![]() |
بارىن يېزاقىزىلئۆستەڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرى بىلەن مۇقىملىقنى قوغداش، رامىزان مەزگىلى ۋە ھەرقانداقۋاقىتتا،ھەر خىل شەكىلدىكى دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق توغرىسىدا تۈزۈلگەن مەسئۇلىيەتنامە
ئىلىم پەن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان مۇشۇدەۋىردە ياش ئۆسمۈرلەرنى خوراپاتلىقتىن خالى قىلىپ ھەرتەرەپتىن ئەتىراپلىق ھالدا پەن تېخنىكا بىلىملىرى بىلەن تەربىيلەپ ۋەتەن خەلىققە ،جەمىئىيەتكە ياراملىق ئىز باسارلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن مەكتىۋىمىز ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرى بىلەن مەكتەپ،سىنىپ مۇدىرلىرى ئوتتۇرسىدا رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىق ،مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاندى.
مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى:
مەكتەپ ۋە سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈپ ئۇلارنى پارتىينىڭ مائارىپ فاڭجىنى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي،ئەقلىي،جخسمانىي،گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق تەربىيلەيدۇ.ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم پەن تەربىيسى ئىدىيە- ئەخلاق تەربىيسى،ئاتئىزىم تەربىيىسى،ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى،مۇقىملىق تەربىيىسى،بىخەتەرلىك ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى تەربىيسى،ماركىزىملىق بەش قاراش-قانۇن تۈزۈم تەربىيسى ۋە مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە تۈزۈملىرى توغرىسىدا داۋاملىق تەربىيە ئېلىپ بېرىپ،ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيلەيدۇ،مائارىپ تارماقلىرى بەلگىلىگەن دەرىسلەرنى تولۇق تەسىس قىلىپ پىلانلىق ھالدا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ تولۇق دەرىس ئۆتىدۇ.مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى،مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمالنى، بىخەتەر ھالدا تەرتىپلىك ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىغا شارائىت ھازىرلايدۇ.
ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيتى:
1. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى توققۇزيىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيسى ئېلىشقاشارائىت ھازىرلاپ بالىلارنى ئىزچىل تۈردە مەكتەپكە تولۇق ئەۋەتىپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ،ئەگەرئائىلىسىدە توي- توكۇن،نەزىرە-چىراغ،ئۆلۈم-يىتىم،پەۋقۇلەدە زۆرۈر ئىش چىقىپ قالسا مەكتەپتىن رۇخسەت سورايدۇ،سەۋەپسىز مەكتەپكە ئەۋەتمىسە ئاقتۇناھىيىلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتىتىنىڭ <<توققۇزيىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش چارىسى>>دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ھەركۈنىلگى ئۈچۈن بەش يۈندىن جەريىمانە ئېلنىدۇ.
2. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى دىنىي ساۋاق ئېلىش،دىنىي ساۋاق بېرىش،رامزان تۇتۇش،تاراۋىغا چىقىش ناماز ئوقۇش يەرئاستى دىنى مەكتەپلەردە تەلىم-تەربىيە ئېلىش قاتارلىق ھەرقانداق شەكىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەربىلەن شۇغىللىنشقا يول قويماسلىقى لازىم، ھەرقانداق شەكىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەربىلەن شۇغىللىنشقا زورلاشقا بولمايدۇ،ئاتا-ئانىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن <<5-ئىيۇل>>ۋەقەسىدىن ساۋاق ئېلىپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغىللىنىشقا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغىغا تەسىر يەتكۈزىشكە مۇقىمسىز لىق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغىللىنىشقا يول قويماسلىقى لازىم،ئەگەر يۇقارقى ئەھۋاللار سىزىلىپ قالسا قايسى بىر ئوقۇغۇچى ياكى ئاتا-ئانىسىدىن يۇقارقى ئەۋاللار سادىر بولسا شۇكىشىگە 2000يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويۇش بىلەن بىرگە بارلىق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولۇپ قانۇنىي جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
3. ئاتا-ئانا بولغۇچىلارمەكتەپكە ،ئوقۇغۇچىلارغا بىردەك ماسلىشىپ پەرزەنتلىرىنىڭ قىمار ئويناش،ئوغرلىق قىلىش،تاماكاچىكىش،ھاراق ئىچىش،سودا سېتىق،ھۈنەر ئۈگىنش،ئۇرۇش-جىدەل قىلىش قاتارلىق مۇۋاپىق بولمىغان،قىلمىشلارنى توسۇپ ئۇلارغا بولغان تەربىيىنى كۈچەيتىپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىگە ،كۈندىلىك ھەر كەت ئۆلچىمىگە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆز ھەركىتىدىكى توققۇزنى قىلماسلىق ،جەمئىيەت ئامانلىىغى،قانۇن-تۈزۈم،بىخەتەرلىك ئوت ئاپىتى ،زەھەرلىك يىمەكلىك قاتارلىق تەرەپىرىگەمەسئۇل بولۇپ تەربىيلەپ چىقىدۇ.
4. تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇقتۇققان يوقلاش بىلەن يىراق جايلارغا ئېلىپ بارماقچى بولسا مەكتەپتىن رۇخسەت سوراش بىلەن بىرگە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مىقملىقىغا ،بىخەتەرلىكىگە شۇئاتا-ئانامەسئۇل بولىدۇ بارلىق ئاتا-ئانىلارپەرزەنتلىرىگە جەمىئىييەت ،ئائىلە تەربىيسىنى ياخشى بېرىشى جەمئىييەتتىكى ناچار يامان كىشىلەرگە ئارلىشىپ قالماسلىغى،ئالدىنىپ كەتمەسلىگى ،تەتىل مەزگىلىدە،ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان مەزگىللەردە ئەتىگەندە مەكتەپكە كەلگۈچە بولغان ۋاقىتتا ،ئاخشىمى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرى پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئەكىلىپ قويۇش ،مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كىيىن ئائىلىسىگە ئېلىپ كىتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ،ئەگەر كۆڭۈل بۆلمەي شۇئوقۇغۇچىغا بىخەتەرلىك جەھەتتە بىرەر مەسلە يۈزبېرىپ قالسا بارلىق ئاقىۋەتكە شوئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى مەسئۇل بولىدۇ.
5. بۇمەسئۇلىيەتنامە ئوقۇغۇچىلار،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتائانىللىرى،مەكتەپ، مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلار قول قويغان ۋاقىتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇقۇغۇچىلار مەسئۇلىيەتنامىدىكى جەدىۋەلگە قول قويىدۇ.
6. بۇمەسئۇلىيەتنامە 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈندىن 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ
مەسئۇل رەھبەرنىڭ ئىمزاسى:
مەسئۇل ئوقۇتقۇچىنىڭئىمزاسى: . تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|