پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ناچار پىسىخىك ھالەتنى كەلتۈرۈپ چى

يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-02 18:21 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ناچار پىسىخىك ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر نەچچە خىل ئائىلە مۇھىتى خۇشاللىق ئىزدىمەيدىغان ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىدە خۇشال

ناچار پىسىخىك ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر نەچچە خىل ئائىلە مۇھىتى

خۇشاللىق ئىزدىمەيدىغان ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىدە خۇشال كەيپىيات ئاز، چۈشكۈنلۈك قاپلىغان، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھى كەمچىل بولىدۇ. يېڭى شەيئىلەرگە ھەمدە خۇشال كەيپىيات ئېلىپ كېلىدىغان پائالىيەتلەرگە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ.

     تەنقىدلەش تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىدە دائىم ئائىلە ئەزالىرى بىر – بىرىنى تەنقىدلەيدۇ ۋە ئورۇنسىز بىر – بىرىنى ئەيىپلەيدۇ. بەزىلەر بىر – بىرىگە ئاسانلىقچە يول قويمايدۇ. گەپ قىلماي تۇرىۋالىدۇ.

     بىزارلىق تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىلەردە ئاتا – ئانىلار بىر – بىرىدىن بىزار بولغان، ئۇلارنىڭ بىرگە تۇرۇشى ‹‹ بالىغا ياخشى بولۇش ئۈچۈن›› لا بولۇپ، بەئەينى تۇزسىز تاماق يېگەندەكلا بولىدۇ.

     شەخسىيەتچىلىك تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىلەردە ئاتا – ئانىلار كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىر – بىرىگە يول قويمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ھېسداشلىق، كۆيۈنۈش كەمچىل بولىدۇ.

     خاپىخانىلىق تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىلەردە ئائىلە ئەزالىرى دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرىدۇ، تۇرمۇشتا ئالغا ئىنتىلمەيدۇ. مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەن بولىدۇ. بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن زىيانلىق.

     زىيادە ئەنسىزلىك تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى. بۇ خىل ئائىلىدە چوڭلار بالىلاردىن زىيادە ئەنسىرەپلا  يۈرىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلالىشىغا ئىشەنمەيدۇ.

   بالىدا ساغلام پىسخىك ھالەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، يۇقىرىقى بىر نەچچە خىل ئائىلە مۇھىتى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خۇشاللىققا تولغان ئىناق ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئۆز ئارا ئىناق ئۆتۈش، ئۆز ئارا يول قويۇشى، ناچار ئائىلە مۇھىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ ياخشىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا پەرزەنتىلىرىنى ياخشى تەربىيىلىگىلى، ئىناق ئائىلە قۇرغىلى، ياخشى پىسخىك كەيپىياتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر