3-بۆلەك ئىمتىھان سۇئالى
1.بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ.
1.ئۆزئارا قوشنا ئىككى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى ئارىسىدىكى ئېشىش نىسبەت( )،ئۆزئارا قوشنا ئىككى يۈز بىرلىكى ئارىسىدىكى ئېشىش نىسبەت( ) بولىدۇ.
2.قىر ئۇزۇنلىىقى 5 سانتىىمېتىر بولغان 3 دانە كۇبنى جۈپلەپ بىر دانەپاراللېلېپىپېد ھاسىل قىلغاندا،سىرتىقى يۈزى ( ) كۋادىرات سانتىمېتىر، ھەجىمى ( ) كۇب سانتىمېتىر بولىدۇ.
3.بىر دانە كۇبنىڭ قىر ئۇزۇنلۇقلىلىرىنىڭ ئۇمۇمىي يىغىندىسى60 سانتىمېتىر بولسا، ئۇنىڭ ھەجىمى ( ) كۇب سانتىمېتىر بولىدۇ.
4. بىر دانە پاراللېلېپىپېدنىڭ ھەجىمى 80كۇب دېتسىمېتىر،ئېگىزلىكى 4 دېتسىمېتىر بولسا،ئۇنىڭ ئاساسىنىڭ يۈزى( )، ئەگەر ئاساسىنىڭ كەڭلىكى 2 دېتسىمېتىر بولسا،ئۇ ھالدا ئاساسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى( )دېتسىمېتىر بولىدۇ.
5. 2.05 كۇپ مىتىر=( )كۇپ دېتسىمىتىر 0.005 كۇپ مىتىر=( )كۇپ سانتىمىتىر
2.06 كۋادىرات مىتىر=( ) كۋادىرات سانتىمىتىر 23000كۋادىرات سانتىمىتىر=( )كۋادىرات مىتىر
2. توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلېڭ(توغرىسىغا «√»بەلگىسىنى،خاتاسىغا«×»بەلگىسىنى قويۇڭ) (16 نۇمۇر)
1.قىر ئۇزۇنلۇقلىرىنىڭ يىغىندىسى ئۆز-ئارا تەڭ بولغان پاراللېلېپىپېد بىلەن كۇبنىڭ ھەجىملىرى ئۆز-ئارا تەڭ. ( )
2.كۇب بولسا ئالاھىدە پاراللېلېپىپېد بولىدۇ. ( )
3.كۇبنىڭ 6 يېقى ئوخشاشلا كۋادىرات، پاراللېلېپىپېدنىڭ 6 يېقى ئوخشاشلا تىك تۆتبۇلۇڭ بولىدۇ. ( )
4. 5000كۇپ سانتىمىتىر= 5 كۇپ مىتىر بولىدۇ. ( )
3.توغرا جاۋاپنى تاللاڭ.(16نۇمۇر)
1.بىر دانە كۇبنىڭ ئاساسىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 21 سانتىمېتىر، ئۇنى ھەجىمى ( )كۇب سانتىمېتىر بولىدۇ.
9 D 24 C B 27 A 64
2.قىر ئۇزۇنلۇقى 2 دېتسىمېتىر بولغان كۇبنى كېسىپ ئۆزئارا تەڭ بولغان ئىككى دانە پاراللېلېپىپېد ھاسىل قىلغاندا، سىرتقى يۈزى( ) كۋادرات دېستىمېتىر ئاشىدۇ.
4 A B 8 C 16
3.بىر دانە كۇبنىڭ قىر ئۇزۇنلۇقى 0.1 مېتىر بولسا، ئۇنىڭ ھەجىمى( ) كۇب مېتىر بولىدۇ.
0.6 A B 0.06 C 0.001
4.بىر دانە پاراللېلېپىپېدنىڭ ئىگىزلىكىنى ئۆزگەرتمەي، ئاساسىنىڭ يۈزىنى 5 ھەسسە چوڭايتىقاندا، ئۇنىڭ ھەجىمى( )ھەسسە چوڭىيىدۇ.
5 A B 25 ` C 125
.تۆۋەندىكى پاراللېلېپىپېد ياكى كۇبنى سىرتقى يۈزى ياكى ھەجىمىنى تېپىڭ.(20 نۇمۇر)4
1.پاراللېلېپىپېدنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 دېتسىمېتىر، كەڭلىكى 9دېتسىمېتىر، ئېگىزلىكى 8.5 دېتسىمېتىر بولسا، سىرتقى يۈزىنى تېپىڭ.
2.كۇبنىڭ قىر ئۇزۇنلۇقى 9 سانتىمېتىر، سىرىتقى يۈزىنى تېپىڭ.
3.پاراللېلېپىپېدنىڭ ئاساسىنىڭ يۈزى 3.9 كۋادىرات مېتىر، ئېگىزلىكى 6 مېتىر ھەجىمىنى تېپىڭ.
4.كۇبنىڭ قىر ئۇزۇنلۇقلىرىنىڭ يىغىندىسى 72 سانتىمېتىر، سىرتقى يۈزىنى تېپىڭ.
5.مەسىلىلەرنى ھەل قىلىڭ.(28 نۇمۇر)
1.بىر ماي باكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 0.8 مېتىر، كەڭلىكى 0.5 مېتىر ئېگىزلىكى 0.4 مېتىر بولسا، مۇشۇنداق ماي باكىنى ياساش ئۈچۈن كەم دىگەندە قانچىلىك قەلەي كېتىدۇ، ئەگەر 1 كۇپ دىتسىمىتىر بېنزىننىڭ ئېغىرلىقى 0.85 كىلوگىرام بولسا، بۇ ماي باكىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا قانچە كىلوگىرام بېنزىن قاچىلاشقا بولىدۇ؟
2.بىر دانە پاراللېلېپىپېدنىڭ سىرتقى يۈزى 156 كۋادىرات دېتسىمېتىر ، ئاساسىنىڭ يۈزى 30 كۋادىرات دېتسىمېتىر، ئاساسىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 32 دېتسىمېتىر بولسا، بۇ پاراللېلېپىپېدنىڭ ھەجىمى قانچە كۇب دېتسىمېتىر
3. 120 كۇب مېتىر قۇمنى ئۇزۇنلۇقى 800 مېتىر، كەڭلىكى 6مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يولغا يېيىتىش ئۈچۈن، قانچە سانتىمېتىر قېلىنلىقتا يېيىتىش كېرەك ؟
4.بىر ئۇسسۇل سىنىپىغا ئۇزۇنلۇقى 50 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 10 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 3 سانتىمېتىر بولغان ياغاچ تاختايدىن 1600 پارچىنى يېيىتقان بولسا، بۇ ئۇسسۇل سىنىپىنىڭ كۆلىمى قانچىلىك، ياغاچ تاختاي يېيىتىشقا كەم دىگەندە قانچىلىك ياغاچ ماتېريال لازىم بولىدۇ ؟ تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|