پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-07 22:09 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئائىلە تەربىيەسىنىڭ قانداق بولۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تەلەي +1

 

ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

 

مەمەت ئېزىز

 

ئائىلە تەربىيەسىنىڭ قانداق بولۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا قوش تىل ئوقۇتۇشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرۋازىسىغا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە دەرسلىرىنىڭ خەنزۇچە ئۆتۈلۈشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئۇلاردا ئوقۇشتىن زېرىكىش، جەمئىيەتتىكى ئەركىن تۇرمۇشقا تەلپۈنۈش، خالىغىنىنى قىلىپ بېقىشقا ئىنتىلىش خاھىشى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا، ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىللە، بالىلىرىنىڭ ئەخلاق ساپاسىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلاردا توغرا دۇنيا قاراش، تۇرمۇش قارىشى، تۇرمۇش قارىشىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار مېنىڭچە تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
1. ئۆزلىرىدىكى ئېسىل ئەخلاق ئادىتى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك. تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، ئاتا-ئانىلار ئەزەلدىن پەرزەنتلىرىنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولۇپ، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئۆگىنىپ، پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى بىلەن تونۇشۇپ، دۇنيانىڭ سىرلىرىنى يېشىشنى ئۆگىنىدۇ. ئۆيگە كەلگەندە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى كۆرۈپ، گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تەربىيە ئالىدۇ. ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە مېھرىبانلىقى، ئۆزئارا ھۆرمىتىنى كۆرۈپ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىدۇ ھەم باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ۋۇجۇدىدىكى ئادىمىيلىك جەۋھەرلىرىنى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشى، گەپ-سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.
2. پەرزەنتلىرىگە ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئائىلىدە پەرزەنتلىرى قىزىققانغا قىزىقىشى، ئۇلار بىلەن دوستلاردەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىردىشىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا بولغان ھۆرمىتى، مۇھەببىتى كۈچىيىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى، تەربىيەسىنى ئەستايىدىل ئاڭلايدۇ. ئۆزىدە ئاتا-ئانىلىرىغا ئوخشاش سەمىمىي، قىزغىن مىجەز-خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
3. پەرزەنتلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. بالىلىرىنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى كۆپ ماختىماسلىقى، يېتەرسىزلىكىنى تەگەۋەرمەسلىكى، شۇنداقلا غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
 
4. پەرزەنتلىرىدە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئىجابىي تەربىيەنى، ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۇلاردا قىيىنچىلىققا باش ئەگمەسلىك، ئارزۇ-مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
قىسقىسى، ئاتا-ئانىلار ھازىرقى زامان ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە ئەخلاق ساپاسى يۇقىرى، بىلىملىك ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنى ئەخلاقلىق، غايىلىك، ياراملىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت پىسخىكىسى] قانداق قىلغاندا بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈر [ 2012-02-07 22:11:24 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسى [ 2012-02-07 22:09:47 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] قابىلىيەت ۋە تالانت ـــ ئېرسىيەتتىنمۇ ياكى تەربىي [ 2012-02-07 22:07:54 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېت [ 2012-02-07 22:01:16 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىل [ 2012-02-07 21:59:25 ]
[باشقا رەسىملەر] ئادەمنىڭ ئەڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان قاتناش ۋەقەلىر [ 2012-01-25 04:04:12 ]
[باشقا رەسىملەر] بۇ ئاياغنى كىيىشكە جۈرئەت قىلالامسىز؟ [ 2012-01-25 04:02:11 ]
[باشقا رەسىملەر] كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ياغاچ ھەيكەللەر [ 2012-01-25 03:59:54 ]
[باشقا رەسىملەر] كۆزنى ئالدايدىغان رەسىملەر [ 2012-01-25 03:55:08 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئىككى يىغىن خەۋەر ۋە دوكلات ماتىريال توپلىمى [ 2012-01-17 00:08:14 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر