پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىلارغا سۇ چېچەك چىقسا

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-04 14:19 مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
سۇ چېچەكنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى بەك كۈچلۈك، ئالتە ئايلىقتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. بىر يىلنىڭ تۆتىلا پەسلىدە يۇقىدۇ
تەلەي +1

 

بالىلارغا سۇ چېچەك چىقسا

 

  سۇ چېچەكسۇ چېچەك ۋىرۇسىدىن بولىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، سۇ چېچەك ئۆمۈرلۈك ئىممۇنىتېتلانغاچقا ئىككىنچى قېتىم قوزغىلىشى ئىنتايى ئاز كۆرۈلىدۇ. سۇ چېچەكنىڭ يۇقۇملاندۇرۇشى بەك كۈچلۈك، ئالتە ئايلىقتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. بىر يىلنىڭ تۆتىلا پەسلىدە يۇقىدۇ. كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئازراق قىزىيدۇ، بىر قىسىملار ئوتتۇراھال قىزىيدۇ، چۈشكۈرىدۇ، ماڭقىسى ئاقىدۇ، يۆتىلىدۇ، بەدىنى ئارامسىزلىنىدۇ، بىر نەرسە يېگۈسى كەلمەيدۇ، بىرئىككى كۈندىن كېيىن تاشما چىقىدۇ، تاشما ئاساسەن يۈز قىسمى ۋە گەۋدىدە كۆرۈلىدۇ، پۇتقولدا ئاز بولىدۇ. دەسلەپتە دۆڭچە ئەسۋە، داغلىق ئەسۋەدىن باشلىنىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ئۇچۇققا ئۆزگىرىدۇ، ئۇچۇق سۇ تامچىسىدەك سۈزۈك بولۇپ، ئۇنىڭ چۆرىسى قىزىل بولىدۇ ۋە قىچىشىدۇ، بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ئۆتكەندىن كېيىن سۇ چېچەك قۇرۇپ، تارىيىپ قاقاچ بولىدۇ. تاشما تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ چىقىدۇ، ئادەتتە داغلىق ئەسۋە، دۆڭچە ئەسۋە، ئۇچۇق، قاقاچ قاتارلىقلار بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ. قاقاچ چۈشۈپ كەتكەن قىسقا مۇددەت ئىچىدە سۇس تاتۇق بولىدۇ. بىر كۈندىن كېيىن تاتۇق ئىزى قالمايدۇ، بىراق سۇ چېچەك بەك قىچىشقاچقا، بىمار بەك بىئارام بولۇپ تاتىلاپ ئۇچىنى بۇزۇۋېتىپ، قايتا يۇقۇملاندۇرىدۇ، سۇ چېچەك يىرىڭ چېچەككە ئۆزگىرىپ، قىزىل دائىرىسى كېڭىيىدۇ، كېسەل تېرە يۈزىدىن ئۆتۈپ قاقاچنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، قاقاچ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن تاتۇق بولىدۇ. سۇ چېچەكتىن تاتۇق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇنداق قىلىش كېرەك:

   بىرىنچى، تېرىنى پاكىز تۇتۇش، ئىچ كىيىمنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، باكتېرىيە بىلەن قايتا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

   ئىككىنچى، تېرە قىچىشسا فلور فېنىرامىن ھەم مۇۋاپىق مىقداردا ئوسما يىلتىزى ئىستېمال قىلىش ھەمدە بىرئىككى پىرسەنتلىك گېنتئان ۋىئولېت سۈرۈش لازىم.

   ئۈچىنچى، بالىنىڭ قولىنى پاكىز يۇيۇش، تىرنىقىنى ئېلىۋېتىش ۋە كېچىدە قولىنى ئوراپ قويۇپ، چىچەكنى تاتىلاپ ئۇچىنى بۇزۇۋېتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

   تۆتىنچى، ئىككىنچى قېتىم يۇقۇملىنىپ ھۆكۈنەك توقۇلما ياللۇغى ۋە سېپتىتسېمىيە بولسا، ۋاقتىدا كېسەلگە قارشى دورا بىلەن داۋالاش لازىم.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلار ئاپېلسىننى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك [ 2012-01-05 18:24:58 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئاپا، ئارزۇيىڭىزنى چۈشەندىم [ 2012-01-05 18:22:22 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] EXCEL سانلىق مەلۇمات بىرتەرەپ قىلىش ياردەمچىسى [ 2012-01-04 15:24:24 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] EXCEL توپلانما قورال قۇتىسى [ 2012-01-04 15:18:47 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] PDF、PDG、WDL بىرلەشتۇرۇلگەن ئېلكىتاب ئوقۇغۇچ [ 2012-01-04 15:07:24 ]
[تولۇقسىز 2-ماۋسۇم] 7-يىللىق 2-ماۋسۇم خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىق [ 2012-01-04 14:59:34 ]
[تولۇقسىز 1-ماۋسۇم] 9-يىللىق 1-ماۋسۇم ئىدىيە سىياسى دەرس تەييارلىق 9年级 [ 2012-01-04 14:56:25 ]
[تولۇقسىز 1-ماۋسۇم] 9-يىللىق خەنزۇتىلى 1-ماۋسۇم دەرس تەييارلىق [ 2012-01-04 14:42:23 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارغا سۇ چېچەك چىقسا [ 2012-01-04 14:19:45 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارغا دورا بەرگەندە ئىلمىيلىكنى ئۇنتۇپ قالماڭ [ 2012-01-04 14:18:06 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر