كىچىك دوستلار بىر _ بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، ئاتا
يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-25 16:52 مەنبەسى: ئاپتورى: ئالىپتىكىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىلارنىڭ كىچىككىنە سۈركىلىش تۈپەيلى ئازار يەپ قېلىشى يامان ئىشمۇ ئەمەس، ئاتا _ ئانىلار شۇ تۈپەيلى ئۇلارنى ئارىلىشىپ ئۆتۈش پۇرسىتىدىن م
كىچىك دوستلار بىر _ بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، ئاتا – ئانىلار قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك كۆپ ھاللاردا كىچىك دوستلار بىرگە ئويناش جەريانىدا بىر _ بىرى بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا _ ئانا بالىلىرىنىڭ شۇ بالىلار بىلەن بىرگە ئوينىشىنى چەكلەيدۇ . بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتى بالىلار پىسخولوگىيىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ماگىستىرى لۇجى مۇنداق دېدى:بالىلارنىڭ كىچىككىنە سۈركىلىش تۈپەيلى ئازار يەپ قېلىشى يامان ئىشمۇ ئەمەس، ئاتا _ ئانىلار شۇ تۈپەيلى ئۇلارنى ئارىلىشىپ ئۆتۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلماسلىقى لازىم. زىيان تارتىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرس. لۇجى بۇنى مۇنداق چۈشەندۈردى:بالىلار ئوخشىمىغان ئۈلپەتداشلار بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ئىجتىمائىي ئالاقە ماھارىتىنى ئۈگىنىدۇ ھەمدە ئادەتتە بىر_ بىرىگە ئاداۋەت ساقلاپ يۈرمەيدۇ، بۈگۈنى ئۇرۇشۇپ قالسا، ئەتىسىلا ئەپلىشىپ قالىدۇ، ئاتا _ ئانىلارنىڭ ئارىلىۋېلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بالىلار قاتتىقراق تالىشىپ قالغاندا، ئاتا _ ئانىلار ئەپلەشتۈرۈپ قويسا ھەمدە ئۇلارغا قانداق قىلسا توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسە بولىدۇ . ئەمما،""تارتقان زىيانلار"" نىڭ ھەممىسىگە يول قويۇۋېرىشكە بولمايدۇ. ئاتا _ ئانىلار بالىلىرى تارتقان زىياننىڭ ئەھۋالىغا قارىتا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك . 1. ئەگەر بالىسى سىرتتا دائىم زىيان تارتسا، ئۇ ھالدا بالىنىڭ مىجەزىدە مەسىلە بولىشى مۈمكىن، شۇنداق بولسا تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ،ئاتا _ ئانىنىڭ بالا تەربىيىلەشتىكى نۇقسانىنى ئاشكارلاپ بېرىدۇ. ئاتا _ ئانىلار بالىلىرىنى بەرىبىر ئەركىنلىك بوشلۇقىغا ئىگە قىلىش كېرەك، يەنى ئۇلار ئۆزلىرى قارار قىلسۇن، بالىدىن بەك كۆپ نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالمايلى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاتا _ ئانىلارمۇ ئىش قىلغاندا كەسكىن بولۇپ، بالىسىغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئادەتتە بالىلىرىنى كۆپرەك يېتەكلەپ، دوستلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغۇزۇپ، ئارىلىشىشنى ئۈگىتىش كېرەك . 2. بالىلىرى ئانچە مۇنچە زىيان تارتىپ قالسا ئاتا _ ئانىلار دېلىغول بولۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ .چۈنكى، ئانچە_مۇنچە زىيان تارتىپ تۇرغاندا، ئوخشىمىغان ئادەملەر بىلەن ئارىلاشقاندا ئوخشىمان ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى، ئارىلىشىش جەريانىدا، بەزى ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈش ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئىمكانىيىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------