پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بىر ئۆسمۈر جىنايەتچىنىڭ بايانلىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-20 17:40 مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
پىسخولوگلار: «ئادەمدە خاتىرىلا بولىدىكەن چوقۇم تەشۋىشلىنىش بولىدۇ»دەپ قارايدۇ. دېمىسىمۇ تۇرمۇشتا ھەممىلا ئادەم تەشۋىشلىنىشنىڭ ھۇج

بىر ئۆسمۈر جىنايەتچىنىڭ بايانلىرى

 

تەشۋىشلىك ئەسلى ئادەمدىكى بىر خىل كۈچلۈك كەيپىيات ھادىسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مەنبەسى خىزمەت، ئۈگىنىش، تۇرمۇش قاتارلىق تەبئىي ئىجتىمائىي ھادىسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بېسىمدىن ئىبارەت. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەگەر بېسىم كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەندە روھى جەھەتتىن ئېغىر تەشۋىشلىك، قايغۇ-ھەسرەت، ھەتتا ئەسەبىيلىك كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پىسخولوگلار: «ئادەمدە خاتىرىلا بولىدىكەن چوقۇم تەشۋىشلىنىش بولىدۇ»دەپ قارايدۇ. دېمىسىمۇ تۇرمۇشتا ھەممىلا ئادەم تەشۋىشلىنىشنىڭ ھۇجىمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ خىلدىكى كەيپىيات ئىنكاسى نورمال ھېساپلىنىدۇ. مۇۋاپىق تەشۋىشلىنىش بولغاندا كىشىلەردىكى ئاكتىپچانلىقنى قوزغاپ، كۆزلىگەن نىشانغا يىتىش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. بىراق چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە كىشىلەرنىڭ پىسخىكىلىق، فىزئولوگىيىلىك ساغلاملىقىدا پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ. داۋاملىق تەشۋىشلىنىش بولىۋەرسە «تەشۋىشلىك كېسىلى»نى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىرلاشقاندا ئەسەبىيلىككە تەرەققى قىلىدۇ. بەزى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىشىدا ئۇلارنىڭ ئەينى شارائىتتىكى تەشۋىشلىك كەيپىياتىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىن چۈشىنىش، يېتەكلەش ۋە ئىلمىي، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەپ بولىدۇ.

تۆۋەندىكىسى جازا ئۆتەۋاتقان بىر ئۆسمۈر جىنايەتچىنىڭ بايانلىرى ئۇنىڭغا دەل مۇشۇ تەشۋىشلىك قانداق تەسىر كۆرسەتكەندۇ؟

ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار، مەن نېمە ئۈچۈن جىنايەت يولىغا مېڭىپ، تېخى كىچىكلا تۈرمىگە بېرىپ قالغانلىقىمنى بايان قىلىش ئارقىلىق، سىلەرنىڭ مېنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۈگىنىپ، ئاڭلىق ھالدا ئۆزۈڭلارغا مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەن ئەسلىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم، مانا ھازىر تۈرمىدە تۇرۋاتىمەن. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى قىزغىن، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مەكتەپ قوينىدا مېھرىبان ئۇستازلارنىڭ سەمىمى تەربىيسىدە ساغلام ئۆسۈۋاتقان ياش نوتا ئىدىم. مېنىڭمۇ مېھرىبان ئاتا-ئانام، ئىللىق ئائىلەم، كۆزلىرىدىن ئۈمىد نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان شوخ ھەم قىزغىن ساۋاقداشلىرىم بار ئىدى. بىز بىللە ئوينايتتۇق، بىللە ئوقۇيتتۇق، كەلگۈسى ھەققىدە تولىمۇ شېرىن ئارزۇلارنى قىلاتتۇق، ھېچقانداق غەم دېگەننى بىلمەيتتۇق. مەنمۇ ئۈگىنىش جەھەتتە سىنىپتا ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتىم. مۇئەللىم ھەمىشە مېنى ماختايتتى، داداممۇ ھەر دائىم:«ئوغلۇم بەك ئەقىللىق، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ» دەپ مەندىن سۆيۈنەتتى. مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى ئىزچىل ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتىم. بۇ مەزگىلدە مەن بىر قاتار يېڭى ساۋاقداشلار بىلەن تونۇشتۇم، ئاغىنە بولدۇم. بۇ ساۋاقداش ئاغىنىلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك كەچتە مېنى ئىزدەپ كېلەتتى. مەنمۇ بەزىدە ئۇلارنى ئىزدەپ باراتتىم. بىز بىللە مۇزاكىرە قىلاتتۇق، زېرىككەن چاغلاردا قىزلارنى ئېلىپ تانسىخانىغا باراتتۇق. كېيىنچە ھاراق ئىچىشنى، تاڭلار ئاتقۇچە تورخانىدا ئولتۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالدۇق. نەتىجىدە ئۈگىنىشتە چېكىنىپ كەتتىم. مەن بەزىدە ئۆزۈمگە پايدىسىز يولغا مېڭىپ قالغانلىقىمنىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ھېس قىلاتتىم. نېمە ئامال؟ 

«ئەل-ئاغىنە دېگەننىڭ يۈزىنى، كۆڭلىنى قىلمىساق، كىممۇ بىزنى ۋاي دەيدۇ. ئەلدىن ئايرىلغۇچە جاندىن ئايرىل دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟!». كۈنلەر شۇنداق ئۆتۈۋەردى، راست، ئىلگىركىلەر قالدۇرغان: «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەغدىرىڭ شۇنداق بولار» دېگەن سۆز ھەقىقەتەن توغرىكەن. مانا ھايت- ھۇيت دېگۈچە مەۋسۈملۈق ئىمتىھانلارمۇ كېلىپ قالدى. دادام يېققىندىن بۇيانقى ئەھۋالىمغا زەن سالغان بولسا كېرەك: «ئوغلۇم، ئوغۇل بالا دېگەن خەقنىڭ ئالدىدا قىزىرىپ تۇرسا نومۇس بولىدۇ، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ سەت ئىش يوق، ئۈگىنىشكە سەل كۆڭۈل بۆلۈپ قويغىن، ئازىراق تىرىشقىن، سەن دېگەن ئوقۇغۇچى، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەتلا ئوقۇش!» دەپ تەكىتلەپ قويدى. بۇ ئەسلىدە ماڭا نىسبەتەن ئەڭ سەمىمى تەنقىد ئىدى. گەرچە دادام كونا زىيالى بولسىمۇ ئىقتىسادى ئەھۋالىمىز دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى. بىراق يېققىندىن بۇيان كوچىدىكى ئاغىنىلەرنىڭ چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىپ، پوخۇر كىيىنىپ يۈرۈشلىرى، كىنو-تېلىۋېزورلاردىكى ھەر خىل مەئىشەتلىك تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، رەڭگارەڭ چىراقلار بىلەن بېزەلگەن دېسكوخانا، تورخانا ۋە خىلمۇ-خىل ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار ھەر دائىم خىيالىمدىن كەتمەيدىغان بولۇۋالدى. شۇنداق قىلىپ مەكتەپ ماڭا بارا-بارا مەنىسىز تۇيۇلۇشقا باشلىدى، كاللامغا دەرسمۇ كىرمەيدىغان بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ، تاپشۇرۇق نەتىجەمنىڭ تۆۋەنلىكى مېنى تولىمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ سىنىپ يىغىنىدا: «ئەكبەر قاپاق تۇرە- ھە، ھۇ دۆت! نومۇسنى بىلمەيدىغان شالتاق......» دەپ كايىپ كېتىشى مېنى ئوقۇشتىن بىراقلا بىزار قىلدى. مەن ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تىل-ئاھانەتلىرىدىن ئېغىر خورلۇق ۋە نومۇس ھېس قىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىم مەكتەپنى، ئوقۇشنى ئويلىسام كۆڭلۈم ئەنسىرەيدىغان، ۋۇجۇدۇمنى ئىختىيارسىز تەشۋىش بېسىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. ماڭا قىلچىلىكمۇ خۇشاللىق بېرەلمىگەن بۇ مەكتەپتىن ئاخىرى چېكىنىش قارارىغا كەلدىم. كوچىدىكى ئاغىنىلەر بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولدى. مەنمۇ ئەمدى ئۇلارغا ئەگىشىپ يۈرۈپ زېرىكىشلىك كۈنلەرنى بارا-بارا يانچۇق كولاپ ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم. شۇنداق يۈرۈپ ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، بۇ جەرياندا مەن كۆپ قېتىم يانچۇقچىلىق قىلدىم. تېخى تورخانىدىن ئاق تاماكا ئېلىپ چېكىپمۇ باقتىم، ئاخىرى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن قانۇن تورىغا چۈشتۈم. شاراقلاپ سېلىنغان سوغۇق غەيرىي سائەت ئىككى قولۇمنى ئاچچىق قىسقاندىلا خاۋالىت ئۇيقۇدىن سەگىپ ئۆزەمنى تاپقاندەك بولدۇم. مەن سوراق جەريانىدا مەكتەپتىن قالغانلىقىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم، بىراق مەن بەك، بەكلا كىچىككەن ئىدىم. ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەسكى بولمىغى بىر دەملىك ئىكەن. مانا مەن قانۇننىڭ ئادىل ھۆكۈمى بىلەن ئۈچ يىللىق تۈرمىدە ئۆزگىرىشكە كەلدىم. بۇ ئۈچ يىل گۈلدەك چاغلىرىم ئەمەسمىدى؟ ئالىي مەكتەپ ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان، بارلىق ئىقبال چېچەكلىرىم خۇشپۇراق چاچىدىغان مەزگىلىم ئەمەسمىدى؟ ئاھ، ئۈچ يىل!!!.........

مەن ئازغىنا ھوزۇر-ھالاۋەتنى، ساختا ئابروينى، بىمەنە تۇرمۇشنى چوڭ كۆرۈپ ئۆزۈمنى نابۇت قىلدىم، گۈزەل ئىستىقبالىم ۋەيران بولدى. ئاتا- ئانامنى، ئۇستازلىرىمنى بىھۇدە يەرگە قاراتتىم. مەن ھازىر رەزىل ۋە خۈنۈك ئۆتمۈشۈمنى ئويلىسام ناھايىتى خىجىل بولۇۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزگە ئوخشاش ئازغان ياشلارنى يەنىلا ئۈمىد بىلەن تەربىيلەپ چىقىش يولى، ئىستىقبال بەرگىنىدىن چوڭقۇر تەسىرلىنىۋاتىمەن. مەن تۈرمىگە كەلگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى، پىسخولوگلارنىڭ سەمىمىي يېتەكلىشىدە بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ، ئۆز قىلمىشىمغا ئاڭلىق توۋا قىلماقتىمەن. كېلەچىگىمنى ئويلىسام يەنىلا پۇرسەتنى قەدىرلەپ قانۇن، مەدەنىيەت پەنلىرىنى تىرىشىپ ئۈگەنمەكتىمەن. 

ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار، بۇ ئاددىي سالىمىم سىلەرگە ئازىراق بولسىمۇ نەسىھەت بولالىغىنىدا، سىلەرنىڭ مەندىن ئىبرەت ئېلىپ، ئائىلە ۋە مەكتەپتە تەربىيىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، قېتىرقىنىپ تىرىشىپ ئۈگىنىپ، كەلگۈسىگە ياراملىق ئەۋلاد بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 

مانا بۇ مىسالدىن كۆرۈش تەس ئەمەسكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ نامۇۋاپىق تەنقىد ئۇسۇلى ئەسلىدە ئۈگىنىش ئىشەنچىنى يوقۇتۇپ قويۇۋاتقان، ئاڭسىز ئېڭىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى باش كۆتۈرۈپ، بايلىق پۇل مەسىلىسىدە دىققىتى چېچىلىپ، تەشۋىشلىنىپ، قىزىقىشى بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچى پىسخىكىسىغا نىسبەتەن تېخىمۇ كاتالىزاتورلۇق رول ئويناپ، ئەسلىدە بار تەشۋىشلىكنى كۈچەيتىپ، قايغۇ-ھەسىرەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۋەتكەن. ئوقۇتقۇچى ئەسلىدە قوپال تەنقىد ئۇسۇلىنى قوللانماي تەربىيە گۈزەل ۋە سەنئەتلىك بولۇشى كېرەك دېگەن قائىدە بويىچە بۇ ئوقۇغۇچىغا ئىلھام بېرىپ، ئۈگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۈزلىكسىز تۈردە بىلىش قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۈگىنىش پوزىتسىيىسىگە پاسسىپ تەسىر قىلىۋاتقان نامۇۋاپىق قاراشلارنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، كەيپىياتىنى تەدرىجىي تۇراقلاشتۇرۇپ، مەكتەپكە ماسلىشىش قابىليىتىنى ئۆستۈرگەن بولسا، ئۇدۇل تۈرمىگە ئەمەس ئەكسىچە، مەلۇم ئالىي مەكتەپكە بارىدىغان ساغلام تەبىئەتلىك يېڭى قان بولاتتى.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئېلكىتابلار] بالدۇر ئويغانغان ئادەم [ 2011-12-01 15:52:03 ]
[ئېلكىتابلار] خوتەندىكى قەدىمكى ئىزلار [ 2011-12-01 15:46:43 ]
[ئېلكىتابلار] بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت (18-ئەسىر) ئەسلى نۇسخا [ 2011-12-01 15:41:55 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] مەن ياقتۇرغان ئېسل تور كۆرگۇ GreenBrowser [ 2011-12-01 15:09:54 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.0 رەسمىي نەشىرى [ 2011-12-01 14:51:34 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا پىنيىن تاپقۇ [ 2011-12-01 14:46:36 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] سۆز قوراشتۇرۇش ئويۇنى [ 2011-12-01 14:41:02 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 10-ئايلىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان نەتىجىسى [ 2011-11-23 17:04:36 ]
[تارىخى بىلىملەر] يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بەربات بولۇش تارىخى [ 2011-11-20 17:59:12 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى [ 2011-11-20 17:57:30 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر