بىر ئادەم كۈچلىنىشى ئۈچۈن باشتا مەنىۋى جەھەتتىن قۇدرەتلىنىشى كېرەك. يەنى كۈچلۈك ئىرادىلىك بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا قانداق قىلىپ ئىرادىلىك بولغىلى بولىدۇ؟ مىنىڭچە، ئىرادە مۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا پەيدا بولىدۇ ۋە بارغانسىېرى كۈچلىنىپ بارىدۇ: بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيتى، غايىسى ۋە قىسقىغىنە ھاياتىدا بەزى ئىشلارنى قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندە، مېنىڭچە شۇ ئادەمدە ئەنە مەجبۇرىيەت ۋە غايىسىگە چۇشلۇق ئىرادە پەيدا بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇ مەجبۇرىيەت ۋە غايىسىنى ھەر ۋاقىت سەمىدىن چىقارمىسىلا شۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغۇچە ۋە غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە ئىردە يوقىمايدۇ، بەلكى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. مىسال ئۈچۈن، شۇ مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ۋە غايە ماڭا ئىرادە بەخش ئەتكەن ھەمدە مېنى بۈگۈنكى پۈرسەتلەرگە ئېرىشتۈرگەن. ئاتا-ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك ئەجر سىڭدۈرگەنلىكىنى بىر خۇدايىم بىلىدۇ، بىر ئۆزەم بىلىمەن. ئەنە شۇ «ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە ياخشى جاۋاب قايتۇرىمەن ۋە خەلقنىڭ بۈگۈنكى جاپالىق ئەھۋالدىن قۇتۇلىشىغا تۆھپە قوشىمەن» دىگەن مەجبۇرىيەت ۋە غايىلەر ماڭا ئىرادە ئاتا قىلغان. ئىشىنىمەنكى، سىزمۇ ئەگەر ئەتراپىڭىزغا قاراپ باقسىڭىز__ مەجبۇرىيتىڭىزنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى، غايىڭىزنىڭ تېخى قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىڭىزنى، ۋاقىتنىڭ نەقەدەر تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز-دە، مەلۇم بىر ئەھمىيەتلىك ئىشنى قىلىشقا ئىردە باغلايسىز، مۇبادا سىز ئاشۇ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزنى ھەر زامان ياد ئېتىپ تۇرسىڭىز ھەم شۇنىڭ كويىدا بولسىڭىز سىزدىكى ئىرادە مۇستەھكەملىشىپ بارىدۇ. بەلكى بەزىلەر « مەن مەجبۇرىيتىمنى بىلىمەن، غايەممۇ بار، ئەمما يەنىلا كۈچلۈك ئىردە يوق» دىيىشى مۇمكىن، مېنىڭچە مۇنداق ئادەملەرنىڭ مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ئاجىز، غايىسى كۈچلۈك ئەمەس. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدە يېتەرلىك ئىرادىنى پەيدا قىلىدىغان ئېغىر مەجبۇرىيەتنى ۋە ياكى غايىنى ھېس قىلالمىغان بولسىڭىز، مېنىڭ سىزگە بېرىدىغان تەكلىپىم- سىرتقا چىقىپ، ئۈرۈمچى دۆڭگۆۋرۈكنىڭ بازارلىرىنى ئايلىنىپ كۆرۈڭ، ئىقتىسادىي شارائىتىڭىز يار بەرسە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ناھىيە ۋە قىشلاقلىرىغا بېرىپ، ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ ياشاۋاتقان دېھقانلارغا ۋە كوچىدا جان بېقىش ئۈچۈن «تاماك، گازىر ساتىمەن» دەپ تەلمۈرۈپ يۈرگەن سەبىي بالىلارغا قاراپ بېقىڭ ھەمدە يەنە شۇ كوچىدە 60~70 ياشتىن ئاشقان ئاق چاچلىق بوۋاي-مومايلارنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن ئۆپكە-ھېسىپ ۋە ياكى كاللا-پاقالچاق ساتىمەن دەپ يۈرگەن ھالىتىگە نەزەر سېلىڭ…. ئىشىنىمەنكى، ھەر قانداق بىر ۋىجدان بار ئىنساندا ئەنە ئاشۇنداق بىر ئېچىنىشلىك ئەھۋالنى كۆرگەندە، كۆزىگە يىغا كەلمىگەن تەقدىردىمۇ « مەن تىرىشاي، كەلگۈسىدە بولسىمۇ خەلقىمنىڭ تۈۋرۈكى بولۇش ئۈچۈن تىرىشاي» دىگەندە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولماي قالمايدۇ ھەمدە شۇنىڭغا ماس ھالدا مەلۇم ئىرادىمۇ پەيدا بولىدۇ.
|