بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار 1. بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇلارغا كۆپ سۆزلەپ بېرىش كېرەك. ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلار پىكىر ئالماشتۇرغاندا، سىزنىڭ سۆزلىگەن ھەر بىر سۆزىڭىز، ھەر بىر يېڭى ئىشىڭىز بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاتا – ئانىلار ئۇلارغا كۆپ سۆزلەپ بەرسە، بالىلار ئەقىللىق چوڭ بولىدۇ. 2. بالىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە مەدەت بېرىش كېرەك. بالىلارنى تەربىيىلەشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بالىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. ھازىر كىشىلەردە بالىلارنىڭ ئەقىللىق بولۇشىغا نىسبەتەن بىر خىل خاتا قاراش بار، ئۇلار بىلىم توپلاش بىلەن ئەقىللىق بولۇشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئەقىل ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. مۇبادا، پەقەت بالىلارنىڭ مېڭىسىگە بىلىملا قاچىلاپ، ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگەتمىگەندە، بالىلارنى ئەقىللىق قىلىپ تەربىيىلىگىلى بولمايدۇ. 3. بالىلارنى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ماھىر بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئېينىشتىيىن ‹‹بىرەر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىشتىنمۇ مۇھىم›› دېگەنىدى، شۇڭا بالىلارنى ئەقىللىق تەربىيىلەش ئۈچۈن ئۇلارنى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ماھىر قىلىپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. 4. بالىلارغا بېسىم قىلماسلىق كېرەك. بېسىم بالىلارنىڭ پسىخىكىسىغا ئەكس تەسىر قىلىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا – ئانىلار بالىلارغا كۆيۈنۈپ غەمخورلۇق قىلغاندا، بالىلارنىڭ نېرۋىسى جانلىنىپ كېتىدىكەن. شۇڭا خۇشاللىق بالىلارنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان مەنبە ھېسابلىنىدىكەن. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|