پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ «مۇھەببەتلىشىشى»گە زادى قانداق

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-13 18:39 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىلارغا چوڭلارنىڭ نۇقتىنەزەرى ۋە بىر تەرەپلىمە ئەخلاق قارىشى ئارقىلىق قاراش ھەرىكىتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ «مۇھەببەتلىشىشى»گە زادى قانداق قاراش كېرەك؟

 

شاڭخەيدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3–يىللىقىدىكى بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن، مەكتەپ ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ خاراكتېرىنى «تاساددىپىي ئۆلگەن» دەپ بېكىتكەن. «ئەمگەك گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئانىسى چىن خانىمنىڭ بۇندىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى كەچتە ئوغلى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پاراڭلاشقانلىقىنى بىلگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، چىن خانىم ئوغلىنىڭ سىنىپ مەسئۇلىدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلغان بولۇپ، سىنىپ مەسئۇلى يەنە ئوغلىنىڭ شۇ سىنىپتىكى ھېلىقى قىز بىلەن بولغان «ئىشى»نى ئېيتقان. چىن خانىمنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، سىنىپ مەسئۇلى شۇ كۈنى، بۇ ئوقۇغۇچى «بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن»لىكى ئۈچۈن، «ئۇنىڭ ئىتتىپاق ئىزنىكىنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقى»نى ئېيتقان. چىن خانىم: مەن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلاپ–ئارىلاپ ئارىلىشىۋاتقانلىقىغا ئىككى–ئۈچ يىل بولغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېنىكرەك بىر تەرەپ قىلىشى توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنىدىم»دېگەن. ئون نەچچە ياشلىق بىر بالىنىڭ تۇيۇقسىز بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈشى، «بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن»لىكى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىغانلىقىدىن بولغانمۇ -يوق، بۇنىڭغا ئىسپات يوق. لېكىن ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ «بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن» لىكىنى قوپاللىق بىلەن چەكلىگەنلىكى بولسا پاكىت.

ئوقۇتقۇچىنىڭ «ياخشى نىيەت» بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ «بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن»لىكىنى چەكلىگەنلىكى، روشەنكى «مۇھەببەتلىشىش»نى يامان ئىش دەپ قارىغانلىقىدا . نۇرغۇن كىشىلەر «مۇھەببەتلىشىش»نى «جىنىس» بىلەن باغلاپ قاراپ، ناھايىتى تەبىئىي ھالدا ئۆسمۈرلەرنىڭ «مۇھەببەتلىشىش»ىنى چوڭلارنىڭ«جىنسىي ھەۋىسى»بويىچە چۈشۈنىدۇ.«جىنسىي ھەۋەس»نىڭ «پاك بولمىغان»بىر تەرىپى بولغانىكەن، ئۆسمۈرلەرنى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماسلىقمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەخلاق مەسئۇلىيىتىگە ئايلىنىدۇ. مۇشۇنداق ئەقلىي يەكۈن چىقىرىش مەنتىقىسى، ھازىرقى زامان پىسخولوگىيەسىدىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى زور بىر خاتالىق .

گىئوتىنىڭ «ئۆسمۈر ۋېيتنىڭ دىلخەستىلىكى»نى ئوقىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم، ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشى بىر خىل ئەركىن ئىندىۋىدوئاللىقنىڭ ھەقىقىي ئىپادىلىنىشى بولۇپ، روھنىڭ يېقىنلىق كۈچىنىڭ قىزغىن ئىنتىلىشىدە، جىسمانىي نەپسىگە زادىلا ئورۇن بولمايدۇ . بۇمۇ ئەپلاتوننىڭ «يېمەك– ئىچمەك توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە «مۇھەببەت ئىستىكى»نى مۇھاكىمە قىلغان چاغدا نېمە ئۈچۈن مۇھەببەت ئىلاھىنى ئىنسانلار بەختىنىڭ مەنبەسى قىلغانلىقىدا. سوقرات مۇھەببەتنى گۈزەللىك ئوبيېكتى ئىچىدە ئۇرۇق تارقاتقۇچى، ئىنسانلار مۇھەببەت ئارقىلىق ياخشىلىق ۋە مەڭگۈلۈككە يېقىنلىشىدۇ، دەپ قارىغان. ئۆسمۈرلەرنىڭ بارلىق ھېسسىياتى ئىچىدە، مۇھەببەت ئەڭ پاك، تىنچ، چىن، دوستانە، گۈزەل بولىدۇ. ھەقىقىي مۇھەببەت ئۆسمۈرلەرنىڭ ئادىمىيلىق، ياخشىلىق تەربىيەسى جەھەتتە بارلىق قۇرۇق ئىدىيەلەرنى سىڭدۈرۈشتىن ئېشىپ چۈشىدۇ.

