مۇتەخەسسىس ئوتتۇرىغا قويغان بالا تە
يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-25 16:45 مەنبەسى: ئاپتورى: ئالىپتىكىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئادەتتە بالىڭىزنىڭ نىمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشەنسىڭىز ، بالىڭىزنى خوشال قىلالايسىز .
مۇتەخەسسىسئوتتۇرىغا قويغان بالا تەربىيىلەشتىكى 30 تۈر ھەبىبە نىياز ( ت ) * 1- ھەر قانداق ۋاقىتتا بالىڭىزغاتولۇپ - تاشقان ئۈمىد بىلەن قاراڭ . * 2- ئادەتتە بالىڭىزنىڭ نىمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشەنسىڭىز ، بالىڭىزنى خوشال قىلالايسىز . * 3- بالىڭىزنى دائىم ئىلھاملاندۇرۇڭ ، بالىڭىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانداسوغۇق سۇ سەپمەڭ . * 4- بالىڭىزغا قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن قىلىپ كۆرسىتىڭ . * 5- بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىز بىلەن تاكاللاشماڭ . * 6 - بالىڭىزغا بوۋا - مومىلىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلماڭ . * 7- خاتالىقىنى بالىڭىزنىڭ ئۆزىگە ئىقرار قىلدۇرۇڭ . * 8 - باشقىلارنىڭ ئالدىدا بالىڭىزنىڭ يۈزىنى چۈشۈرمەڭ . * 9 - باشقىلار بالىڭىزنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسەتكەندە يان باسماڭ . * 10 - بالىڭىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا قارىتا سەمىمىي بولۇڭ ، بىلگەننىبىلىمەن ، بىلمىگەننى بىلمەيمەن دەڭ . * 11 - بالىڭىزنى پات - پات ساياھەتلەرگە ئېلىپ چىقىڭ . * 12 - بالىڭىزغا ئەركىن پائالىيەت قىلىدىغان ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىڭ . * 13 - ھەر كۈنى بالىڭىزنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئايلاندۇرۇڭ . * 14 - بالىڭىزنى ئىش قىلغاندا ئاكتىپ قىلىشقا ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندابەل قۇيۇۋەتمەسلىككە ئىلھاملاندۇرۇڭ . * 15- بالىڭىز بىلەن دائىم ھەر خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىدىيە ، ھېسسىيات ئالاقىسىنى كۈچەيتىڭ . * 16 - بالىڭىز سىزدىن سۇئال سورىغاندا ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇسەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ . * 17- بالىڭىزنى تەنقىدلىگەندە ، بالىڭىزنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە ئىنكاسىنىئاڭلاپ كۆرۈڭ . * 18- بالىڭىزغا < سەن دېگەن دۆت ، ھېچقانداق ئىشنى قاملاشتۇرالمايسەن > دېگەندەك گەپلەرنى قىلماڭ . * 19 - بالىڭىزنىڭ بېسىمىنى ئازايتىپ ، بالىڭىزغا تاللاش ۋە ھۆكۈم قىلىشپۈرسىتى بېرىڭ . * 20 - بالىڭىزغا ۋەدە قىلغان ئىشنى چوقۇم قىلىپ بېرىڭ . * 21 - بالىڭىزنىڭ دوستلىرىنىڭ ئۆيىڭىزگە كېلىپ ئوينىشىنى قارشى ئېلىڭ ، * 22- بالىڭىزنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ ، كۆڭلىدىكى تەلەپ - ئېھتىياجىنى چۈشىنىۋېلىڭ . * 23- بالىڭىزغا ئويۇنچۇقنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئېلىپ بەرمەڭ . * 24- بالىڭىز شوخلۇق قىلسىلا ۋارقىراپ قورقۇتماڭ . * 25- مۇئەللىمى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ . * 26- بەزى ئىشلاردا بالىڭىزنىڭمۇ پىكىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭ . * 27- بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى تەكىتلىمەڭ . * 28- بالىڭىزغا بېسىم ئىشلەتمەڭ . * 29 - بالىڭىزغا قاتتىق قول بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئازراق ئەركىنلىكمۇبېرىڭ . * 30 - شارائىتىڭىز يار بەرسە ، بالىڭىزنىڭ ئۆيىنى ئايرىم قىلىپ بېرىڭ . مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى . تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|
------分隔线----------------------------