پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلار تەربىيىسىدە چوڭلارنىڭ تەر

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-17 21:43 مەنبەسى: تور دۇنياسى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىلار تەربىيىسىدە چوڭلارنىڭ تەربىيىسى مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن ھاياتلىقتا ھەربىر ئوغۇل قىز ئاتا ئانا بولالايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەم
تەلەي +1

 بالىلار تەربىيىسىدە چوڭلارنىڭ تەربىيىسى

 


مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن



    ھاياتلىقتا ھەربىر ئوغۇل – قىز ئاتا – ئانا بولالايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەسئۇلىيەتچان ، ئۆزئارا سادىق ، ئائىلىدىكى مۇقەددەس بۇرچىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان بولۇشى ناتايىن . ھەممىلا پەرزەنتنىڭ باتۇر، قەيسەر ، ئىپپەتلىك ، كۆيۈمچان بولۇپ يېتىلىشى ناتايىن . پەرزەنتلەرنىڭ روھى ساغلام ، باتۇر، قەيسەر، جۇشقۇن ، ئەل–ۋەتەننىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغان ، ھايالىق ، ئەخلاقلىق ، مېھرىبان ، مەسئۇلىيىتىنى ۋىجدانەن ئادا قىلالايدىغان بولۇپ يېتىلىشىدە ئاتا–ئانىلارنىڭ تەسىرى ناھايىتى مۇھىم . ئەخلاقسىز ، چاكىنا ، مەسئۇلىيەتسىز ئانىلار ئەخلاقلىق ، نومۇسچان، ھايالىق قىزلارنى ھەرگىز تەربىيلەپ چىقالمايدۇ ؛ قورقۇنچاق ، ھورۇن ، مەسئۇلىيەتسىز، جىدەلخور ئاتىلار ئاق كۆڭۈل  ،سەمىمىي ، ئىرادىلىك ، باتۇر ، ئىشچان ، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئوغۇللارنى ھەرگىز تەربىيلەپ چىقالمايدۇ.
  ماھىيەتتىن ئالغاندا ، ئاتا–ئانىلارنىڭ ساپاسى بالىلارنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئاتا–ئانىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ، تەربىيلىنىش قاتلىمى ، ئىجتىمائى ئورنى ، ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئوخشاش بولمايدۇ . ئەمما بالا تەربىيىسىدە ئەخلاقنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ، جەمئىيەتنىڭ بالىلارغا قويىدىغان تەلىپى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ . ھازىر بەزى ئاتا–ئانىلار ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەننى ئاز دەپ ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ھەقىقىي مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ.
  ھازىر بىرقىسىم بالىلار ھەقىقەتەن ئەخلاقسىزلىشىپ كەتتى . نۇرغۇن ئاتا–ئانا بۇنداق بالىلارنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ . ئۇلار بۇرۇن بالىلارنى مەيلىگە قويۇۋەتكەچكە ، بالىلار ھاياسىزلىشىپ ، تاپتىن چىققاندا، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمايۋاتىدۇ . نوتا چېغىدىن ياخشى پەرۋىش قىلىنمىغان كۆچەتنىڭ تۈز ئۆسۈشى مۇمكىنمۇ!؟
  پەرزەنتنى ھېچكىم ئۆز ئاتا–ئانىسىدەك مەسئۇليەت تۇيغۇسىدا تەربىيىلىيەلمەيدۇ . ئائىلە بالىلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى ، ئاتا–ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى . بۇ بالىلار تەربىيىسىدىكى ئەقەللىي ساۋات . چۈنكى بالىلارنىڭ ئائىلىدە بولىدىغان ۋاقتى ئەڭ كۆپ بولىدۇ . ئاتا –ئانىلارنىڭ مىجەز–خاراكتېرىمۇ بالىلارغا سەبىيلىكىدىن باشلاپ سىڭىدۇ . شۇڭا بالا تەربىيىسىدە ئاتا–ئانا ئالدى بىلەن ئۆزىنى ياخشى تەربىيلەپ ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇپ ، ئائىلىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ، ئەخلاقىي پەزىلىتى ، خىسلىتى ، پاك روھى ، دىيانىتى ، گۈزەل قەلبى ئارقىلىق بالىلارغا ئۈلگە بولالىسىلا ،بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ.
 
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر