بالىڭىز سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندەبالىڭىز باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى بۇزۇپ قويسا ياكى يالغان سۆزلىسە، ئۇنىڭ بۇ سەۋەنلىكىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ، يۇقىرىقىدەك ئىشلار يۈز بەرگەندە بەزىلەر بالىلىرىنى تەنقىدلەشكە ئالدىرىسا، بەزىلەر بالىلارنىڭ بۇنداق ‹‹قىلمىشى››نى ‹‹كىچىك ئىش›› دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. ياخشىسى بالىلارنىڭ سەۋەنلىكىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك، بۇ ئاتا – ئانىلاردىن بەلگىلىك ساپا تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ياپونىيىلىك بىر ئىنسانشۇناس ئامېرىكىلىق پروفېسسور بىلەن قوشنا ئىكەن. بىر كۈنى ئامېرىكىلىق پروفېسسورنىڭ ئوغلى پۇتبول ئويناۋېتىپ ياپونىيىلىكنىڭ دېرىزە ئەينىكىنى چېقىۋېتىپتۇ. ياپونىيىلىك: ‹‹قوشنام بىزدىن ئەپۇ سورىغىلى كىرىدۇغۇ›› دەپ ئويلاپتۇ. ئەمما ئۇلار كەلمەپتۇ. ئەتىسى ھېلىقى بالا تاكسى شوپۇرى بىلەن بىر پارچە يوغان ئەينەكنى ئىنجىقلاپ كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ ۋە ئەدەب بىلەن: ‹‹تاغا، كەچۈرۈڭ! تۈنۈگۈن ئۆيۈڭلارنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ قويدۇم، لېكىن، كەچ بولۇپ كەتكەچكە بۈگۈن ئەتىگەن دۇكان ئېچىلىشى بىلەنلا ئەينەكنى ئېلىپ كەلدىم. كەچۈرۈڭلار، بۇنداق ئىشنى بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز قىلمايمەن. ماڭا ئىشىنىڭلار›› دەپتۇ. ياپونىيىلىك ئەر – خوتۇن بۇ بالىنىڭ سەمىمىيىتىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنى ئوبدان غىزالاندۇرۇپتۇ، ياپونىيىدىن ئېلىپ كەلگەن ئېسىل كەمپۈتلەرنى سوۋغات قىلىپتۇ. ئەتىسى ھېلىقى بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى كىرىپ تولىمۇ نارازى قىياپەتتە: ‹‹بالا خاتالاشسا ئۇنىڭغا مۇكاپات بەرسەك بولمايدۇ›› دەپ، كەمپۈتنى ياپونىيىلىك ئالىمغا قايتۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە: ‹‹بالا خاتالاشقان ئىكەن، ئۆز خاتالىقىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى لازىم. بۇ بالا چېقىۋەتكەن ئەينىكىڭلارنى تۆلەشكە بىز ھەر ئايدا مۇقىم بېرىدىغان پارچە خىراجىتىنى سەرپ قىلىپتۇ. بىز ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا بىر پۇڭمۇ ياردەم قىلمىدۇق. ئەگەر ئۇنىڭ پۇلى يەتمىسە، بىزدىن ئارىيەت ئالىدۇ. ئەمما ئۇ ئارىيەت ئالغان پۇلنى چوقۇم قايتۇرىدۇ. مەسىلەن، ئەتىگىنى سۈت ياكى گېزىت سېتىپ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ چۆپلۈكلىرىنى قىرقىشىپ بېرىپ بولسىمۇ پۇل تېپىپ قايتۇرىدۇ. بىزنىڭ بالىمىزغا بۇنداق پوزىتسىيىدە بولۇشىمىز، ئۇنىڭ ئۆز خاتالىقىغا ئۆزىنى بەدەل تۆلىتىش ئۈچۈن. چۈنكى بالىمىز بەدەل تۆلەش جەريانىدا ئاندىن كىشىلىك تۇرمۇشتىكى قىممەتلىك ساۋاقلارنى قوبۇل قىلالايدۇ›› دەپتۇ. يۇقىرىقى باياندىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ شەرقلىقلەرنىڭ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلمىيلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. دېمەك، بىز بالىلىرىمىز خاتالىق سادىر قىلغاندا، ئۇلارنى ئالدىراپ تەنقىدلىمەي، ئۇلارغا ئۆز خاتالىقىنى تونۇش ۋە تۈزىتىش پۇرسىتى بېرىشىمىز لازىم. ئادەتتە نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرى خاتالىق ئۆتكۈزسە، دەرھال ئاچچىقلىنىپ، ئۇلارنى تەنقىدلەشكە ئالدىرايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلارنىڭ خاتالىقىنى دەرھال تونۇشى ناتايىن. شۇڭا تەنقىدتە تەربىيىنى ئاساس قىلىشىمىز، تەنقىدتە ئىلمىي بولۇشىمىز لازىم. مەلۇم بىر دۆلەتتە بىر مۇخبىر ئىلىم – پەن ساھەسىدە زور نەتىجە ياراتقان بىر ئالىمنى زىيارەت قىلىپتۇ. مۇخبىر ئۇنىڭدىن: ‹‹سىزگە قانداق نەرسە بۇنچىلىك زور ئىجادىيەت تەسەۋۋۇرىنى ئاتا قىلغان؟›› دەپ سورىسا، ئالىم ئۇنىڭغا ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىپتۇ: ئالىم ئۆسمۈر ۋاقتىدا توڭلاتقۇدىن بىر بوتۇلكا سۈتنى ئالماقچى بولغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن بوتۇلكا قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ، سۈت تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ. ئانىسى بۇنىڭغا ئاچچىقلانماي: ‹‹بالام، بۇنچىلىك كۆپ سۈتنىڭ يەرگە تۆكۈلۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، ئەجەب قىزىق بولىدىكەن – ھە!›› دەپتۇ – دە، بىر تۇتام پاختا، بىر پارچە لاتىنى بېرىپ بالىغا تۆكۈلگەن سۈتنى تازىلاشنى بۇيرۇپتۇ. بالا سۈتنى پاك – پاكىز تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئانىسى يەنە: ‹‹بايا سۈت بوتۇلكىسىنى ئالغاندا ئۇنى چىڭ تۇتالماپسەن، بۇ سېنىڭ سۈت بوتۇلكىسىنى قانداق تۇتۇشنى بىلەلمىگەنلىكىڭدىن بولغان. قورۇدا سۇ قاچىلانغان بىر بوتۇلكا بار، ئۇنى ئىككى قوللاپ كۆتۈرۈپ، بوتۇلكا كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلغىن، بەلكىم ئۇنى چىڭ تۇتۇپ كۆتۈرۈشنىڭ ئامالىنى تېپىۋېلىشىڭ مۇمكىن›› دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بالا بوتۇلكا كۆتۈرۈشنى مەشىق قىلىپ، بۇتۇلكىنى قانداق تۇتۇشنى بىلىۋاپتۇ. ئالىم يۇقىرىقىلارنى سۆزلەپ بولۇپ مۇنداق دەپتۇ: ‹‹دەل مۇشۇ ئىش مېنى خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقمايدىغان قىلدى. ھەر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزسەم، شۇ خاتالىقىمدىن يېڭى بىلىم ئىگىلەيدىغان بولدۇم. مەن ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ئۆزۈم سادىر قىلغان خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىش جەريانىدا ھەل قىلغان›› دەپتۇ. ئۇنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى خەلقىمىزدىكى ‹‹بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ، بىر ئەقىل تاپىسەن›› دېگەن ھېكمەتنى بەكمۇ جايىدا دەلىللەيدۇ. ھاياتلىق ئەمەلىيەت ئۆگىنىش جەريانىدۇر. ھاياتىدا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم بولمايدۇ. شۇڭا بالىلار ئۇششاق – چۈششەك سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە، ئۇلارغا ‹‹خاتالىق ئۆتكۈزدى›› دەپ كايىماي، بەلكى ئۇلارنى ‹‹تەجرىبە توپلاۋاتىدۇ›› دەپ چۈشەنسەك بەكمۇ توغرا بولغان بولىدۇ. سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندە، ئۇلارغا شۇ سەۋەنلىكلەرنى توغرا تونۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىپ قويساقلا كۇپايە. بالىلار ئاشۇ سەۋەنلىكلەرنى تۈزىتىش ئارقىلىق ئالتۇندىن قىممەتلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ.
|