بالىلار دۇنياسى ھېكايە–چۆچەك دۇنياسىدۇر دەي ئەنرۇڭ
ھېكايە – چۆچەكلەر بالىلارغا مەنسۇپ، بالىلار دۇنياسى ھېكايە – چۆچەك دۇنياسىدۇر. ھېكايە – چۆچەكتىن ئايرىلغان بالىلار دۇنياسى سەبىيلىك ۋە رومانتىكىلىقتىن، ئەقىل – پاراسەت ۋە ئىجادچانلىقتىن، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنىڭ خۇشاللىقىدىن ئايرىلغان دۇنيا بولۇپ قالىدۇ. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانىدىم، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگىنىمگە مانا 20 نەچچە يىل بوپتۇ. ھازىر ناۋادا بىرەر ئوقۇتقۇچى مەندىن ‹‹باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئەدەبىيات دەرسىنىڭ سىزدە قالدۇرغان ئەڭ چوڭ تەسىرى نېمە؟›› دەپ سورىسا، مەن سۆز – جۈملىلەرنى ئۆگەنگەندىن باشقا، دەرسلىك كىتابتىكى ‹‹قاغىنىڭ سۇ ئىچىشى››، ‹‹ساۋ چۇڭنىڭ پىلنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىشى››، ‹‹بۆرە كەلدى›› قاتارلىق قىزىقارلىق ھېكايىلەر، دەپ جاۋاب بېرىمەن، چۈنكى بۇلاردىن باشقا نەرسىلەرگە نىسبەتەن مەندە ھېچقانداق تەسىرات قالماپتۇ. مانا بۇ بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، جىسمانىي ۋە روھى ئېھتىياجىنىڭ ناماياندىسىدۇر. ئەمەلىيەتتە، قانداق ئۇسۇلدا ئۆگىنىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى مەشق قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ. مۇشۇ مەقسەتكە يەتسەكلا بالىلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنالايمىز. مەن نادىر ھېكايە – چۆچەكلەرنى تاللاپ، بالىلارنى ھېكايە – چۆچەك ئوقۇش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش ئىقتىدارى، تونۇش ئىقتىدارى، تەپەككۇر ئىقتىدارى، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى ۋە يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى بەكرەك قوللايمەن. بالىلار ھېكايە – چۆچەك ئوقۇش ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ. شۇڭا بالىلىرىمىز كۆپرەك ھېكايە – چۆچەك ئوقۇسۇن!
|