پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلار ماختاشقا موھتاج

يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-13 05:53 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىلار ماختاشقا موھتاج نىلۇپەر قاسىم نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاپتوبۇستا كېتىۋېتىپ، بىر ئايالنىڭ يېنىدىكى ھەمراھىغا توۋا، ئوغلۇمنى ھەرگ

بالىلار ماختاشقا موھتاج

نىلۇپەر قاسىم

نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاپتوبۇستا كېتىۋېتىپ، بىر ئايالنىڭ يېنىدىكى ھەمراھىغا ‹‹توۋا، ئوغلۇمنى ھەرگىز ئۇنداق قىلار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، ئۆتكەن كۈنى كەچتە ئۇ قىزىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىتىۋېتىپ بىردىنلا <ياخشى ئوقۇمىساڭ كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلىسەن، شىمىشكا – پۇرچاق ساتامسەن...>; دېگىنىچە ۋارقىراپ، قىزىنى دۈشكەلەپلا كەتتى. نەۋرەم قورققىنىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي يىغلاپ كەتتى. بالىنى ئاستا يېنىمغا تارتىپ، <ئەقىللىق بالا دېگەن گەپ ئاڭلايدۇ، خەتنى چىرايلىق يازىدۇ، سىز شۇنداق ئەقىللىق تۇرسىڭىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسىمنىمۇ ياخشى سىزىسىز>، دېۋىدىم، بالا روھلىنىپ، تاپشۇرۇقلىرىنى ھەم تېز ھەم توغرا ئىشلىۋەتتى. مەن <بۇ مۇشۇنچىلىكلا ئىشقۇ، چىرايلىق گەپ قىلىپ، ئىلھام بەرسەڭ بولىدىغۇ>، دەپ ئوغلۇمغا كايىدىم›› دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، بىر دوستۇمنىڭ سۆزلىرى يادىمغا يەتتى. ئۇنىڭ قىزىنىڭ ھەرىكىتى ئاستا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە قىيىق بولغاچقا، كۈندە دېگۈدەك تاپشۇرۇقىنى ۋاقتىدا ئىشلەپ بولالماي كەچ قالىدىكەن. ئېرىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ھە دېسە بالىنى ‹‹دۆت›› دەپ تىللايدىكەن، شۇ سەۋەبلىك ئەر – خوتۇن تولا جېدەللىشىپ قالىدىكەن، قىزىمۇ دائىم تىل ئىششىتىپلا يۈرىدىكەن. بالىغا ئىلھام بېرىدىغان ئىش بولمىغاچقا، قىزىنىڭ ئۆگىنىشىگە خېلىلا تەسىر يېتىپتۇ...

ئوقۇش بېسىمى ئېغىر بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ماختاش، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىش، يېتەكلەشنىڭ ئورنىغا يامان گەپلەر بىلەن تىللىسا ياكى جازالىسا قانداقمۇ ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ ‹‹ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك›› دېگەندەك ئىش بولمامدۇ؟

ئاتا – ئانىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى قانداق؟ مەن بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە بەزىلەر بىلەن پىكىرلەشتىم ھەم ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆردۈم.

پىكىرلەشكۈچىلەردىن بىرى مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ھەر قانداق ئادەم ياخشى گەپ ئاڭلاشنى، ماختاشنى ياقتۇرىدۇ. ھەر قانداق ئادەمدە ئارتۇقچىلىق بولىدۇ، ئەسلىدە ھەرگىزمۇ دۆت بالا بولمايدۇ. بۇ يەردىكى گەپ تىرىشىش – تىرىشماسلىق، ئۆگىنىشكە كۆڭۈل بۆلۈش – بۆلمەسلىكتە. قىزىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققۇچە ئىزچىل ياخشى ئوقۇدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ چېكىنىپ قالدى. بىر كۈنى ئۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىزگە ئېيتىپ بەرگۈچە ئۆزىمۇ ناھايىتى ئوڭايسىزلاندى. بۇنداق چاغدا بالىغا رەنجىسەك ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپكەن بولاتتۇق. شۇڭا، ئاپىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭغا: كېرەك يوق، بۇ مەۋسۇمدە سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولمىدى، سىز دۆت ئەمەس، تىرىشسىڭىزلا چوقۇم ئالدىغا ئۆتەلەيسىز، دەپ تەسەللى بەردۇق. بۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ناھايىتى تىرىشىپ ئۆگەندى، نەتىجىسى كۈنسېرى ياخشىلاندى.

بىر ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر داڭلىق دوكتور يېتەكچىسى بېشىدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چېغىمدا ئاتا – ئانام ۋە مۇئەللىملىرىمنىڭ نەزەرىدە ناچار بالا ئىدىم، دائىم تىل ئاڭلاپلا يۈرگەچكە، ئۆزۈمنىبەكمۇ تۆۋەن چاغلايتتىم. بىر كۈنى سىنىپ يىغىنىدا سىنىپ مەسئۇلىم مېنى ‹‹ئۇنىڭ كەپسىزلىكىدە مەلۇم دەرىجىدە ئىجادىيلىق بار، بۇنداق كەپسىز بالىلار بەك ئەقىللىق كېلىدۇ، تىرىشسىلا ھەرگىز ئارقىدا قالمايدۇ، بۇنداق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشىغا موھتاج ئەمەس، يامان ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتسىلا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەيدۇ›› دەپ ماختىدى. مۇئەللىمنىڭ ماختىشى ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ ئۆگەندىم، نەتىجەم كۈندىن – كۈنگە ياخشىلاندى، ھەتتا مېنى ماختىغان مۇئەللىمنىڭ ئۆزىمۇ ھەيران قالدى.

خۇلاسە شۇكى، ئاتا – ئانىلار بالىلارنى پات – پات ماختاش ۋە ئۇلارغا تاسادىپىي خۇشاللىق ئاتا قىلىشتەك ئۇسۇللارنى قوللانغاندا، بۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ماختىغاندا، بالىنىڭ ئۆزى ھېس قىلالمىغان ئارتۇقچىلىقلىرىنى تۇتۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى دۇنياسىدا ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى زورايتقىلى بولىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ماختىغاندا، مۇھىمى، قانداق ۋاقىتتا ماختاشقا، يەنى پۇرسەتنى ئىگىلەشكە دىققەت قىلىشى لازىم. قېنى دوستۇم، سىزمۇ يۇقىرىقى ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ، بالىڭىز ماختاشلىرىڭىزدىن ئىلھاملىنىپ، ھەر جەھەتتىن ئىلگىرىلىسە ئەجەب ئەمەس.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(7)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر