پەرزەنىت ساغلاملىقىئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالا تەربىيىلەشتىكى بەزى نۇقسانلىرىمىزغا نەزەر

يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-18 05:27 مەنبەسى: ئاپتورى: م.قانات كۆرۈلۈشى: قېتىم
‹‹بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا ئاتا–ئانىلارنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەسىرىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ، ئاتا-ئانى
تەلەي +1

 

بالا تەربىيىلەشتىكى بەزى نۇقسانلىرىمىزغا نەزەر

 

راخمانجان ئىمىر

 

   بالىلار ئاتا–ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى. بالىلارنىڭ ساغلام، ئەقىللىق چوڭ بولۇشى، ئۈمىد–چىدام بىلەن قوراللىنىشى، بىلىمنى، ئەخلاقنى، شەرم–ھايانى دوست تۇتۇپ ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئۇل سېلىشقا ھازىرلىنىشى ھەر قانداق ئاتا–ئانىنى چەكسىز خۇرسەن قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا بۈگۈنكى كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە ئۆز خۇشاللىقىنى پەرزەنتلىرىنىڭ بەخت-ئامىتىدىن ئىزدەشنى ئادەت قىلغان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئايىماي سەرپ قىلىپ، ئۇلارنى ئەڭ ياخشى تەربىيىلىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلىشنى، ئەڭ داڭلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى قوغلاشسا بەزى ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ بىلەن قالماي يەنە، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنىڭ ياخشى بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ پەرزەنتلىرىنى ھەر خىل كۇرسلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتناشتۇرۇۋاتىدۇ ياكى خىلمۇ خىل ساھە بويىچە بەس-بەستە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا ئەڭ ياخشى بولغان ئۆگىنىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ ھال ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تەقدىرىگە، كېيىنكى ئىستىقبالىغا نەقەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە.

   جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، كىشىلىرىمىزنى ئۆزلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئەمەلىيرەك ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، زور كۆپچىلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدىنىشى، ھەر تەرەپلىمە كۈچ سەرپ قىلىشى كىشىنى سۆيۈندۈرمەي قويمايدۇ. لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۆزلىرىدىكى تۈرلۈك يامان ئىللەتلەرنى بالىلىرىغا زورلاپ تېڭىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ‹‹تاپ›› تىن چىقىپ كېتىشىگە ‹‹يېشىل چىراغ›› يېقىپ بېرىشى كىشىنى ئويلاندۇرماي، ئېچىندۇرماي قويمايدۇ.

   پىكرىمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى كىچىككىنە مىسالنى قىستۇرۇپ ئۆتەي: يېقىندا بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە بولغان بىر يىغىلىشتا ياش بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ ئۆزىگە كەلگەن بىر رومكا ئاق ھاراقنى سورۇنغا بىللە ئېلىپ بارغان سەككىز ياشلىق ئوغلىغا سۇنۇپ بەرسە، ئۇ بالىنىڭمۇ ھېچقانداق قارشىلىقسىزلا ھاراقنى‹‹گۈپپىدە››ئوتلىۋېتىپ مىيىغىدا كۈلۈپ ئولتۇرغىنىنى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر سورۇندا بىر خىزمەتدىشىمنىڭ قولىدىكى تاماكىنى تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا سۇنۇپ: ‹‹ئوغلۇم، ماۋۇ تاماكىنى ئاكىلىرىڭ ئالدىدا ئۆتكەنكىدەك بۇرنىڭدىن ئىس چىقىرىپ بىر تارتىپ بەرگىنە››دەپ ئوغلىغا بەرگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھەيران قالدىم. 2004-يىلى ئەتىيازدا بىر تونۇشۇمنىڭ 26 ياشلىق چوڭ ئوغلىنىڭ مەلۇم بىر ئولتۇرۇشتا ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن ئىنىسىغا يۇقىرى گرادۇسلۇق ئاق ھاراق ئىچۈرۈپ قويغانلىق سەۋەبىدىن ئۇ بالىنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ بەكمۇ ئېچىنغانىدىم (بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ باشقا جايلاردىمۇ ئۇچرايدىغانلىقى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس، ئەلۋەتتە)

   بۇنىڭدىن باشقا، بەزى ئاتا–ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلىرىغا جانلىق ئۈلگە بولۇش، ئىلمىي تەربىيىلەشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ياخشى-يامان ئىش-ھەرىكەتلىرىگە مۇۋاپىق چەك قويماي زىيادە ئەركىگە قويۇپ بەرسە، يەنە بەزىلىرى مۇشتۇمدەك بالىلارنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ قورقۇتۇپ بىر قىسىم قېلىن-قاششاقلارنى، باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىش ئارقىلىق غەيۋەتخورلارنى، نېمە دېسە شۇنى ئېلىپ بېرىش، قىلىپ بېرىش ئارقىلىق تەييارتاپلارنى، نەگە بارسا شۇ يەرگە ئاپىرىش ئارقىلىق تاماخورلارنى، ئۆزى بىلەن بىللە ھاراق ئىچۈرۈش ئارقىلىق مەيخورلارنى، تاماكىنى بىللە چېكىش ئارقىلىق بەڭگىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقماقتا.

   بۇ يەردە شۇنى قەيت قىلغۇم كېلىدۇكى، بەزى ئاتا–ئانىلار مەسئۇلىيەتسىزلىكى،بىپەرۋالىقى تۈپەيلى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان،ئۆزلىرىنىڭ دەرقەمتە تۇرۇپ كۆڭۈل بۆلۈشىگە،ياخشى ئۇزۇقلاندۇرۇپ بېقىشىغا مۇھتاج بالىلىرىنى قاراڭغۇ ئۆيگە بەنت قىلىپ قويۇپ تۈگىمەس چاي-ئولتۇرۇش،توي-تۈكۈنلەرنىڭ كەينىدىن چېپىپ كەلدى ۋە ھېلىھەممۇ يەنە چېپىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە ئاتا-ئانا دېگەن پەرزەنتلىرىنىڭ كېيىنلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆز مەجبۇرىيىتىم دەپ قاراپ، ئۇلارنى ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى مەنزىرىلىك جايلارغا، مۇزېيلارغا، مەشھۇر ئالىم، قەھرىمانلارنىڭ قەبرىگاھىغا، ھايات ئالىم، شائىر-يازغۇچىلارنىڭ تۇرارگاھىغا، پەن–تېخنىكا سارايلىرىغا، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بالىلارنىڭ ئۈمىد، ئىشەنچ، سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق بالىلىرىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ‹‹ئويغىتىپ›› زېھنى-قۇۋۋىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك ئىدى. شۇنداقمۇ ئاتا-ئانىلار بار،ئۇلار مۇنداقلا تونۇشۇپ قالغان دوستلىرىنى نەچچە يۈز يۋەن خەجلەپ مېھمان قىلىشقا رازىكى، ئىمتىھاندا 100 نومۇر ئالغان بالىسىنى تەبرىكلەپ ياخشىراق ئوقۇشلۇقتىن بىرەرنى ئېلىپ بېرىشكە كۆزى قىيمايدۇ. ئاخىرى چىقمايدىغان، قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق ئىشلارغا بىر نەچچە كۈنلەپ ۋاقىت سەرپ قىلىشقا رازىكى، بالىلىرى بىلەن بىرەر كۈن، بىرەر سائەت ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىشقا، پىكىرلىشىشكە چىدىمايدۇ. نەزىر-چىراغ، توي-تۆكۈنلەردە نەچچە سائەتلەپ كاپشىپ مەمەدانلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالغىنى بىلەن، ئائىلىسىدە بالىلىرىغا بىرەر كۇبلېت قوشاق، شېئىر، تېپىشماق، چۆچەك ئېيتىپ بېرىشكە رايى بارمايدۇ.

   دېمەك، بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلىدۇ-يۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىغا بېرىدىغان تەسىرىگە سەل قاراش بىلەن بىرگە تەربىيىلەش، يېتەكلەش جەھەتتە ئۇسۇلغا دىققەت قىلماي ‹‹ياۋا شاخ››نى كېسىمەن دەپ ‹‹نۆۋەي›› ىنى سۇندۇرۇپ قويۇپ يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   ئامېرىكىلىق بالىلار پسىخولوگىيىسى مۇتەخەسسىسى لېمىرس: ‹‹بالىلارنىڭ قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا ئاتا–ئانىلارنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەسىرىدىنمۇ چوڭ بولىدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتى، روھىي ھالىتى بالىلار ئۈچۈن كۈندە كۆرۈپ تۇرىدىغان تەسىرى زور كىتابتۇر››دەپ كۆرسەتكىنىدەك، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى - ئۇلارنى ياخشى غىزالاندۇرۇش، كىيىندۈرۈش، ساغلاملىقىنى ئاسراش بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى، سۆز-ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلارغا ‹‹ئەينەك›› بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاكىز قەلب ئېتىزىغا ئەڭ خۇش پۇراق گۈللەرنى تېرىپ ۋە ئاينىتىپ، بالىلارنىڭ بىلىملىك، ئىلمىي، مەدەنىي، كەمتەر، تىرىشچان، ئاق كۆڭۈل بىر ئەۋلادلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت .

   ئىنساندىكى مىجەز-خاراكتېر بالىلىقتىن باشلاپ يېتىلىدىغان بولغاچقا، بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك چاغدىكى تەربىيە، سىڭدۈرۈلگەن ئاڭ، كۆز قاراش تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مەڭگۈلۈك ئورناپ، كېيىنكى ئىدىيە، كۆزقاراشلارنىڭ يېتىلىشىدە خېمىرتۇرۇچلۇق رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلىرىنى تەربىيىلەشتە قىلچە بىخەستەلىك قىلماي ئۆزىنىڭ گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، بولۇپمۇ پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئۆز ئوبرازىنى تىكلەش ۋە قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

   ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم، پەرزەنتلىرىمىزنى ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىمەن دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزىمىز زامانغا لايىق ساپا، بىلىم، ئەخلاقىي-پەزىلەت بىلەن تەربىيىلىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۆزىمىزدە ساقلىنىپ قالغان قالاق، پۈچەك ئىللەتلەرنى تۈزىتىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ياخشى ئوبرازىمىزنى قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلالىساقلا پەرزەنتلىرىمىز بىزدىن ياخشى ئۈلگە، ئۆرنەك ئېلىپ كەلگۈسىدە ئۆز ئىستىقبالىنىڭ داغدام دەۋازىسىنى ئېچىشقا قادىر بولالايدۇ.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

م.قاناتنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] تارىخ پەنلىرى دوكتورى-بەختىيار تۇرسۇن [ 2011-12-18 05:32:02 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى-ئابلىكىم ياسىن [ 2011-12-18 05:31:01 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] چەتئەللىكلەرنىڭ باللىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى [ 2011-12-18 05:30:02 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلارنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى [ 2011-12-18 05:29:08 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالا تەربىيەلەشتە ‹‹10››نى قىلماسلىق لازىم [ 2011-12-18 05:26:41 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلارنى ئۆگىنىشنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرايلى [ 2011-12-18 05:25:33 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] پەرزەنىت كۆڭلى ئۆلمىسۇن ، گۈل چىرايلار سۇلمىسۇن [ 2011-12-18 05:24:14 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى - ‹‹مېھماندارچىلىق›› ئ [ 2011-12-18 05:23:04 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى - ‹‹بۆشۈك ئويۇنى›› [ 2011-12-18 05:21:54 ]
[بالىلار ئويۇنلىرى] ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى - ‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى [ 2011-12-18 05:20:55 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
م.قانات تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-12-13 16:12 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-12-18 06:12
تەۋسىيەلەر