قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى
يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-03 19:22 مەنبەسى: تور دۇنياسى ئاپتورى: يانتاق كۆرۈلۈشى: قېتىم
قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى بەزى ئاتا -ئانىلار بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ،دائىم قورقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.مەسىلەن :تى
قورقۇتۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتىرى
بەزى ئاتا -ئانىلار بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ،دائىم قورقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.مەسىلەن :"تىز ئۇخلا ،بولمىسا بۆرە كېلىپ سىنى يەۋالىدۇ"،"يەنە يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ساڭا ئوكۇل سالىدۇ"اىگەندەك .بۇ دەرھال ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ ،ئەمما بالىلارنىڭ سەبى قەلبىنى زەخمىلەندۈرۈپ ،قوتقۇنچ ،ئەندىشە ئىچىدە يۈرىدىغان قىلىپ قويىدۇ.بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ.
ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە بالىلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا،قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ ،ئۇلارنى ھەدددىدىن زىيادە جىددىلەشتۈرۈپ ،پىسخكا جەھەتتىكى يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
بالىلارنى قورقۇتۇش بالىلارنى يۈرەكسىز ،ئاجىز قىلىپ قويىدۇ،بەزى ئاتا -ئانىلار بالىلارنى ئاجىزلىغى ئارقىلىق قورقىتىدۇ.بالىلارنىڭ قاراڭغۇدىن قورقىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ،ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنىنى چەكلەيدۇ.بۇ بالىلاردا خاراكتىر ئاجىزلىغىنى پەيدا قىلىدۇ -دە ،ھەمىشە قورقۇپ ھودوقۇپ يۇرۇيدىغان بولۇپ قالىدۇ.ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلارنى قورقۇتقاندا بالا كېچىچە قورقۇپ چۈشلىرى بۇزۇلىدۇ.ياخشى ئۇخلىيالمىغانلىقتىن ئەتىسى كەيپىياتقا تەسىر يرتىدۇ.بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرسە ،بالىلارنىڭ سالامەتلىگىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا بەزى ئاتا -ئانىلار "خەپ ،داداڭ كەلسە كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسەتمىسەم"دىگەندەك گەپلەر بىلەن بالىلارنى قورقۇتىدۇ،نەتىجىدە بالىنىڭ قەلبىدىكى دادىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يرتىدۇ-دە بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ.
دىمەك ،بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيە ۋە پىسخولىگىيە جەھەتتىكى يېتىلىشىگە ئىنتايىن زىيانلىق .شۇڭا ئاتا -ئانىلار بالىلارنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيلىشى ،بالىلارنى ئەركىن يۈرەكلىك چوڭ قىلىشى ،ئۇلارنىڭ ئەركىنلىگىنى زىيادە چەكلىۋەتمەسلىگى لازىم.
شىنجاڭ گېزىتىدىن ئىلىندى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------