پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

جىمجىتلىقنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-08 23:29 مەنبەسى: رادىئو تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
تەبىئەتنىڭ سىرى جىمجىت پىشىدۇ، ئالەمنىڭ چاقى جىمجىت ئايلىنىدۇ، قۇياش زېمىننى جىمجىت يورۇتىدۇ، كېچىدە يۇلتۇزلار جىمجىت جىمىرلايدۇ،
تەلەي +1

 

جىمجىتلىقنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

غۇنچەم ئەخمەت

جىمجىتلىقنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

تەبىئەتنىڭ سىرى جىمجىت پىشىدۇ، ئالەمنىڭ چاقى جىمجىت ئايلىنىدۇ، قۇياش زېمىننى جىمجىت يورۇتىدۇ، كېچىدە يۇلتۇزلار جىمجىت جىمىرلايدۇ، گۈل–گىياھلار جىمجىت ئېچىلىدۇ. يەرنىڭ تارتىش كۈچىمۇ جىمجىت. ئۇنىڭدا موتورلارنىڭ گۈلدۈر–گۈلۈپلىرى، ئاپتوموبىللارنىڭ تاراق–تۇرۇقلىرى، كىرانلارنىڭ جاراق–جۇرۇقلىرى يوق. ئەمما، ئۇ ئالەمدىكى بارلىق جىسىمنىڭ ئۆز يولىدا توختاۋسىز ھەرىكەت قىلىشىنى باشقۇرىدۇ. ھاياتلىق ئەنە شۇنداق جىمجىتلىق ئىچىدە پەيدا بولغان.

قەدىمدە بىر شاۋقۇن–سۈرەن شەھەر بار ئىكەن. شەھەر خەلقى شاۋقۇن–سۈرەننى ياخشى كۆرىدىكەن ھەم شۇنىڭغا كۆنگەنىكەن. ئۇلار يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلىشىدىكەن، ھەر بىر ئىش–ھەرىكىتىنى شاۋقۇن چىقىرىپ قىلىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ سۇلتانى جاھاندىكى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ يۇقىرى شاۋقۇن–سۈرەننى ئاڭلاش ئۈچۈن شەھەر خەلقىگە ئوردا ئالدىغا يىغىلىپ، كوللېكتىپ ۋارقىراشنى بۇيرۇپتۇ. شەھەردىكى بىر ھۈنەرۋەن خوتۇنىغا «بىز ئاشۇ كۈنى ئاغزىمىزنى يوغان ئېچىپ قاتتىق ۋارقىرىغان ھالەتتە تۇرايلى–دە، ئۈن چىقارمايلى، شۇنداق قىلساق، سۇلتان ئاڭلىغان ئەڭ كۈچلۈك شاۋقۇن–سۈرەننى بىزمۇ ئاڭلىيالايمىز» دەپتۇ. ھۈنەرۋەننىڭ خوتۇنى ئەتىسى بۇ ياخشى ئامالنى قوشنىسىغا دەپتىكەن، قوشنىسىمۇ شۇ يوسۇندا تەڭ ھۇزۇر ئالماقچى بولۇپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئامال پۈتۈن شەھەرگە تارقىلىپتۇ. بەلگىلەنگەن كۈنى شەھەر خەلقى مەيدانغا يىغىلىپتۇ. ۋارقىراش بۇيرۇقى چۈشكەن ھامان كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئامالى بويىچە ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئۈن چىقارماي تۇرۇپتۇ. شۇئان ئەتراپ جىمجىتلىققا چۆكۈپتۇ. ئۇلار بۇ جىمجىتلىقتا ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغان ئاۋازلارنى، يەنى قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىنى، سۇلارنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشلىرىنى، يوپۇرماقلارنىڭ مەيىن شىۋىرلاشلىرىنى، سەلكىن شاماللارنىڭ لەرزان غۇيۇلداشلىرىنى ئاڭلاپتۇ. بۇنىڭدىن ئۇلار جىمجىت دۇنيانىڭ شۇ قەدەر گۈزەللىكىنى بىلىپتۇ. كۈتۈلمىگەن بۇ نەتىجىدىن ھەيرەتتە قالغان سۇلتان ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن بارلىق شاۋقۇن – سۈرەننى چەكلەپتۇ ھەم سۈرۈشتۈرۈپ، بۇ گۈزەللىكنىڭ بايقىلىشىغا سەۋەبچى بولغان ھۈنەرۋەننى نۇرغۇن مال – دۇنيا بىلەن تارتۇقلاپتۇ.

شۇنداق، بايقىساق بۇ بىپايان دۇنيادىكى جىمجىتلىق چەكسىزدۇر. ئاشۇ چەكسىز جىمجىتلىقتىن ئۆزىمىز سىڭىرەلىگۈدەك ئېچىق ئېچىپ، شاۋقۇن–سۈرەنگە، جىددىيلىككە، ئالدىراشچىلىققا ۋە تۈرلۈك بېسىمغا تولغان تۇرمۇشىمىزغا ئاسايىشلىقتا كىرەلىسەك، چوقۇمكى، ئۇ بىزگە ئازادىلىك بېغىشلاپ، ھېس–تۇيغۇ، تەپەككۇر، ئەقىل–پاراسىتىمىزنى ئېچىپ، بىزنى مۇھىتى ساپ پارلاق كەلگۈسىدىن بەھرىلەندۈرەلەيدۇ.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

更多

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئېلىش كېرەكم [ 2012-09-08 23:40:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى نا [ 2012-09-08 23:37:05 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلىشى مۇۋاپىق ئە [ 2012-09-08 23:33:51 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] جىمجىتلىقنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى [ 2012-09-08 23:29:57 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئىلمىي سۆزنىڭ قىممىتى، قوپال سۆزنىڭ ھەسرىتى [ 2012-09-08 23:27:06 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلارغا ئىسم قويۇش ۋە تەربىيە [ 2012-09-08 23:23:20 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئوغلۇمغا دەيدىغانلىرىم [ 2012-09-08 23:19:16 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] تەتىل ھەققىدە پاراڭ [ 2012-09-08 23:12:59 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] ئوتتۇرا باشلانغۇچ قوشۇش،ئېلىش،كۆپەيتىش،بۆلۇش مەش [ 2012-08-11 01:05:11 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] باشلانغۇچ ماتېماتىكا مەشىقچىسى-小学数学练习机 [ 2012-08-11 00:57:55 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر