![]() |
بالىلاردىكى ئۇيقۇچانلىق كېسىلى ئۇيقۇچانلىق كېسىلى قىسمەن بالىلاردا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بۇ بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، روھىي، جىسمانىي، پىسخىكا ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق پىسخولوگىيەلىك داۋالاش بۆلۈمىنىڭ ۋىراچى گۈلبەھرەم ئابلادىن ئىگىلىشىچە، ئۇيقۇچانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا ئادەتتە كۈندۈزى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلايدىغان، پىنھان مۇھىتنى ۋە جىمجىتلىقنى، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان، ئەستە تۇتۇشى ناچار، ئىنكاسى ئاستا، ماغدۇرسىزلىنىدىغان، كۆرگەنلا يېرىدە يېتىپ ئۇخلاپ قالىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن، كېسىلى ئېغىر بولغانلار ئۆزىنى كەمسىتىپ، جەمئىيەتتىن، كىشىلىك تۇرمۇشتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك، ياشاشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۈندىلىكمەشغۇلات ۋاقتىنى ئىلمىي، سىستېمىلىق، كونكېرت پىلانلاپ، كۈنتەرتىپ تۈزۈپ، ۋاقىتنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، كۈندۈزلىرى كۆپرەك ھەرىكەت قىلدۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، تەڭتۇشلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ئالاقە ئورنىتىشنى ئۆگىتىشى كېرەك ئىكەن.
|