پىسخولوگلارنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا ، ئاسان جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ئائىلىلەر تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل بولىدىكەن؛
1. جەمىيەتكە ئىشەنمەيدىغان ئائىلىلەر. بۇ ئائىلىلەرنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى مۇنداق بولىدۇ؛ قوشنىسى ، تونۇشى ۋە خىزمەتداشلىرىغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىدۇ، ئەتراپىدىكىلەردىن گۇمانلىنىپلا يۈرۈيدۇ، ھەتتا كىچىك ئىشلار تۈپەيلى ئۇلاردىن ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. پەرزەنتلىرى جىنايەت ئۆتكۈزسە ياكى ئوقۇتقۇچى ، ساۋاقداشلىرى بىلەن جېدەللەشسە ، بالىسىنىڭكىنىلا توغرا دەيدۇ.
2. پۇل ۋە مال-دۇنيا ھەلەكچىلىكىدىكى ئائىلىلەر؛ بۇنداق ئائىلىلەر مال-مۈلۈك ئۈچۈن مەنىۋى گۈزەللىكىنى ، ئەدەپ-قائىدىنى دەپسەندە قىلىدۇ، دائىم ئامەتكە ئېرىشسەم ، دەپ قانۇنغا خىلاپ ئىشلارنى قىلىدۇ، بالىلىرىنى قارام بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. پەرزەنتلىرى قانۇنسىز ئىش بىلەن شۇغۇنلانسا ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلسا ، جازادىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئۆگىتىدۇ.
3. ئويۇن-تاماشىغا بېرىگەن ئائىلىلەر؛ بۇنداق ئائىلىلەر ئىستىقبال توغرىسىدا ئويلانمايدۇ. دائىم تۈرلۈك .ئويۇن-تاماشا بىلەن بولۇپ ، بۈگۈنكى ئىشنىڭ ئەتە قانداق .اقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ ھەم بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈستىدە باش قاتۇرمايدۇ.
4. جېدەلخۇر ئائىلىلەر ؛ بۇنداق ئائىلىلىەر زورلۇق كۈچىگە تايىنىدۇ. چوڭلارنىڭ ،ئاتا-ئانىلارنىڭ گەپ سۆزلىرىنى ياقتۇرمايدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىسىنى دائىم ئۇرىدۇ، جىنايەتچىدەك سوراق قىلىدۇ. بەزىلىرى دائىم مەست ئۆيگە كەلگەچكە ، ئۆيدە جېدەل قۇرۇمايدۇ، نەتىجىدە بالىلىرىنىڭ كۆڭلى ئۆيدىن سوۋۇيدۇ -دە ، ئاسانلا جىنايەت يولىغا ماڭىدۇ.
بالىلىرى ئاسان جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان ئائىلىلەر
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|