بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇ
يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-24 15:14 مەنبەسى: بەشتاش تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەستايىدىل بىر ئانا تاپشۇرۇش ئىشلەۋاتقان ئوغلىنى كۈزۈتۈپ باقسا بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ئوغلى بىردەم سۇ ئىچىپ، بىردەم ھاجەتخا
بالىلاردا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويغان: بالىلارنىڭ ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئاتا-ئانىلار ياخشى كۆرۈشكە بولغان خاتا چۈشەنچىدىن قۇتۇلۇش كېرەك. زىيادە يېلىنىش بالىلارنىڭ قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئېلىش پۇرسىتىنى تارتىۋالغانلىقتۇر. ئەمەلىيەتتە قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئېلىش پۇرسىتى ياخشى پەزىلەت، ئىرادە ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈش يولى. ئاتا-ئانا بىر قەدەم چېكىنسە، بالا بىر قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ. مانا بۇ ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتىدۇر.
كاماندۇرۇپكىغا چىققان بىر كىشىنىڭ بالىسى ھەر كۈنى بىر كىم ئويغىتىپ قويسا ئورنىدىن تۇرۇشقا ئادەتلەنگەنلىكتىن، ئۇ كىشى بەلگىلىك ۋاقىتتا ئۆيىگە تېلىفۇن بېرىپ ""ۋەزىپىنى تاماملاشقا مەجبۇر بولغان. بولمىسا بالىسىنىڭ مەكتەپكە كېچىكىپ قېلىش ئېھتىمالى باركەن. يەنە بىر كىشى بالىسىنىڭ سائەت قوڭغۇرىقى جىرىڭلىسىمۇ ئۇخلاۋەرگىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئويغاتماپتۇ. بالا ئۆزلىكىدىن ئويغانغاندا ئىككى سائەت دەرس تۈگەيدىغان چاغ بوپتۇ. دادىسى ھودۇقۇپ كەتكەن بالىسىغا قاراپ تەمكىنلىك بىلەن: ""ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزىگە تايىنىپ ھەل قىلىشى كېرەك"" دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بالا ئۆزىنىڭ ئىشىنى چوڭلارغا بۆلۈپ بەرمەيدىغان بوپتۇ.
جۇڭگو ياشلارۋە ئۆسمۈرلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋېن مۇدىرى سۇن يۇنشياۋ بالىسىنىڭ ياراملىق ئادەم بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئاتا-ئانىلارغا بىر مەشھۇر كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئەسكەرتتى: مۇۋەپپەقىيەتلىك تەلىم-تەربىيە ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتىن باشلىنىدۇ. تەلىم-تەربىيەنىڭ يادروسى بىلىمنى يەتكۈزۈشلا بولماستىن، بەلكى ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت. ئادەت شەخسنىڭ نېرۋا سېستىمىسىدا ساقلىنىدىغان دەسمايە بىر كىشى ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرسە، ئۇنىڭ ئۆسۈمىنى بىر ئۆمۈر ئىشلىتىپ تۈگۈتەلمەيدۇ؛ يامان ئادەتنى يېتىلدۈرىۋالسا ئۇنىڭ قەرزىنى بىر ئۆمۈر قايتۇرۇپ بولالمايدۇ.
ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتە، قانداق قىلغاندا بالىلارنى ئىلمى يېتەكلىگىلى بولىدۇ؟ فىراففىسور سۇن يۇنشياۋ مۇنداق دىگەن: ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشتە، قوشۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش، يامان ئادەتنى يېڭىشتە ئېلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش كېرەك. بالىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئۇلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئالدى بىلەن ھىكايە كىتاپلارنى تاللاش، تېيىزدىن چوڭقۇرلۇققا، قىسقىدىن ئۇزۇنلۇققا مېڭىش، ئۇزاق ۋاقىت قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
يېڭىدىن مەكتەپكە كىرگەن بالىلارنىڭ ئورنىدا جىم ئولتۇرالماسلىقى نورمال ئەھۋال. ئەستايىدىل بىر ئانا تاپشۇرۇش ئىشلەۋاتقان ئوغلىنى كۈزۈتۈپ باقسا بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ئوغلى بىردەم سۇ ئىچىپ، بىردەم ھاجەتخانىغا يۈگۈرۈپ دىگەندەك تۆت-بەش قېتىم سىرتقا چىقىپتۇ. ئانا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، بىرەر تەلەپ قويۇشقا ئالدىرىماپتۇ. ئەتىسى ئوغلى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كىرىشىشتىن ئىلگىرى ئانا مۇنداق تەكلىپ بېرىپتۇ: ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋالغىن مېنىڭچە، تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە ئۈچ قېتىم سىرتقا چىقساڭ بولىدۇ. بالا ئانىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرىشى بىلەن سىرتقا بىر قېتىم ئاز چىقىپتۇ؛ نەچچە كۈندىن كېيىن ئانا يەنە بىر قېتىمنى ئازايتىشنى ئېيتقانىكەن، بالىسى ئاسانلا ئورۇنداپتۇ. شۇ تەرىقىدە بۇ ئانا بالىسىنىڭ يامان ئادىتىنى يېڭىشىگە قەدەممۇ-قەدەم ياردەم بېرىپتۇ. تېخىمۇ مۇھىمى بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپتۇ . تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|
------分隔线----------------------------