19–ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ئامېرىكا پىداگوكى خول «بالىلارنىڭ يالغان ئېيتىش ھادىسىسى» (1890– يىلى) دېگەن كىتابتا، بالىلارغا چوڭلارنىڭ نۇقتىنەزەرى ۋە بىر تەرەپلىمە ئەخلاق قارىشى ئارقىلىق قاراش ھەرىكىتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۇ بالىلارنىڭ «سەمىمىي»لىك مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ، يالغان ئېيتىشنى ئاددىي ھالدا بىر خىل خاتالىق دەپ قارىماي، بەلكى ئۇنى بىر خىل مۇرەككەپ ھەرىكەت شەكلى دەپ قاراش كېرەك، ئۇنىڭ مەنىسى بالىلارنىڭ يېتىلىش باسقۇچىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ پەرقلىق بولىدۇ . كۆپ ساندىكى ئەھۋاللاردا، «يالغان ئېيتقان»بالىلار جازالاشقا ئەمەس، بەلكى چۈشىنىشكە مۇھتاج.

خولنىڭ كۆرگىنى بالىلارنىڭ ئۇ خىل تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن «ئەپسانىلەرنى ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى ۋە بالىلارنىڭ «ھېلىقىدەك ھەممە ۋاقىت ، ھەممە جايدا ، كەمكۈتىسىز ھالدا سەمىمىيلىكنى ساقلايدىغان ، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇش»نى قانداق ئىزدەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت. بالىلارنىڭ يالغان ئېيتىشى ئويۇن ئويناشقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇ ئىنسانلار تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئۇ خىل يېقىملىق پاكلىقنى ئىپادىلەيدۇ . ئۆسمۈرلەرنىڭ «مۇھەببەتلىشىش»ىمۇ ئاددىي ھالدا ئەيىبلەشكە ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق چۈشىنىشكە مۇھتاج . خول ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ مائارىپ پىسخولوگىيە تەتقىقاتى ئامېرىكا مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ نەزەرىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ 20–ئەسىرنىڭ بېشىدىكى مائارىپ ئىسلاھاتىنى يۈكسەلدۈرگەن.

بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە چوڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن بولۇپ، مائارىپ ئۇلاردىن چوڭلار بىلەن پەرق قىلمايدىغان توغرا ئىدىيەنى ، چوڭلارغا ئوخشاش گېزىت– ژۇرناللاردىكى ماقالىلەرنى ئۆگىنىشنى، چوڭلارغا ئوخشاش سىياسىي شوئارلارنى توۋلاشنى، چوڭلارغا ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق تەنقىد ۋە ئۆز–ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، ھەمىشە، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر بالدۇر يېتىلىپ، قاقباش، بايلىق ۋە مەرتىۋىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان، ھىلىيگەر، مۇغەمبەر بولۇپ، ھەقىقىي ئوي–پىكىرى ۋە ھىسسىياتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن يوشۇرۇشقا ماھىر بولۇپ كېتىدۇ.

ئۆسمۈرلۈك بىر ئادەمنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى ئەڭ زور، ياشلىق ھاياتىي كۈچىگە ئەڭ باي، ھېسسىياتى ئەڭ ھەقىقىي مەزگىلى بولۇپ، دەل خول ئېيتقاندەك، ياش–ئۆسمۈرلەر ئۇرۇق سېلىش، بىخ چىقىرىش، كۆچەتزارلىقتىن چوڭ ئېتىزلارغا كۆچۈرۈش......نى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى بالىلارغىمۇ ، چوڭلارغىمۇ ئوخشىمايدىغان يېتىلىش (بالىلارغا قارىغاندا)تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق. بۇ مەزگىلىنى بالىلىقنىڭ داۋاملىشىشى ياكى ئالىي مەكتەپ يېشىدىن نۇقۇل ھالدا بىر نەچچە يىلنى كېمەيتىۋېتىش دېيىش دەل نۇرغۇن ئىللەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈپ خاتالىق، بىز بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتىمىز». 

«مۇھەببەتلىشىش»نىڭ ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ نورمال يېتىلىشى داۋامىدا مەلۇم رولى بولىدۇ، بۇ خىل ھېسسىيات ئېھتىياجىغا ئائىلە باشلىقلىرى، ئوقۇتقۇچىلار كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكلىشى، قوپاللىق بىلەن جازالىماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھۆرمەتلىشى ۋە چۈشىنىشى كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىنىڭ ئىشەنچى [ 2011-10-27 20:22:31 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئېلىمىز تېررورلۇق توغرىسىدا ئېنىق تەبىر چىقاردى [ 2011-10-27 20:20:48 ]
[قانۇن تۇزۇم] ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامنىڭ قايسى ئوبيېكتىلىرى قوغد [ 2011-10-27 20:19:27 ]
[باشقا رەسىملەر] توردۇنياسىدىكى چىرايلىق ھۆسىنخەت ۋە شىئىرلاردىن پ [ 2011-10-24 15:48:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] ئورمانلىقتىكى ھايۋانلار-كارتون فىلىم [ 2011-10-13 18:31:35 ]
[بالىلار كارتونلىرى] كارتون فىلىم-كەپسىز كالا [ 2011-10-13 18:26:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھونلارنىڭ يېزىق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئى [ 2011-10-13 18:24:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۈگمەن بېشىدىكى شېھىت [ 2011-10-13 18:18:30 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر ئاياللىرى [ 2011-10-13 18:16:02 ]
[تارىخى بىلىملەر] چاغاتاي دەۋرىدە ئۇيغۇر مائارىپى [ 2011-10-13 18:11:11 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر