ئويۇن ئويناش ئەقىل - ئىدراكنى كۈچە
يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-08 11:36 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئويۇن ئويناش ئەقىل - ئىدراكنى كۈچەيتىدۇ ھۆرىيەت ئابلەق بالىلىق دەۋر ئىنسان ھاياتىدىكى تولىمۇ گۈزەل دەۋر. ئۇلار بۇ دەۋردە قانغۇچە ئو
ئويۇن ئويناش ئەقىل - ئىدراكنى كۈچەيتىدۇ
ھۆرىيەت ئابلەق
بالىلىق دەۋر ئىنسان ھاياتىدىكى تولىمۇ گۈزەل دەۋر. ئۇلار بۇ دەۋردە قانغۇچە ئوينىشى كېرەك. بالىلار ئويۇن ئويناش جەريانىدا ھايات يولىنىڭ دەسلەپكى سېخېمىسىنى سىزىپ چىقىدۇ. ئۇلار مەيلى ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان ئويۇنلارنى ئوينىسۇن، مەيلى يېڭىدىن كەشىپ قىلغان ئويۇنلارنى ئوينىسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھايات مۇساپىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پراكتىكىسىدۇر. مۇشۇ پراكتىكا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇشىدا تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئويۇن ئويناش بالىلارنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئەقىل - ئىدرىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەشتۈرىدۇ.
ئويۇن ئويناش بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. بالىلار ئويۇن ئويناش جەريانىدا تەپەككۇر قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان نۇرغۇن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار تېپىشماق تېپىشىدۇ. ھۆل قۇملاردىن ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىنى ياسىشىدۇ. لايدىن نان، قاچا - قۇچىلارنىڭ مودېلللىرىنى ياساپ چىقىشىدۇ. چىۋىقلاردىن جىمبىل، سېۋەت، زەمبىللەرنى توقۇشىدۇ. قونچاقلىرىغا بۆشۈكلەرنى ياسىشىپ، پۇرۇچلاردىن كىيىم - كېچەك تىكىشىدۇ. ئات - ھارۋا ۋە قامچىلارنى ياسىشىپ، ئۇلارنى ھەيدەپ ئوينىشىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئويۇنلارنى ئويناش جەريانىدا تەكرار - تەكرار تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ. كۆڭلىدىكىدەك چىقمىغان مودىللارنى قايتا - قايتا ياساپ چىقىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ياسىغان مودېللاردىن كۆڭلى قانائەت تاپقاندىن كېيىنلا ئاندىن بولدى قىلىدۇ. بىراق، ئۇلار بىر قېتىم ياساپ ئوينىغان مودېللىرىنى ئوينىغان جايلىرىدىلا تاشلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئەتىسى ياكى ئۆگۈنى ئوينىغاندا، مۇشۇنداق ماددىلارنى يەنە باشقىدىن ياساپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق كۆپ قېتىم تەكرار تەپەككۇر قىلىش ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.
ئويۇن ئويناش بالىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەشتەك ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. ئۇلار كۆڭلىدە تۈزگەن لايىھىلىرىنى ئۆزلىرى قول سىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ. ئۇلار ياسىغان قونچاق، بۆشۈك، ئات - ھارۋا، ئۆي، نان، تونۇر، سېۋەت، زەمبىل، جىمبىل، قازان، قاچا - قۇچا قاتارلىق مودېللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ قول ھەرىكىتىنى چاققانلاشتۇرىدۇ. بۇنداق قول ھەرىكىتى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا ئۇ بىر خىل ماھارەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم بولۇشنىڭ زۆرۈر ئالدىنقى شەرتى.
ئويۇن ئويناش بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئەقلىي ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ. ھۆل قۇمدىن شۇنداق چىرايلىق ئۆي ۋە باغلارنى بىنا قىلىدىغان بىر ئوغۇل بالا بار ئىكەن. ئۇ ياسىغان ئۆيلىرىنىڭ چىرايلىقلىقى، پۇختىلىقى بىلەن باشقا دوستلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىۋىتىدىكەن. دوستلىرى ئۇنىڭغا ئۆي ياساشتا يېتىشەلمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭغا ئۇ ياسىغان ئۆيلەرنى بۇزۇۋېتىش ئارقىلىق تاقابىل تۈرىدىكەن. بىراق، بۇ بالا قايتىدىن تېخىمۇ چىرايلىق ئۆيلەرنى ياساپ چىقىدىكەن. بىراق، بۇ بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن دەرس ئۇقمايدىغان دۆتبالىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ھەر دائىم ئۇنىڭ ياسىغان ئۆيلىرىنى بۇزۇۋىتىدىغان ھېلىقى ھەسەتخۇر دوستلىرى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى نامايان قىپتۇ. بالىلىق دەۋردىكى ئۆي ياساش ماھىرى كېيىن ئوقۇتقۇچى بوپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق تارىخىنى لاياقەتسىزلىك بىلەن تاماملاپ دەم ئېلىشقا چىقىپ كېتىپتۇ. ناۋادا بۇ بالىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بىناكارلىق ئىقتىدارى بىرەر كەسىپ ئەھلى تەرىپىدىن بايقالغان، قوينى قاسساپ سويىدىغان ئەۋزەل شارائىتقا ئىرىشكەن بولسا، ئۇ بىناكارلىق مۇتەخەسىسسى بولۇپ، جەمئىيەت ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى ياراتقان بولاتتى.
دېمەك، ئويۇن ئويناش بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشتەك ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئەقلىي ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن تالانتلىقلارنى بايقاشتا ئۇيۇن ئويناشنىڭ تولىمۇ مۇھىم رولى ئوينايدىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئويۇن ئويناش ھوقۇقىنى رەھىمسىزلىك بىلەن تارتىۋالماسلىقى كېرەك.
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------