![]() |
ياپۇنىيە بالىلىرىنىڭ غايىلىرى ياپۇنىيەدىكى «بىرىنجى ھاياتلىق » دەيدىغان بىر سۇغۇرتا شىركىتى 1989-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى پۈتكۈل ياپۇنىيەدىكى يەسلى بالىلىرى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، بۇ بالىلاردىن چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىدىغانلىغىنى سورىغان ، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە قارىتا ئىستاتىستىكا ئېلىپ بارغان بولۇپ . تەكشۈرۈش نەتىجىسى تۈۋەندىكىدەك بولغان. ئوغۇل بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان كەسىپلەر تۇۋەندىكىددەك تىزىلغان. بىرىنجى ئورۇنغا تىزىلغىنى : كالتەك توپ ماھىرى . ئوغۇل بالىلار ئىنتىلىدىغان بۇ كەسىپ 6 يىل ئۇدا بىرىنجى ئورۇنغا تىزىلغان .بۇنى ئەلۋەتتە چۈشىنىشكە بولۇدۇ ، چۈنكى ياپونىيەلىكلەر بولۇپمۇ ئەرلەر ھەممىسى دېگۈدەك كىچىكىدىن باشلاپلا كالتەك توپ مۇسابىقىسى كۆرۈپ چوڭ بولدىكەن . ئىككىنجى ئورۇنغا تىزىلغىنى : پۇتبۇل ماھىرلىرى، ئاشۇ دۇنيا پۇتبۇل مۇسابىقىلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى دەرياغا ئاتىدىغان توپ مەستانىلىرىغا قارايدىغان بولساق ، بۇنىمۇ ئەلۋەتتە چۈشىنىششكە بولۇدۇ . ئۈچىنجى ئورۇنغا تىزىلغىنى : يېمەك-ئىچمەك كەسپى . قارىغاندا بۇ كىشىلەر ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم ئوخشايدۇ . بۇنى جۇڭگولۇقلارغىلا ماس كېلىدۇ دېسەك بولمىغىدەك . بىراق ، ئەگەر مۇشۇ خىل ئارزۇسىنى جۇڭگولۇق بالىلار ئوتتۇرىغا قويۇدىغان بولسا % 80 ~ % 90 ئاتا-ئانىلار چوقۇم بۇ بالىلارنى يارامسىز دېيىشى تۇرغانلا گەپ . ئۇندىن باشقا ئوغۇل بالىلار شوغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كەسىپلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا، ئالىم بولۇش، ئاشپەزلىك(يەنىلا يېمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك )، تراللىبۇس ياكى ئاپتوبۇس شوپۇرى ، دوختۇر، ساقچى ، ئوت ئۈچۈرۈش خادىمى، ياغاچچى بولۇش قاتارلىقلار . ھالبۇكى قىز بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان كەسىپلەر تۇۋەندىكىدەك تىزىلغان بىرىنجى ئورۇنغا تىزىلغىنى : يېمەك-ئىچمەك كەسپى . قىز بالىلار ئىنتىلىدىغان بۇ كەسىپ 13 يىل ئۇدا بىرىنجى ئورۇنغا تىزىلغان . قىز بالىلار ياخشى كۈرۈدىغان يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرىدىن ئاساسلىقى تاتلىق يېمەكلىكلەر دۇكانلىرى ، تورت دۇكانلىرى دېگەندەك بېزىلىشى مودا يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى ئىكەن . قىزلارنىڭ بۇ خىل «شېرىن غايىسى»نى ئىنتايىن توغرا چۈشىنىشكە بولۇدۇ ئەلۋەتتە. ئىككىنجى ئورۇنغا تىزىلغىنى : بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىسى . بۇنىڭدا ، بۇ قىزلارنى دېمەيلا قويايلى ، ئەلۋەتتە ئادەتتىكى ئانا بولغۇچىلارمۇ كۇندە دېگۈدەك كىچىك بالىلار بىلەن بىرگە ئويۇن ئويناش ، قۇرۇتلارنى تۇتۇپ ئويناش نېمىدىگەن كۆڭۈللۈك ئىش-ھە . ئۈچىنجى ئورۇنغا تىزىلغىنى : سىستېرالىق يۇقىرىدىكى ئۈچىدىن باشقا قىزلار ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان كەسىپلەردىن مال دوختۇرلۇقى (بۇنداق بولغاندا كۈندە دېگۈدەك كىچىك ھايۋانلار بىلەن بىرگە ئوينىيالايدۇ ) ، گۈل دۇكىنى خوجايىنى (بۇنداق بولغاندا ھەر كۈنى رەڭگا-رەڭ گۈل دۇنياسىدا خوشال-خۇرام ياشىيالايدۇ ) دېگەندەك ، ئۇندىن باشقا يەنە قىزلار ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان ناخشىچى بولۇش ، ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى ، كارتۇن لايىھەلىگۈچىى بولۇش قاتارلىقلار . موتلەق زور كۆپچىلىك ياپۇنىيەلىك بالىلارنىڭ غايىسى شۇنداق گۈزەل ھەم ساددا ، ئەمما بۇ بالىلارنىڭ ئاشۇ غايە-ئارزۇلىرىنى كۆڭۇل قويۇپ كۈزىتىدىغان بولساق ، ناھايىتى ئېنىقكى چوڭ بولغاندىن كېيىن سىياسىئون ياكى زوڭلى ، ۋەزىر بولۇش غايىسى بارلار يوق دېيەرلىك . قارىغاندا ياپۇنىيەنىڭ زوڭلى ، ۋەزىر ئالمىشىش ئىشلىرى بالىلارغىمۇ يامان تەسىر ئېلىپ كەلگەندەك قىلىدۇ . چۈنكى ياپونىيەدە زوڭلى ، ۋەزىر بولۇش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىشمۇ ئەمەس ، بۇگۈنى تەختكە چىقسا ئەتىسىلا چۈشۈپ كېتىدۇ . ئالمىشىش سۈرئىتى خۇددى مەكتەپتىكى دىجورنىلىققا ئوخشاش . ئاخىرىدا ئۆيۈمدىكى بالام توغرىسىدا ئازراق توختۇلۇپ ئۆتەي ، ئەمدىلا 9 ياشقا قەدەم قويغان بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تېخى يېقىندىلا تېلېۋىزوردىن خەلقئارا خەۋەر كۈرۈۋاتاتتى ، خەۋەردە بىر توپ ئامېرىكىلىقنىڭ ئوباما زوڭتوڭغا قارشى نامايىش قىلغان كۈرۈنۈشى چىقىۋىدى ، ئۇ مۇندىق دەيدۇ «تەلىيىمگە ياخشى ئادەتتىكى ئادەم بولۇپ قاپتىكەنمەن ، زوڭتوڭ بولۇش خىيالىممۇ يوق » . مەن ئۇنىڭدىن « نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيسىز؟»دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى « زوڭتوڭ بولسا شۇ سايلانغان ۋاقىتنىڭ ئۈزىدە ناھايىتى خوشال بولۇدىكەن ، خۇددى ھەممە نەرسىنى ئۇتۇۋالغاندەكلا ، قاراپ باقە ئوباماغا ، سايلام ۋاقتىدا ھەممە ئادەم ئۇنى قوللاپ ھالى قالمايدىكەن ، شۇنداق سايلىنىپ زوڭتوڭ بولۇشىغىلا ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇدىغانلار شۇ ھامان چىقىدىكەن » . بۇ گەپلەر بىر بالىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتىدۇ ، مەن شۇندىلا كۆڭلۈمدە ئويلاندىم ، بۇ بالىلارنىڭ كاللىسى نېمانداق مۇرەككەپلىشىپ كەتكەندۇ -ھە. بىر كۈنى مەن بالامنى پىئانىنو ئۆگىنىشكە ئېلىپ كېتىۋاتاتتىم ، ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ھەر بىر ئۆينىڭ ئالدىدىكى چىرايلىق قىلىپ ياساپ قويۇلغان خۇسۇسى پوچتا ساندۇقلىرىنى كۆرۈپ ماڭا: «ئاپا، مەن چوڭ بولغاندا پوچتالىيۇ بولىمەن » دېدى. مەن بالامدىن «نېمە ئۈچۈن» دەپ سورىدىم. «چۇنكى پوچتالىيۇن ھەر بىر ئۆينىڭ خۇسۇسىي پوچتا ساندۇقلىرىنى خالىغانچە كۆرەلەيدۇ، قانچە ئۇزۇن كۆرگۈسى كەلسە شۇنچە ئۇزۇن كۆرەلەيدۇ ، قارىغىنا يول بويىدىكى ئۇ ئادەملەرگە ، ئۇلارنىڭ پوچتا ساندۇقلىرى نېمە دېگەن چىرايلىق -ھە .ئەگەر مەن پوچتالىيۇن بولسام كېيىن ئاشۇ چىرايلىق پوچتا ساندۇقلىرىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرالايمەن ، شۇنداق بولسا نېمە دېگەن ياخشى » . قاراڭلار بۇ بالىلارنىڭ كاللىسىغا ، قارىماققا مۈرەككەپتەك تۇرغان بىلەن ئەمەلىيەتتە يەنىلا ئاددىي .
|