پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

گېرمانىيەلىكلەر بالىلاردا ياخشى ئادەتنى قانداق يې

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-07 22:02 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ خاراكتېرى ياخشى بولمىغاندا، كىشىلەر دائىم بۇ خىل مەسىلىنى يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ يېتىلىش جەريانى
تەلەي +1

گېرمانىيەلىكلەر بالىلاردا ياخشى ئادەتنى قانداق يېتىلدۈرىدۇ؟

 

ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ خاراكتېرى ياخشى بولمىغاندا، كىشىلەر دائىم بۇ خىل مەسىلىنى يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ يېتىلىش جەريانىغا باغلاپ تەھلىل قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە گېرمانىيەدىكى كۆپ ساندىكى ئائىلىلەر يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەر بولۇپ، «ناچار خاراكتېر» مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ، گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ «مايسا يېتىلدۈرۈش» شەكلىدىكى مائارىپ تەربىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ خاراكتېرى ئون ياشتىن ئىلگىرى يېتىلىپ بولىدىكەن، شۇنداقلا ئوخشىمىغان تەربىيە شەكلى ئوخشىمىغان خاراكتېر شەكىللەندۈرىدىكەن. ياۋروپالىق بالىلار بىلەن ئاسىيالىق بالىلارنىڭ ھەرىكەت ۋە خاراكتېرىدىكى ئوخشىماسلىق بۇ ئىككى رايوننىڭ مائارىپ شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەسىلەن، ياۋروپالىق بالىلار نىسبەتەن مۇستەقىل، شوخ، ئاسىيالىق بالىلارنىڭ ئائىلىگە يۆلىنىۋېلىش خاراكتېرى كۈچلۈكرەك بولۇپ، جىمغۇر كېلىدۇ.

گېرمانىيەدە بالىلاردا خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنى كىچىكىدىن باشلاپلا ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشتىن باشلايدۇ. مەسىلەن، غىزالىنىش، ئۇخلاش، تەرەت قىلىش، ئۆزىگە تايىنىش ئىقتىدارىنى مەشقلەندۈرۈش قاتارلىقلار. گېرمانىيەلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور سوف مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئادەتلەر بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىگە ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ جەريان خۇددى مايسىغا سۇ قويۇپ پەرۋىش قىلغانغا ئوخشايدۇ. گېرمانىيەلىك ھەربىر بالا تاماق شىرەسىدە قاتتىق تەربىيىگە ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆزىنىڭ قاچىسىدىكى تاماقنى چوقۇم يەپ بولۇش، چوقۇم تاماقتىن كېيىن ماروژنى، شاكىلات ۋە مېۋە يېيىش دېگەندەك. بالىلارنىڭ ئايىغى چىققاندىلا «ئاقكۆڭۈللۈك تەربىيەسى» قوبۇل قىلىدۇ. گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن ئائىلىلەر بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس كۈچۈك، ئاسلان قاتارلىق ھايۋانلارنى باقىدۇ، بالىلار بۇ ھايۋانلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش جەريانىدا ئاجىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىدۇ. بالىلار باغچىلىرىمۇ كىچىك ھايۋانلارنى باقىدۇ، بالىلار نۆۋەتلىشىپ بۇ ھايۋانلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

پروفېسسور سوفنىڭ قارىشىچە، ئاتا-ئانىلارنىڭ مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ئىپادىسى بالىلىق خاراكتېرنى يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئاتا-ئانىنىڭ يېقىندىن بۇيان كۆرسەتكەن مېھرىبانلىقى ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك بولسا، كەڭ دائىرىلىك ۋە كۈچلۈك بولسا، بۇ خىل ئەھۋال بالىلارنى تولىمۇ ئاجىز قىلىپ قويىدۇ ۋە يۆلىنىۋالىدىغان بولىدۇ. گېرمانىيەلىك ئاتا-ئانىلار بالىلارنى چوڭلار قاتارىدا كۆرۈپ باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ. گېرمانىيەدە بالىلارنىڭ ئايرىم ئۆيى ۋە پائالىيەت ئۆيى بولىدۇ. بۇ ئۆيلەر بالىلارنىڭ مۇستەقىل ماكانى بولۇپ، ئاتا-ئانىلار رۇخسەتسىز بالىلىرىنىڭ نەرسە-كېرەكلىنى ئاختۇرمايدۇ ۋە كۆرمەيدۇ.

