![]() |
ئادەم ۋە ئېنېرگىيە
![]() ئىنسانلار بۇرۇنلا تېمپېراتۇرا پەرقىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلغان. ئۇلار باشتا دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن ئۈستۈنكى قىسمىدىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلغان، كېيىنچە تېمپېراتۇرىسى ئوخشىمىغان ئىككى خىل مېتال ياكى جىسىملارنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلغان. پەن - تېخنىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى، ئوخشىمىغان ئېنېرگىيە، جۈملىدىن پاكىز، ساپ، ھاسىلىي، مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئېنېرگىيەگە بولغان تەلەپنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرى شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش، ھىدروگېن، مۇزدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىنغاندىن باشقا ئادەم بەدىنى بىلەن سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىدىن توك ھاسىل قىلىپمۇ نەتىجە قازانغان. تەجرىبە - سىناقلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم بەدىنى پەقەت ھەرىكەت قىلغاندا، يول يۈرگەندە، ئىش قىلغاندا بەلگىلىك مىقداردا ئىسسىقلىق )ئېنېرگىيە( تارقىتىپلا قالماستىن، بەلكى جىم تۇرغان، ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ مەلۇم مىقداردا ئىسسىقلىق )ئېنېرگىيە( تارقىتىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا ئالىملار ئادەم بەدىنى بىلەن سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، يۇقىرىقى قىياسنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان قۇرۇلمىنى ياساپ چىقتى. بىراق ئادەم بەدىنى بىلەن سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىدىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىنغان توك ئاجىز بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىپ بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىن بولمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللاندى: بىرى، تېمپېراتۇرا دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىككىنچىسى، بۇنداق ئاجىز توك بىلەنمۇ ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدىغان ئۈسكۈنە - ئەسۋابلارنى ياساش. ئۇلار تەجرىبە - سىناقلار ئارقىلىق ئاۋۋال ئىككىنچى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشنى توغرا تېپىپ، ئاجىز توك ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە ھەجىمى كىچىك، ئەپچىل تېمپېراتۇرا پەرقى باتارېيەلىرىنى ياساپ، ئادەم بەدىنى چىقارغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئاڭلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئەسۋابلار، مىكروپىرىيومىنىكلار، كىنو كۆرۈشكە بولىدىغان يان تېلېفونلارغا سەپلىدى. بۇنداق باتارېيەلەر كىچىك، ئەپچىل، يېنىك، ئەپلىك بولغىنى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ياپونىيەدىكى بىر شىركەت بەدەننىڭ ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىنغان توك ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان كۆركەم قول سائىتىنى بازارغا سالدى. بۇ سائەت قېپىنىڭ ئاستىنقى قىسمى مىكرو باتارېيە بولۇپ، سائەت قولغا سېلىنغان ھامان قول تېمپېراتۇرىسى بىلەن سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ئۈچ سېلسىيە گىرادۇسقا يەتسىلا، ھاسىل بولغان توك سائەتنى بىمالال ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ، سائەت قېپىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى باتارېيە سائەت ئىسترېلكىسىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، ئاككۇمۇلياتوردەك ئارتۇق ئېنېرگىيەنى (توكنى) ساقلاپ قالالايدۇ. يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر تېلېگراف شىركىتى يېڭى تىپتىكى ئىشخانا بىناسىنى لايىھەلەپ چىققان، بىنا ئىچىگە ئۇنىڭدىكى ئىسسىقلىق )ئېنېرگىيە(نى يىغىپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان قۇرۇلما ئورنىتىلغان. قۇرۇلما تەرىپىدىن ھاسىل قىلىنغان توك بىنادىكى كومپيۇتېرلارغا ئىشلىتىلگەندىن باشقا، يەنە بىنانى يورۇتۇش، ئىشخانىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلگەن، ئىشخانا تېمپېراتۇرىسى دائىم 20 سېلسىيە گىرادۇستىن 29 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولغان. قىسقىسى، ئالىملار نۆۋەتتە ئېنېرگىيە قىلىشقا بولىدىغان ماددا، جىسىملاردىن پايدىلىنىپ ئوخشىمىغان تىپتىكى باتارېيىلەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كۆپەيمەكتە.
|