پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بالىڭىزدا ئىقتىساد ئېڭىنى يېتىلدۈرەلىدىڭىزمۇ؟

يوللانغان ۋاقتى: 2011-11-24 15:29 مەنبەسى: رادىئو تورى ئاپتورى: ئالىپتىكىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
تېجەشلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بالىلاردا مۇئەييەن ئىقتىساد ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار
تەلەي +1

بالىڭىزدا ئىقتىساد ئېڭىنى يېتىلدۈرەلىدىڭىزمۇ؟

تېجەشلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بالىلاردا مۇئەييەن ئىقتىساد ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. بالىلاردا ئىقتىساد ئېڭى يېتىلسە باشقىلارنى دوراپ بەتخەجلىك قىلمايدىغان، ئەكسىچە پارچە-پۇرات پۇللارنى يىغىپ مەلۇم سانغا يەتكەندە ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغان ياكى پۇل يىغىش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ھەر خىل ئۇسۇل ۋە شەكىللەردىن پايدىلىنىپ بالىلارنىڭ ئىقتىساد ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

ھازىر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن ھېسابلاشماي، باشقا بالىلارنى دوراپ بەتخەجلىك قىلىدىغان ئەھۋاللار ئاۋۇپ قالدى. بەزى ئوقۇغۇچىلار كۈنىگە بەش-ئون يۈەن پۇل خەجلىمەي قالمايدۇ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارئىتى ياخشىراق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈنلۈك پارچە-پۇرات خىراجىتى بۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ. يەنە بەزىلىرى ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ باشقىلارنى دوراپ بەتخەجلىك قىلىدۇ. بىرقىسىم بالىلار ھېيت - ئايەم كۈنلىرى چوڭلارنىڭ قولىغا قارايدىغان، ھەتتا پۇل سورايدىغان بولۇۋالدى. ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىساد تەربىيەسى بېرىلمىسە ھەر خىل بەتخەجلىكلەر ۋە تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بەتخەجلىك قىلماي، پارچە-پۇرات پۇللىرىنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يىغىدىغانلارمۇ بار. ئاتا - ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار مانا مۇشۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىلىك ئىشلىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق بالىلارغا ئىقتىساد تەربىيەسى بەرسە بۇنىڭ ئۈنۈمى جەزمەن ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ ساندىكى دۇنياۋى بايلارنىڭ تاپقان پۇللىرىنى بۇزۇپ چاچماي، تېجەشلىك چىقىم قىلىپ، ئاخىرى دۇنياۋى بايغا ئايلانغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىقمۇ بالىلارنىڭ ئىقتىساد ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىقتىسادقا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىشى، ئىقتىسادقا ئائىت ماقالىلەرنى ياكى كىتابلارنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئۆزىدە مۇئەييەن بىلىم ۋە چۈشەنچە بولمىغان ئادەمنىڭ باشقىلارغا قايىل قىلارلىق نەسىھەت قىلالمايدىغانلىقىغا ئوخشاش مەلۇم ئىقتىساد ئېڭى ھەم چۈشەنچىسى بولمىغان ئادەممۇ بالىلارغا ئىقتىساد توغرىسىدا قايىل قىلارلىق تەربىيە بېرەلمەيدۇ.

ئىقتىساد ئېڭىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار كەلگۈسىدە جەزمەن چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلەيدۇ. ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە بىھۇدە سورۇقچىلىققا قالماسلىقى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۇلارغا ئىقتىساد باشقۇرۇش تەربىيەسى بېرەيلى، ئىقتىساد ئېڭى ھەر ۋاقىت پەرزەنتلىرىمىزگە ھەمراھ بولسۇن.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

------分隔线----------------------------

【ئاۋات خەتكۇچلەر】

ئالىپتىكىننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] 38-پاراللېلنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي رولى [ 2011-12-03 10:40:31 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئامېرىكىلىقلارنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىدىكى ئۈچ ئەڭگۈ [ 2011-12-03 10:31:35 ]
[تارىخى بىلىملەر] خوتەندىكى دېئالېكتنىڭ ئاق ھۇن قاتلىمى توغرىسىدا [ 2011-12-03 10:29:06 ]
[تارىخى بىلىملەر] لوپنورلۇقلارنىڭ ئەجدادى كىملەر؟ [ 2011-12-03 10:26:08 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەر [ 2011-12-03 10:24:54 ]
[تارىخى بىلىملەر] موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ئۇيغۇر قوماندانلار [ 2011-12-03 10:23:38 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 19 بالىنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەب بولغان گەنسۇ جېڭنىڭ مەكتە [ 2011-12-01 17:37:07 ]
[ئوقۇتۇش رەسىملىرى] يۈز يىل بۇرۇنقى چېنىقىش سايمانلىرى [ 2011-12-01 17:22:22 ]
[باشقا رەسىملەر] دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كۇتۇپخانىلار [ 2011-12-01 17:19:18 ]
[تارىخى رەسىملەر] 1949-يىلىدىكى شاڭخەي ، قىنى ھوزۇرلىنىڭ [ 2011-12-01 17:02:47 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-12-03 12:12
تەۋسىيەلەر