گېرمانىيەلىك ئاتا-ئانىلار بالىلاردىن ياردەم سورىغاندا دائىم: «ماڭا ياردەم قىلسىڭىز بولامدۇ؟ بۇ ئىشنى قىلىۋەتسىڭىز بولامدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىدىكەن، ھەرگىزمۇ قوپال، بۇيرۇق خاراكتېرىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىپ بالىلارنى بىرەر ئىش قىلىشقا بۇيرۇمايدىكەن. بالىلار بۇيرۇلغان ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا «رەھمەت» دەپ رازىمەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. قانداقلا ئىش بولسۇن بالىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىدىكەن. مەسلەن، بالىلار بىلەن بىللە تېلېۋىزور كۆرگەندە، ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ باشقا قانالنى كۆرۈش خىيالى بولسا، بالىلىرىدىن: «قانال ئالماشتۇرۇپ كۆرسەك بولامدۇ؟» دەپ سورايدىكەن.

كۆچەت تولىمۇ ئاجىز بولىدۇ، ئۇنى دەرەخ قىلىپ يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئادەتتە ئۇنىڭ قەيسەر بولۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. گېرمانىيەلىك ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىگە يول قويمايدۇ. بالىلار يىقىلىپ چۈشسە ئالدىراپ يۆلىمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

پارچە پۇل مەسىلىسىدە گېرمانىيەلىك ئائىلىلەر ئىنتايىن قاتتىق قول بولىدۇ. گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى شېرودېر بالىلىرىنىڭ پارچە-پۇرات ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئايدا پەقەت 11 ياۋرولا بېرىدىكەن. ئادەتتە، بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن بانكا ھېسابات نومۇرى ئېچىپ بېرىدۇ، مەقسىتى بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ئۆگىتىش ئىكەن. ئىش ئۇققۇدەك بولغاندىن كېيىن پىلانلىق ھالدا ئۆزىنىڭ پارچە پۇلىنى ياكى ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى چىقىم قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ئەگەر بالىلار كۆپرەك پۇل چىقىم قىلماقچى بولسا، چوقۇم بەلگىلەنگەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولۇشى، ئاندىن ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئاياغ سۈرتۈش ۋە مايلاش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. تەتىل مەزگىلىدە بالىلار ھەر خىل تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن تۇرمۇش باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ. ئوغۇللار گېزىت تارقىتىش، ئېلان ۋەرەقچىلىرىنى تارقىتىش، چىملىقتىكى ئوت-چۆپلەرنى يىغىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ ھەق ئالسا، قىزلار بالىلارغا قاراش، ئاشخانىلاردا مۇلازىمەتچىلىك قىلىش ئىشلىرىنى قىلىپ بايلىق توپلايدۇ.

بىشەملىك قىلغان بالىلارغا ئاتا-ئانىلار ھەرگىز يول قويمايدۇ. دوستۇمنىڭ ئوغلى بېننى بىر قانچە قېتىم ئورنىدىن ۋاقچە تۇرغاندا، ئانىسى ئۇنىڭغا: «بەك ئەپسۇس، سېنى پىكاپ بىلەن مەكتەپكە ئاپىرىپ قويالمايمەن، بۇنى ئۆزۈڭدىن كۆر، ناشتىلىق يەمسەن ياكى مەكتەپكە كېچىكەمسەن، بۇنى ئۆزۈڭ تاللىۋال» دېدى ھەمدە بالىسىنىڭ كۆرسەتكەن باھانىسىگە قارىماي، ئۇنىڭغا چىراي ئاچمىدى، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشىغا يول قويمىدى. ئەگەر بالىسى كىر كىيىمىنى يۇيۇش خالتىسىغا سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئۇنىڭغا كىر كىيىمىنى يەنە كىيگۈزدى، كىتاب ئىشكابىنى تەلەپ بويىچە رەتلىمىگەن بولسا، ئۇ، بالىسى ياخشى كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى چەكلەشتەك ئەپسۇسلىنارلىق قارار چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. گېرمانىيەلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ قارىشىچە، مۇۋاپىق مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش پرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى بالىلاردا توغرا، سەمىمىي، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئايلىنىدىكەن.

پروفېسسور سوف مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تەن ۋە پىسخىك ساغلاملىقىنى دائىم تۈرلۈك ماددىي تويۇنۇش بىلەن باغلىۋېلىپ، قۇياش نۇرىدا، ساپ ھاۋادا بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يول قويمايدۇ. بۇ خىل زىيادە قوغداپ تەربىيەلەش ئۇسۇلى بالىلارنى خاراكتېر جەھەتتە ھىيلىگەر قىلىپ قويىدۇ. مەسىلەن، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىمەسلىك، ئۆزىگە تايىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئىچكى كۈچ كەمچىل بولىدۇ، گېرمانىيەدە كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كۇلۇب، تەشكىلاتلارغا قاتناشتۇرۇپ، كوللېكتىپ تۇرمۇش ئارقىلىق قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. رېئال تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىدىمۇ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرگەن. مۇخبىر كوچا ئاپتوبۇسىدا بالىلارنىڭ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆردى، بىراق ئورۇندۇق بوش ئىدى، چوڭلار بولۇپمۇ ياشانغانلار ئورۇندۇقتا خاتىرجەم ئولتۇراتتى. بۇنداق قىلىش بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىش ئىدى. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا يەنە ئىجتىمائىي تەرتىپكە رىئايە قىلىش، سەۋرچانلىق بىلەن ئۆرەتتە تۇرۇش، ھەر ۋاقىت باشقىلارنى، ئومۇمنى ئويلاش تەربىيەسى بېرىدۇ. ئاجىزلارغا، كىچىكلەرگە ھېسداشلىق قىلىش، ياردەم بېرىش گېرمانىيە بالىلىرىدىكى ئىجتىمائىي خاراكتېر تەربىيەسىنىڭ بىر قىسمى. جەمئىيەتنىڭ تەشەببۇس قىلىشى، مەدەت بېرىشى بىلەن گېرمانىيەلىك بالىلارنىڭ ئەمالارنى، ياشانغانلارنى يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشى بىر خىل ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلاندى. مېيىپ، ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىمۇ ئاسانلاشتى. مۇخبىر گېرمانىيەلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ دائىم كوچىدىكى سەرگەردانلارغا يېمەكلىك ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. چوڭلار سەۋرچانلىق بىلەن بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ: سەرگەردانلار گەرچە جۇلدۇر كېيىنىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئوخشاشلا ئادەملىك ھۆرمەتتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، دەيدۇ. گېرمانىيەلىكلەر يەنە بالىلاردا كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇش خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىگە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. دوستۇمنىڭ بالىسى بىر قېتىملىق يىغىلىشتا باشقا بىر بالىنىڭ ھاقارەت قىلىشىغا ئۇچراپ بەك ئاچچىقلاندى، دوستۇم بالىسىغا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ: شۇ چاغدا ھېلىقى بالىنىڭ ئەرمەك ئىتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغانلىقى، كەيپىياتى ياخشى بولمىغاچقا سۆز-ھەرىكەتتە قوپاللىق قىلىپ قويغانلىقىنى چۈشەندۈردى. نەتىجىدە دوستۇمنىڭ بالىسى ئاخىر ھېلىقى بالىنى كەچۈردى. گېرمانىيىلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بالىلاردا ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈش بىر كېچىدىلا روياپقا چىقىدىغان ئىش بولماستىن، بەلكى كۆچەت تىككەندەك، ئېرىنمەي پەرۋىش قىلىشقا، ئۆسۈپ يېتىلىشكە مۇۋاپىق تۇپراق بولۇشى، بەزىدە يەنە چاتاپ قىڭغىر-قىيسىق ئۆسۈپ قېلىشىنى چەكلەشكە توغرا كېلىدىكەن.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] دۇنيادىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسىتېت [ 2012-02-07 22:01:16 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەتىل [ 2012-02-07 21:59:25 ]
[باشقا رەسىملەر] ئادەمنىڭ ئەڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان قاتناش ۋەقەلىر [ 2012-01-25 04:04:12 ]
[باشقا رەسىملەر] بۇ ئاياغنى كىيىشكە جۈرئەت قىلالامسىز؟ [ 2012-01-25 04:02:11 ]
[باشقا رەسىملەر] كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ياغاچ ھەيكەللەر [ 2012-01-25 03:59:54 ]
[باشقا رەسىملەر] كۆزنى ئالدايدىغان رەسىملەر [ 2012-01-25 03:55:08 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئىككى يىغىن خەۋەر ۋە دوكلات ماتىريال توپلىمى [ 2012-01-17 00:08:14 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى [ 2012-01-17 00:06:22 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى مەكت [ 2012-01-17 00:04:05 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ [ 2012-01-16 23:59:25 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر