پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

قايسى دۆلەتلەردە ھەقسىز داۋالاش يولغا قويۇلغان؟

يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-29 13:06 مەنبەسى: خەلق تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
يېقىندا، بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «دۇنيادا ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويمىغان پەقەت 20 نەچچە دۆلەتلا بار» دېگەن سۆزى جەمئىيەتنىڭ دىققىتى
تەلەي +1

قايسى دۆلەتلەردە ھەقسىز داۋالاش يولغا قويۇلغان؟

 

 يېقىندا، بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «دۇنيادا ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويمىغان پەقەت 20 نەچچە دۆلەتلا بار» دېگەن سۆزى جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ھەقىقىي ئەھۋال شۇنداقمۇ-ئەمەسمۇ؟ «ئىسپات تېپىش» سىتونى خەلق گېزىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنى تەكشۈرۈپ ئىگىلەشكە تەكلىپ قىلدى ھەم دۇنيا بانكىسى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

  بىرىنچى سوئال: قانچىلىك دۆلەتتە پۈتۈنلەي ھەقسىز داۋالاش يولغا قويۇلغان؟

[تەكشۈرۈش] تەكشۈرۈلگەن 70 نەچچە دۆلەت ئىچىدە، پەقەت ئاز سانلىق دۆلەتلەردىلا پۈتۈن ئاھالىنى ھەقسىز داۋالاش يولغا قويۇلغان. «خەلق گېزىتى»نىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى دۇنيادىكى 70 نەچچە دۆلەتنىڭ داۋالاش تۈزۈمىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، پەقەت كۇبادىلا ھەقىقىي مەنىدىكى پۈتۈن ئاھالىنى ھەقسىز داۋالاشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى، بىمارلار كېسەل كۆرسەتكەندە ھېچقانداق ھەق تاپشۇرمايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئادەتتە كىشىلەر دېيىشىۋاتقان كانادا، ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، رۇسىيە، جەنۇبىي ئافرىقىغا ئوخشاش ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويغان دۆلەتلەردە، پۈتۈن ئاھالە ھەقىقەتەن داۋالاش، سۇغۇرتا ھەقلىرىنى تۆلىمەيلا ئاساسىي ھەقسىز داۋالىنىشقا ئېرىشەلەيدىكەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە كېسەل كۆرسەتكەندە يەنىلا دورا ھەققى، نومۇر ھەققى دېگەندەك بەلگىلىك ھەقلەرنى تۆلەيدىكەن.  «2010-يىللىق جۇڭگو سەھىيە ئىستاتىستىكا توپلىمى»دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى 193 دۆلەتنىڭ سەھىيە-ساقلىق ساقلاش خىراجىتى ئىچىدە شەخسىي سەھىيە-ساقلىق ساقلاش چىقىمى نۆل بولىدىغان دۆلەتتىن بىرىمۇ يوق بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا شەخس كېسەل پۇل خەجلىمەيلا كۆرسىتىدىغان بىرمۇ دۆلەت يوق ئىكەن. كىشىلەر ئادەتتە ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويغان دەپ قارايدىغان ئەنگلىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە 2007-يىلى شەخسىي سەھىيە-ساقلىق ساقلاش چىقىمى سەھىيە-ساقلىق ساقلاش ئومۇمىي خىراجىتى نىسبىتىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا %18.3، %18.7، %54.5 ۋە %73.8نى ئىگىلىگەن. جۇڭگودا شەخسىي سەھىيە-ساقلىق ساقلاش چىقىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2001-يىلى %60 بولۇپ، 2011-يىلىغا كەلگەندە %35.5كە تۆۋەنلىگەن.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] قايسى دۆلەتلەردە ھەقسىز داۋالاش يولغا قويۇلغان؟ [ 2012-03-29 13:06:26 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگونىڭ 1966-يىلىدىكى تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان بومبا س [ 2012-03-29 12:53:59 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئادەم ۋە ئېنېرگىيە [ 2012-03-29 12:51:56 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] يان تېلېفون باتارېيەسىنى سېتىۋالغاندا... [ 2012-03-29 12:48:39 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] تۇنجى تۈركۈمدىكى 20 ئۇيغۇر ئايال ئەسكىرى ھەربىي سەپ [ 2012-03-29 12:45:48 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى [ 2012-03-29 12:44:39 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭگونىڭ قەغەز پۇللىرىدىكى «ئەڭ»لەر [ 2012-02-27 17:02:34 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاققا تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز بېرىش كېرەك [ 2012-02-27 17:00:31 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] پاك-دىيانەتلىك بولۇش پۈتۈن ئائىلىنىڭ بەختى [ 2012-02-27 16:56:48 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشى ت [ 2012-02-27 16:54:45 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر