بىز ئاتا– ئانىلارنىڭ بالىلىرىنئ ‹‹ھە بالام گەپ قىلىڭە ، ھىم ، نىمە بولدى ، ھە نىمە دەيسىز››دەپ سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز . ئۇنداقتا بۇنىڭ ئىلمىيلىكى بارمۇ ؟ ئاتا–ئانىلارنىڭ ئايىغى ئەمدىلا چىققان بالىلارغاگەپ قىلغاندا ‹‹ھە،ھىم››دېگەندەك گەپلەرنى كۆپرەك دەپ بەرگىنى ھەرگىزمۇ ئۇلارغا ناچار ئۈلگە بولغانلىقى ئەمەس . تەتقىقاتچىلار بۇنداق سۆزلەرنى دەپ بەرسە ، ئەمەلىيەتتە بالىنىڭ تىل ئۈگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە ، ئاتا–ئانىلار گەپ قىلغاندا ئازراق كالۋالاشسا ، بالىلار بۇنىڭدىن بىرەر يېڭى نەرسە ئۈگىنىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ ، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدىكەن . بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىنىڭ دېيىشىچە ، پەقەت ئىككى ياشتىن ئاشقان بالىلارغا شۇنداق دەپ بەرسە ، بىرەرروشەن ئۈنۈمى بولىدىكەن . بۇنىڭ سەۋەبى يېشى بەك كىچىك بالىلار ئاتا–ئانىسىنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئىككىلىنىشى ، كېكەچلىشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن . ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : بىز ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا گەپ قىلغاندا قەستەن راۋان سۆزلىمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلمايمىز. بىراق مەن (ھە،ھىم)دېگەن ئىملىقلارنىڭ مول مەزمۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ، بالىلارغا ياردىمى بار دەپ قارايمەن››. تەھىرلىگۇچى:نالە
|