پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويمايلى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-15 23:25 مەنبەسى: رادىئو تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەسلىدە قىزى باغچىغا كىرىشتىن ئىلگىرى «O» ھەرپىنى ئالما، قۇياش ، پۇتبول، تۇخۇم قاتارلىق يۇمىلاق نەرسىلەرگە ئوخشىتىپ تەسەۋۋۇر قىلال
تەلەي +1

 

بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويمايلى

 

گۇلنار ئابلىز

 

جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە، ھەتتا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارغىمۇ ھەر جەھەتتە يۇقىرى تەلەپ قويۇلماقتا. ھازىر يەسلىلەردە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ دەرسلىكى ئالدىن ئۆتۈلىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ ھە دېگەندىلا سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا كىچىكىدىنلا يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، بالىلارغا زىيادە بېسىم قىلىۋاتىدۇ. 

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ نېۋادا ئىشتاتىدىكى بىر ئايال بالىلار باغچىسى قىزىمنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويدى، دەپ ئەرز قىلغان. ئەسلىدە قىزى باغچىغا كىرىشتىن ئىلگىرى «O» ھەرپىنى ئالما، قۇياش ، پۇتبول، تۇخۇم قاتارلىق يۇمىلاق نەرسىلەرگە ئوخشىتىپ تەسەۋۋۇر قىلالايدىكەنتۇق، بىراق، باغچىغا كىرىپ 26 ھەرپنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، قىزى ئۇنداق تەسەۋۋۇر قىلالماس بولۇپ قالغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن، نېۋادا ئىشتاتلىق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا سوت ئاچقان، نەتىجىدە بالىلار باغچىسى دەۋادا يېڭىلگەن.

ئامېرىكىنىڭ «پۇقرالار ھوقۇقى قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: بالىلارنىڭ بالىلار باغچىسىدا مۇنداق ئىككى ھوقۇقى بولىدۇ: بىرى، ئويناش ھوقۇقى، يەنە بىرى نېمە ئۈچۈن؟ دەپ سوئال سوراش ھوقۇقى. ئامېرىكىدا مائارىپ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئاتا-ئانىلارنىڭ ھوقۇقى، دەپ قارىلىدۇ، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، تەربىيەلىنىشتىن بەھرىلىنىش ھوقۇقى، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئېلىمىزدە نۇرغۇن ئاتا - ئانا بالىلارغا بالدۇرلا مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ. شۇڭا، بالىلار دوگما ئۆگىتىش ئۇسۇلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشتەك ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

ئېلىمىزدىكى يەسلى مائارىپىنىڭ «باشلانغۇچ مەكتەپلىشىش» ئەمەلىيىتى ئىمتىھان مائارىپىنىڭ بالىلار باغچىلىرىغا كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
بالىلارنىڭ ئەركىن ئويناپ، تۇغما قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەندىلا، ئۇلار ئىجادچانلىق روھىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلەيدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ تاشقى شەيئىلەرگە بولغان تەسىرات ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپ تەلىم بېرىپ، يۆنىلىش بويىچە يېتەكلىگەندە، بالىلار تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] پېشقەدەم تىلشۇناش، تەتقىقاتچى-مىرسۇلتان ئوسمانوف [ 2012-02-15 23:50:21 ]
[تارىخى بىلىملەر] بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى [ 2012-02-15 23:48:45 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] گىتلېر ئۆلۈمىنىڭ مەخپىيەتلىكى [ 2012-02-15 23:47:23 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئابدۇخالىق ئۇيغۇر [ 2012-02-15 23:42:39 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئىران زۇڭتۇڭى - ئەخمەد نىجاد [ 2012-02-15 23:38:59 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئايپادنىڭ ماركا ھوقۇقى ھەققىدىكى ماجىرا زادى قاند [ 2012-02-15 23:36:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەق ئېلىشنى ئاشكارىلاش تۈزۈم [ 2012-02-15 23:34:58 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] گۇگىل شىركىتى 1مىليارد 200مىليون ئامېرىكا دوللىرى خ [ 2012-02-15 23:32:10 ]
[كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش] Windows 7 سىتېمىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشنىڭ ئەپچىل ئۇ [ 2012-02-15 23:29:50 ]
[ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى] ئىرادىسىز ئوقۇغۇچى قانىتى يوق قۇشقا ئوخشايدۇ [ 2012-02-15 23:27:01 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر