پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

پەرزەنتلىرىمىزنىڭ « تاللاش ئېڭى »مۇستەھكەم بولغاي

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-20 23:47 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىزدە «ئازغىنە پايدىغا قىزىققۇچىلار چۈپەي بولىدۇ» دېگەن گەپ بار. پەرزەنتلىرىمىزنى ھاياتىغا زەرەرلىك، ئەمما ئەينى چاغدا جەلپكار بول

پەرزەنتلىرىمىزنىڭ « تاللاش ئېڭى »مۇستەھكەم بولغاي !

 

ھارۇت رەسول قادىرى

 

 تەربىيە – تەربىيەلىنىش ئىلمىدە «تاللاش ئېڭى» دېگەن ئۇقۇم بار. ئۇ، ئادەم ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشتا ئۆزىنى نىسبەتەن پىششىق بىلىش، ئۆزىگە لازىملىقنى مۇۋاپىق تونۇش ھەم يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بايقاش ئاساسىدا ئارمانغايىلىرىگە يېتىش نىشانىنى توغرا تاللىيالايدىغان بولۇشنى، يۈكسىلىشلىرىگە پايدىسىز ئامىللار ھەرقانچە جەلپكار بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن قەتئىي ۋاز كېچەلەيدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

مەنىۋىيىتىدە توغرا ۋە مۇستەھكەم تاللاش ئېڭى شەكىللەنمىگەن كىشىنىڭ يېتىلمىكى تەس. شۇنداق ئىكەن، پەرزەنتلەردە تاللاش ئېڭىنىڭ ئاجىز بولۇشى ئۇلارنى ھاياتىدا ئوڭۇشسىزلىقلارغا مۇپتىلا قىلىدۇ. بەزى بالىلىرىمىزغا نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرىدە بۇ ھال ئېنىق. مەسىلەن: (1) ئۇلار مەلۇم نەرسىلەرگە دەسلەپ ئوتتەك قىزىقىدۇ، چوڭلار ياكى تەجرىبىلىكلەر ئۇنىڭ پايدىسىز تەرەپلىرى ياكى ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېزىپ ئىچۈرۈپ، بۇ نۇقتىدىكى تاللىشىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا، كۆنمەي، بۇرنىغا يېگەن ھامان ئۇنىڭدىن سوۋۇپ، باشقىلاردىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ (2) ئۇلار ھەرقانداق شەيئىنىڭ مەلۇم ئىپادە شەكلى ياكى سىرتقى كۆرۈنۈشى، ھادىسىسىگە قىزىقىدۇ – دە، ئۇنىڭغا يېتىشتە ۋاسىتىنى مەقسەت، مەقسەتنى ۋاسىتە قىلىۋالىدۇ؛ (3) كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىدۇ، ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك مەنپەئەتلەرگە يېتىشنى خالىمايدۇ، بەلكى «ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەۋزەل» چۈشەنچىسى بويىچە ياشايدۇ؛ (4) ھەممىدە باشقىلارغا قاراپ ئىش تۇتىدۇ، مەغلۇبىيىتىنىمۇ باشقىلاردىن كۆرىدۇ؛ (5) خېمىرتۇرۇچىغا مۇناسىپ نۇقتىنى تاللىيالمايدۇ. ئۇنداقلارنىڭ زور بىر قىسمى كۆنۈككەن ئىتائەتمەنلەردىن بولۇپ، «نەدە ۋە نېمە كەسىپتە ئوقۇشۇمنى چوڭلارنىڭ بەلگىلىگىنى ھېساب» دەيدۇ، ئەمما ئىشى ئوڭدىن كەلمىسە ياكى ئوقۇش خۇش ياقمىسا «چوڭلار تاللىغان ئىشلار ئىدى»دەپلا قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنىدۇ؛ (6) ئۆلۈمدىن، نومۇستىن قورقمايدۇ – يۇ، ئەمما قىيىنچىلىق ۋە جاپا – مۇشەققەتتىن قورقىدۇ. چوڭلار بېشىدىن ئۆتكەن قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەتلەرنى سۆزلەپ، ئىبرەت قىلماقچى بولسا «ئۇ دېگەن كونا زامان، دەۋرىمىزدە بۇ ئارتۇقچە»دەيدۇ؛ (7) بىرەر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. جاھان ئىشلىرىدا «ئاقىۋەت» دەيدىغان ھاسىلاتنىڭ بولىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ.

جاھاندىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر غەيرەت – جاسارەت ۋە تىرىشچانلىق بىلەنلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، بەلكى مەلۇم ۋەزىيەتتە مەلۇم نەرسىلەردىن ۋاز كېچەلەيدىغان، مەلۇم نەرسىلەرنى دادىللىق بىلەن مۇناسىپ تاللىيالايدىغان، قىسقىسى، تاللاشنى تاشلىۋېتىشنى (ۋاز كېچىشنى) بىلىدىغان، تاللىشىدا ئاقىلانە چىڭ تۇرالايدىغان، ساغلام مەنىۋىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغان ئۇرۇنۇش ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ. مەنىۋىيەتتىكى كەملىك ياكى ئاجىزلىقنى تولۇقلىماق مۈشكۈل. بىز ئۆزىمىزدىكى ۋە بالاغەتكە يەتكەن پەرزەنتلىرىمىزدىكى بۇنداق كەمتۈكلۈكنى بۈگۈن دەماللىققا تولۇقلاپ كېتەلمىسەكمۇ، ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە سەۋەبلىرى ھەم ئۇلارنىڭ تاللاش ئېڭىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالىساق، تاللاش ئېڭىنى مەنىۋىيىتىمىزدە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنەلەيمىز.

تاللاش ئېڭى تاللاشنى ئۆگىنىۋېلىش ۋە ھەرقانداق ۋەزىيەتتە توغرا، مۇناسىپ تاللاشنى بىلىشتىن، مۆرىتى كەلگەندە مەلۇم نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشنى بىلىشتىن باشلىنىدۇ. ئۇ ساغلام مەنىۋىيەتنىڭ، دۇرۇس يولدا يېتىلىشنىڭ بەلگىسى. ساغلام، ئىلمىي ۋە ئاقىلانە تاللاش ئېڭىنىڭ پەرزەنتلەردىكى جارىلىقى ئۇلارنىڭ ئاكتىپ، پائالىيەتچان رەۋىشتە ئالغا مېڭىشقا يېتىنىشىنىڭ زۆرۈر شەرتىدۇر. تاللاش ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى كىشىلىك ھاياتتا خۇددى «ھەمكارلىق ئىقتىدارى»، «رىقابەت ئېڭى» ۋە «ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش پائالىيەتچانلىقى» قاتارلىقلاردەكلا زۆرۈردۇر. تاللاش ئېڭى ئىنسان مەنىۋىيىتىدە قارار تاپسا، ئۇنىڭ ئىپادىلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھال، ئادەتتە، توغرا ۋە مۇستەھكەم تاللاش ئېڭىغا ئىگە بولغانلاردا مۇنداق بىر نەچچە تەرەپتىن ئىپادىلىنىدۇ:

بىرىنچى، پەيتىدە تاللاشنى بىلىدىغان، يەنى، ئۆزىگە كېرەكلىكلەرنى يېڭىلىشماي تاللىيالايدىغان، تاللىغان ئىشىنى دادىللىق بىلەن قولغا ئالالايدىغان، ۋاز كېچىشكە تېگىشلىكلەردىن ئىككىلەنمەي ۋاز كېچەلەيدىغان، ھەرقانداق خاتالىق ياكى مەغلۇبىيەتنى ئۆزىدىنلا كۆرىدىغان بولىدۇ.

ئىككىنچى، ھەممىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇ يولدا ھەرقانداق ئېغىر دەرد – ئەلەملەر، قىيىنچىلىقلارغا يولۇقسىمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەمكىن ۋە خۇشال كۈتۈۋالالايدۇ، باشقىلارنىڭ توسۇشى، ئىچ ئاغرىتىشلىرىغا، ئۇقۇشماسلىقلاردىكى غەيۋەت – غاجاشلارغا پەرۋا قىلمايدۇ.

ئۈچىنچى، شەيئى، ھادىسىلەردىكى كۆرۈنۈش، قىياپەت ياكى ئۇلاردا قىسمەن زاھىر بولغان جەلپكارلىقلارغا شەيدا بولماستىن، بەلكى، ھەرنەرسىنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى، تۈپ شەكىللىرى، مەزمۇنلىرىنىڭ بىردەكلىكىنى ھېسابقا ئالالايدۇ. ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، پۇلى ۋە باشقا ئىمتىيازلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي كىشىلىك ماھىيىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان بولىدۇ.

تۆتىنچى، ئەتراپىدىكىلەرگە، ئېقىمغا قارىسىغا ئەگەشمەيدۇ، دورامچىلىق قىلمايدۇ، بەلكى ئالاھىدىلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى ئاساس قىلىپ، كۆزى يەتكەن يۈكسەك پەلللىگە ئىنتىلىدۇ.

بەشىنچى، باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش، ئۆز قىممىتىنى مېھنىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ زور بەخت، ئەكسىچە بولۇشنىڭ تولىمۇ بەختسىزلىكلىكىنى ھېس قىلالايدۇ ھەم شۇنداق قىلىشقا تىرىشىدۇ.

ئالتىنچى، رەڭۋازلىق، داغبازلىققا ئەسلا بېرىلمەيدۇ، ھامان ئۆزى قانداق بولسا، شۇنداق بولۇشنىلا مۇناسىپ كۆرىدۇ. ئۆزىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزدە ئاقىلانە، ئىلمىي ۋە مۇستەھكەم تاللاش ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزكېرەك:

. 1 بىزدە «ئازغىنە پايدىغا قىزىققۇچىلار چۈپەي بولىدۇ» دېگەن گەپ بار. پەرزەنتلىرىمىزنى ھاياتىغا زەرەرلىك، ئەمما ئەينى چاغدا جەلپكار بولغان پايدىدىن يانداپ ئۆتۈشنى بىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلىشىمىز لازىم. ھايات جاپا – مۇشەققەتلەرگە تولغان، ئاچچىق دەرد – ئەلەملەردىن شېرىنلىك تېپىش جەريانىدۇر. شۇڭا ياشلىقتىكى ھەر مىنۇتنى چىڭ تۇتۇپ، ھۈنەر – ماھارەت ئىگىلەشنى تاللىماق كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۆزئۆزىنى ۋەيران قىلىدىغان ئىشلارغا مەپتۇن، مەھلىيا بولماسلىق لازىم.

. 2 پەرزەنتلەردىكى پايدىلىق «جاھىل» ۋە «كاج» لىقلارنى ئاسراش كېرەك. بىر قىسىم پەرزەنتلەر سەبىيلىكىدىلا بىر يۈرۈش مەسىلىلەردە ناھايىتى جاھىل ۋە كاج كېلىدۇ. ئۇلاردىكى بۇنداق خۇينىڭ بىر قىسىم مەسىلىلەردە ياخشى نەتىجىلەر بەرگەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ پىكرىنىڭ بىردەك بولالماسلىقىنىڭ ئاساسى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن. ئومۇمەن، ياخشى ئىشنىڭ يامان تەرىپى، يامان ئىشنىڭ ياخشى تەرىپى بولغىنىدەك، بالىلاردا روي بېرىدىغان بۇنداق ئالامەتلەرنى ئەقلەن كۆزىتىش تولىمۇ زۆرۈر.

. 3 پەرزەنتلەرنىڭ مەلۇم ئىش – ھەرىكەتلەردە ئىزچىل، يەكدىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇش پىسخىكىسىنى يېتىشتۈرۈش لازىم. بۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاش، مەلۇم مەشغۇلاتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش پىسخىكىسىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

. 4 توغرا تاللاش ۋە شاللاشنىڭ ئۆزىدە چىڭ تۇرۇشقا ئادەتلەندۈرۈشتە، پەرزەنتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىش ياكى ئارمىنىغا مۇناسىپ چىدامغەيرەت ۋە قانائەتچانلىق بىلەن چىڭ تۇرۇش روھىنى يېتىشتۈرۈشىمىز لازىم. پەرزەنتلىرىمىزنى تەۋرەنمەس ئىرادىلىك، غەيرەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەنمىز، ئاۋۋىلىدە ئۆزىمىز ئاسانلا بەل قويۇۋېتىدىغان «شوينا بەل» لەردىن بولماسلىقىمىز لازىم.

. 5 تاللاش ئېڭى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ يېتىلىشىدە زاھىر بولۇۋاتقان ئالامەتلەرگە ئالاھىدە ئاگاھ بولۇشىمىز لازىم. پەرزەنتلەرنىڭ مەلۇم ئوبيېكتقا دەسلەپ قىزغىن بولۇپ، ئۇزىمايلا ئۇنىڭدىن سوۋۇشى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق شاختىن – شاخقا قونار مىجەزنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپ. بۇ پەرزەنت جىسمىدىكى باشقا بىرقىسىم مەنىۋى كەمتۈكلۈكلەرنىڭ ئىپادىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئالايلى، دەسلەپتە ئوتتەك قىزىپ، كېيىن سوۋۇغۇچى ئاۋۋال سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئەسلىي ئوبيېكتىنى خاتا ھېسابلىغان ياكى بەكلا ئاشۇرۇپ تەسەۋۋۇر قىلىۋالغان دە، شۇ شەيئى، ھادىسىگە يولۇققاندا ئۇنىڭ چىگىشلىكىدىن بەل قويۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن، تاللىغۇچى ئەسلىدىن جاپامۇشەققەتتىن قورققۇچى، غەيرەتسىز، بىتەخىر، چىڭىغا چىققاندا قۇيرۇقىنى خادا قىلىشقا تەييارلاردىن بولۇشى مۇمكىن. قىسقىسى، ئاۋۋىلىدە ئوتتەك قىزىپ، كېيىن سوۋۇش كۆپ ھاللاردا غەيرەتسىزلىك، چىدامسىزلىق ياكى بوشاڭلىقلاردىن بولىدۇ. بۇلارنىڭ پىسىخىك يىلتىزى يەنىلا تاللاش ئېڭىنىڭ كەمتۈكلۈكىدە بولىدۇ. شۇڭا پەرزەنت تەربىيەسىدە بالىلارنىڭ دۇرۇس تاللاش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش تولىمۇ مۇھىم.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئېلكىتابلار] بالدۇر ئويغانغان ئادەم [ 2011-12-01 15:52:03 ]
[ئېلكىتابلار] خوتەندىكى قەدىمكى ئىزلار [ 2011-12-01 15:46:43 ]
[ئېلكىتابلار] بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت (18-ئەسىر) ئەسلى نۇسخا [ 2011-12-01 15:41:55 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] مەن ياقتۇرغان ئېسل تور كۆرگۇ GreenBrowser [ 2011-12-01 15:09:54 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا لۇغىتى 2.0 رەسمىي نەشىرى [ 2011-12-01 14:51:34 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] يېڭى ئېرا پىنيىن تاپقۇ [ 2011-12-01 14:46:36 ]
[ئۇيغۇرچە يۇمتاللار] سۆز قوراشتۇرۇش ئويۇنى [ 2011-12-01 14:41:02 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 10-ئايلىق ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھان نەتىجىسى [ 2011-11-23 17:04:36 ]
[تارىخى بىلىملەر] يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە بەربات بولۇش تارىخى [ 2011-11-20 17:59:12 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئىپارخاننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى [ 2011-11-20 17:57:30 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر