پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ھاياتنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئاتنىڭ ئ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-17 21:41 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ھاياتنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئاتنىڭ ئوغلىغا ئېيتقانلىرى ئوغلۇم ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ھاياتلىق . دۇنيا
تەلەي +1

ھاياتنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئاتنىڭ ئوغلىغا ئېيتقانلىرى

 




      ئوغلۇم ، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق —ھاياتلىق . دۇنيادا ھاياتلىقتىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان شادلىق ، شېرىنلىك بولمايدۇ . چۈنكى ھاياتلىق ئىنسانغا پەقەت بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدۇ. ئەگەر ھاياتلىق ئادەمگە ئىككى قېتىم نېسىپ بولسا ئىدى ، ئۇنىڭ ئۇنچىلىك قىممىتى بولماس ئىدى. دۇنيادا يوقالغاندىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولغان نەرسىلەرنىڭ نابۇت بولۇشى ئانچە ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەس. لېكىن قايتا تەكرارلىنىش ، ئەسلىگە كېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ھاياتلىقنى بىھۇدە زايا قىلىۋېتىش بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. شۇڭا ھاياتلىقتىن ئىبارەت بۇ بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىش كېرەك ، ئۆمۈر كۆچىتىدىن ھاسىل بولغان مېۋىنىڭ باشقىلارغا بەرگەن بەھىرى ياكى كەلتۈرگەن زەھىرىگە قاراپ ، ئۇ كىشىنىڭ ھاياتلىقتىكى قىممىتىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ .
    ئوغلۇم ، شۇنى ئېسىڭدىن چىقارمىغىنكى ، سېنىڭ دۇنياغا تۆرىلىپ ياشاشتىكى مەقسىتىڭ ۋە ئۆمۈرلۈك نىشانىڭ ھەرگىز يەپ–ئىچىش ، ئېسىل كىيىنىش ، كەيىپ – ساپا ۋە ئەيش– ئىشرەت قىلىش بىلەن ئۆمۈرنى مەنىسىز خورىتىش بولۇپ قالمىسۇن . دۇنياغا تۆرىلىپ ھېچقانداق ھاياتلىق ئىزناسى قالدۇرالمىغان ئادەمنىڭ قىلچە قىممىتى بولمايدۇ . سېنىڭ قۇرۇق ئۇستىخىنىڭ ھايات سەيناسىدا ھېچقانداق بىر قىممەتكە ئىگە ئەمەس. سەن ھاياتىنىڭنى ئۆزەڭ رازى بولغۇدەك مەنىلىك ئۆتكۈز ، زېھنىڭ ۋە قۇۋۋىتىڭنى مەنىلىك ئىشلارغا سەرپ قىل .
    بۇ ھاياتلىقتا مۇشەققەتسىز راھەت بولمايدۇ ، مۇشەققەتسىز ئېرىشكەن راھەتمۇ ھەقىقىي پاراغەت ھېسابلانمايدۇ . ھايات دېگەن شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق سۈيىدەك تىپ –تىنچ بولمايدۇ ، سەن ھاياتنى تىنىمسىز ئېقىۋاتقان قىيانلىق دەريا دەپ پەرەز قىلغىن . ھېچقانداق ئادەم بۇ دۇنياغا مۇكەممەللىك تاجىنى كىيىپ كەلگەن ئەمەس ، بەلكى تۇرمۇشنىڭ دولقۇنلۇق قايناملىرىدا پىشىپ بارا –بارا تاكاممۇللىشىپ بارىدۇ . ھاياتنىڭ مەنىسى ھايات دولقۇنلىرىنى يېرىپ ئۆتۈپ مەلۇم بىر ئىشتا كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا زاھىر بولىدۇ . ئازراق نەرسىنى بىلىۋېلىپ ، چەللىدە ئات چاپقۇچى بولما . شۇنى بىلگىنكى ، سەن ئۆزۈڭنى كامالەت ئىگىسى دەپ ، ئۆز – ئۆزەڭگە تەمەننا قويغان كۈندىن باشلاپ ، سەن ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ دەپنە قىلىش يولىغا ماڭىسەن . تىنىمسىز ئىزدىنىشنى ئۆزۈڭگە مىزان قىل ، ئۆزۈڭنى مەڭگۈ ئوقۇغۇچىمەن دەپ ھېسابلا . شۇندىلا ئۆزۈڭگە قاتتىق تەلەپ قويالايسەن ، ئۆزۈڭنى ئۆزەڭ چۈشەپ قويمايسەن . ھاياتنى مەنىسىز ۋە ئەڭ يىرگىنىچلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ھەرخىل يوللىرى بار بولۇپ ، بۇلار سېنى  ئېزىتقۇ يولغا باشلاپ ماڭىدىغان ئەڭ قاباھەتلىك يولدۇر. نەپىسىنىڭ بويۇنتۇرىقىغا ئەسىر بولۇپ ، پەقەت نەپسى ئۈچۈنلا ياشايدىغان مەخلۇققا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلان .
  ئوغلۇم ، سېنىڭ ھاياتىڭ جەمئىيەتكە ، مىللەتكە ۋە ۋەتەنگە تەئەللۇق . سەن مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشمەكچى بولساڭ خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يېقىلمايدىغان پىرامىدا ياسا . 

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى
 
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر