بالىڭىزنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا سەل قارىماڭ
![]() كىشلەر پىسخىكىلىق مەسلە كۆرۈلگەندە ياكى پىسخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچرىغاندا ئاندىن پىسخىكا ساغلاملىقىنىڭ مۇقىملىقىنى ھېس قىلىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە ساغلام پىسخىكىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئالتۇن دەۋرى بالىلىق دەۋر ھېسابلىنىدۇ . مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى (4-خەلق دوختۇرخانىسى) پىسخىكا بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى مەلىكە كېرەمدىن ئىگىلىشىچە ، ساغلام پىسخىكا ۋە ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش بالىلىق دەۋردىن باشلىنىش كېرەككەن . بىر ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ، ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىنغاندا ، بالا چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ تەن ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام بولىدىكەن . ناۋادا بىر ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار بۇقتۇرمىلىق كەيپىياتتا ، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكە ئائىلە مۇھىتىدا مەنىۋى ئېھتىياجى قاندۇرۇلماي ياشىغاندا ، كېيىنكى مەزگىللەردە روھىي دۇنياسىدا زىيادە جىمغۇرلۇق ياكى ئۆزۈمچىلىك قاتارلىق بىنورماللىق كۆرۈلۈپ ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، ئاشقازان ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىش ، يۈرەك ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتەك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدىكەن . «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى.
|