پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

بىنانىڭ قەۋەتلىرى ۋە بالىلارنىڭ خاراكتېرى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-09-08 19:28 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
كۆپ قەۋەتلىك بىنالاردا ئولتۇرىدىغان بالىلارنىڭ خاراكتېرى بىر قەدەر ئېغىر، ھەرىكىتى نىسبەتەن ئاستا، كۆپ ھاللاردا تاماشىبىننىڭ رولى

بىنانىڭ قەۋەتلىرى ۋە بالىلارنىڭ خاراكتېرى

 

  چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئېلىپ بارغان بىر خىل تەكشۈرۈش مۇنداق نەتىجە بەردى: كۆپ قەۋەتلىك بىنالاردا ئولتۇرىدىغان بالىلارنىڭ خاراكتېرى بىر قەدەر ئېغىر، ھەرىكىتى نىسبەتەن ئاستا، كۆپ ھاللاردا تاماشىبىننىڭ رولىنى ئالىدىكەن؛ بىر نەچچە قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىدىغان بالىلارنىڭ خاراكتېرى جانلىق، ھەرىكەتنى ياخشى كۆرۈدىغان ھەم ھەرىكىتى چاققان، دائىم ئاكتىپ قاتناشقۇچىنىڭ رولىنى ئالىدىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: كۆپ قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىدىغان بالىلارنىڭ بىنادىن چۈشمىكى نىسبەتەن جاپالىق، بىنا بەك ئېگىز بولغاچقا، ئۇلار نۇرغۇن ئىشلارغا دېرىزىدىن قاراپ تۇرۇشقىلا مەجبۇر، ھەتتا بىنادىن چۈشۈپ يېقىندىن كۆزىتىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلاردا تەدرىجىي ھالدا ھەرىكەتنى ياخشى كۆرمەسلىك ئادىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ؛ ئەمما بىر نەچچە قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىدىغان بالىلار بولسا، سىرتتا بىرەر يېڭى ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بايقاپلا قالسا، دەرھال پەسكە چۈشۈپ نەق مەيداننى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. نەتىجىدە ئۇلاردا ھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدىغان، ھەر قانداق ئىشقا ئاكتىپ قاتنىشىدىغان ئادەم شەكىللىنىدۇ.

  شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر ئاتائانىلارغا مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆپ قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك كوللېكتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش تەجرىبىسى ئاز بولىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە باشقىلار بىلەن ئاكتىپ ئالاقىدە بولۇشىغا پايدىسىز، بۇ خىل نەتىجىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا ئاتائانىلار كۆپرەك ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، بالىلىرىغا كوللېكتىپ تۇرمۇشقا قاتنىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارغا ناركوز ئىشلەتكەندە ئۆگىنىشكە تەسىر يېتى [ 2011-10-26 14:52:16 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گ [ 2011-10-26 14:50:31 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] يېڭى بايقاشلار [ 2011-10-26 14:48:49 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بېسىمى ئېغىر ئاياللارنىڭ قىز تۇغۇش ئېھتىماللىقى چ [ 2011-10-26 14:47:22 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] مائارىپتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يېڭى باسقۇچقا كىر [ 2011-10-26 14:45:59 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] «ئائىلە ۋە بالىلار مىجەزى» [ 2011-10-26 14:42:23 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇنۋانى ئېلىشقا كىرەكلىك ماتىريا [ 2011-10-26 13:47:47 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] دادا، ئاپا، سىلەرگە سۆزۈم بار [ 2011-10-14 16:22:27 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە قانداق قاراش كېرەك [ 2011-10-14 16:20:59 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئالىياسكىدا بالىلار دەرس تاشلىسا ئاتا – ئانىسى جا [ 2011-10-14 16:17:20 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر