ھامىلدارلار، بوۋاقلار، بالىلار بازىرى يۇقىرى تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى
ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگودىكى ھامىلدارلار، بوۋاقلار، بالىلار بازىرى غايەت زور ئىستىمالچىلار توپى شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئىستىمال سەۋىيەسىنىڭ تەسىرىدە كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىق مۇقىم تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ قالىدىكەن. بازار باھاسى بەش يىل ئچىىدە بىر قاتلىنىدىكەن. جۇڭگونىڭ ھامىلدارلار، بوۋاقلار، ئۆسمۈرلەر بازىرى يىلىغا %15لىك ئۆسۈش نىسبىتى بىلەن كۆپىيىپ، 2015-يىلغا بارغابدا، ئومۇمىي قىممىتى 2010-يىلدىكى ئاساسنى بىر قاتلاپ، 500 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. سۈرەتتە: يېقىندا شاڭخەي ئۇيۇنچۇق كۆرگەزمىسىدىكى بالىلار ماشىنىسى.
|