەشىرى تارقىتىلدى ھەم تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى،مەدەت بېرىشى ۋە ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىش نەتىجىسىدە مانا تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن،ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن 2.0 سىناق نەشىرىمۇ پۈتتى.
بۇ نۇسخىسىدىكى ئىزدەش ئۇسۇلى ئالدىنقى نەشىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى لېكىن يەنىلا بەزى نۇقسانلار بولىشى مۇمكىن،تورداشلارنىڭ سىناپ مەسىلىلەر بولسا ئۇقتۇرۇپ قويىشىنى،پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى سورايمىز.لۇغەتنىڭ بۇ نەشىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە مەشغۇلات ئەسكەرتمىسى ئۇيغۇرچە.خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە 3خىل تىللىق قىلىپ لاھىيلەنگەن بولۇپ،تەمىنلەنگەن تىل ھۆججىتىنىدن پايدىلىنىپ يېڭى تىل قوشۇشقا بولىدۇ.
بۇ نۇسخىسىدا ئېكراندىن سۆز تۇتۇش ۋە مائۇسلۇق كىرگۈزۈش قاتارلىق قىستۇرمىللىرى تەمىنلەندى،قىستۇرمىنى قاچىلىغاندا 360 تۇسۇپ بېقىشى مۇمكىن،لېكىن خاتېرجەم قاچىلىسىڭىز بولىدۇ،لۇغەتنى قوزغىتىپ ئىشلىتىشتىن بۇرۇن "ياردەم" ھۆججىتىنى تەپسىلىي ئۇقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمىز.
بۇ نەشىرىدە يەنە بىرقانچە لۇغەت ئامبىرى تەمىنلەندى ھەم داۋاملىق تەييارلىنىۋاتىدۇ،تورداشلارنىڭ سىناپ پىكىر- تەكلىپلەر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.
دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى بۇرۇنقى نەشىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئىقتىدارى مۇكەممەلشتۈرۈلگەن بولۇپ كۆرۈنىشى تۆۋەندىكىدەك:
بۇ نەشىرىدە ئىزدەش ئىقتىدارى بارلىق تاللانغان ئامباردىن،ئامبار بېكىتىشتىن بېكىتكەن تەرتىپ بويىچە ئىزدەيدىغان قىلىپ لاھىيلەندى،سىناش خىزمىتىنى كەڭ ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ قېتىم تەمىنلەنگەن "ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى " ئامبىرى ھەقسىز تىزىملىتىپ ئىشلىتىدىغان قىلىندى،كەڭ تورداشلارنىڭ ھەمكارلىششنى ئۈمۈد قىلىمىز.تۆۋەندىكى چۈشۈرۈلمە 3 ھۆجقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ئىچىدىكى EraDict2.exe بولسا لۇغەت پروگىراممىسى،EraDic2.0_Tools_Install.exe بولسا لۇغەت قىستۇرمىسىنى قاچىلاش پروگگىراممىسى،DATA نامىدىكى ھۆججەت قىسقۇچ بولسا بۇ قېتىم تەمىنلەنگەن سانلىق ئامبارلار بولۇپ،ھەخىل لۇغەت ئامبىرى ۋە ئىملا ئامبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،بۇ DATA نامىدىكى ھۆججەت قىسقۇچنى D:\Program Files\EraDict نىڭ ئاستىغا كۆچۈرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ،
تەمىنلەنگەن سۆزلۈكلەر؛
(سۆزلۈكنى چۈشۈرگەندىن كېيىن پىرىستىن يېشىپ "لۇغەت تاللاش "تىكى "قوشۇش " تىن قوشسىڭىز ياكى يېشىلگەن ھۆججەتنى
D:\Program Files\EraDict\DATA غا كۆچۈرۈپ لۇغەتنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ)
مەنبە:يىڭى ئېرا تورى