![]() |
غ يېڭى زېنلاندىيەدىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا ھەرگىز تەن جازاسى بەرمەيدىكەن. ئەگەر بالىلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا غەلۋە قىلسا، پەقەت باشقىلارغا چېقىلمىغان بولسا، سۇۋۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بېرىدىكەن. باشقىلارغا چېقىلغان ئەھۋالدا، بالىسنى شۇ جايدىن باشقا تىنچ، ئازادە، كەڭرى جايلارغا ئاپىرىپ ئۇنىڭ قانغۇچە غەلۋە قىلىۋىلىشغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بالىنىڭ غەلۋە قىلىشى ياكى بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەلۇم مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئىكەن. ياپونىيەدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەگەر بالىسى ئاممىۋى سورۇنلاردا خاتالىق سادىر قىلسا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بالىسىنى جازالىمايدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاممىۋى سورۇنلاردا بالىسىنى تەنقىتلەش ئەنئەنىۋى قائىدە-يۇسن، ئەدەپ-ئەخلاققا مۇناسىپ كەلمەيدىغان ھەمدە بالىسىنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەنلىك ھېسابلىنىدىكەن، شۇڭا كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار ئۆيىگە قايىتقاندىن كېيىن، بالىسىنىڭ ئىپادىسگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بارىدىكەن ياكى بىر قىسىم جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىكەن. مەسىلەن، بالىنىڭ سىرتقا چىقىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىرەر ۋاق ئاچ قويۇش ياكى مۇۋاپىق تەن جازاسى بېرىش قاتارلىقلار. كورېيە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ يېڭى تاكتىكىسى بالىنىڭ يانفونىنى مۇسادىرە قىلىش مۇمكىن ئىكەن. ھازىر يانفون ئاللىقاچان كورېيە ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان شەخسىي بۇيۇمىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەگەر يانفونىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇلار يەككە-يېگانە، ياردەمچىسىز قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدىكەن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار گەپ ئاڭلىمايدىغان، كەپسىز بالىلارنىڭ يانفونىنى مۇسادىرە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى جازالايدىكەن. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدىكەن. ئامېرىكا ئائىلە باشلىقلىرى ۋاقىت بەلگىلەپ ئايرىۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىكەن. بالىلار ئۆيدە گەپ ئاڭلىمىسا، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ، ئۇنى يالغۇز قويىدىكەن. بەلگىلەنگەن ۋاقىت تۇشقاندا بالىسىنى ئاچىقىپ ئۇلارغا قايىل قىلىش تەربىيىسى ئىشلەپ، خاتالىقىنى ئۆزگەرتىشكە نازارەتچىلىك قىلىدىكەن. ئامېرىكا قانۇنىدا بەلگىلىنىشچە، كىچىك بالىلار چوقۇم ھەر ۋاقىت چوڭلارنىڭ قوغدىشى ۋە ھەمراھلىقىدا بولۇشى كېرەك ئىكەن. بالىلار بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئاممىۋى تونۇشقا ئىگە بولۇپ، بالىنى ئاممىدىن ئايرىۋېتىش ئۇلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. بۇ ئىش ئۇلارغا كەپسىزلىكنىڭ كۆپچىلىك تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردىكەن.
|