پەرزەنتىڭىزنىڭ پىسخىكىسى ساغلاممۇ ؟
مېھرىگۈل تۇردى
توردىن شىئەن مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان 21 ياشلىق بىر ئىستۇدېنتنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، بىر قىزنى سوقۇۋەتكەنلىكى ۋە ئارقىدىن يېنىدىكى قەلەمتىراش بىلەن بۇ قىزنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئالىي بىلىم يۇرتىدا تەربىيە ئالغان بىلىملىك ئىستۇدېنتنىڭ نادانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانىدىم. يېقىندا ئېچىلغان ئاتا - ئانىلار يىغىنىدا قىزىمنىڭ سىنىپ مەسئۇلى مەن توردىن كۆرگەن ئىشنى مىسال قىلىپ، ئالىي مەكتەپتە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ھېسابلىنىدىغان بىر ئىستۇدېنتنىڭ پىسخىكىسى ساغلام بولمىغانلىق سەۋەبىدىن جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ئەگەر ھازىردىن باشلاپ بالىلارغا پىسخىك تەربىيەنى كۈچەيتمىسەك، كېيىن كېچىكىپ قالىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتكەندە، بالىلارغا يالغۇز بىلىم ئۆگىتىشلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى، بالا تەربىيەسىگە پىسخىك تەربىيەدىن ئىبارەت يېڭى بىر تەربىيەنىڭ قوشۇلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، خىزمەت ۋە ئائىلىدە قانچە ئالدىراش بولساممۇ، قىزىمنىڭ خاراكتېرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە زەڭ سالىدىغان بولدۇم. بىركۈنى مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى: يەكشەنبە كۈنى ئىدى. قىزىم تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ، سىرتقا چىقىپ ئوينىغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، بۇ چاغدا كەچ سائەت يەتتىدىن ئاشقانىدى. مەن كەچ بولۇپ قاپتۇ، ئەتە ئويناڭ، دېيىشىمگە، قىزىم مېنىڭ ئوينىغىم بارتۇرسا، داۋاملىق شۇنداق دەپ مېنى ئوينىغىلى قويمايدىكەنسىلەر، دېگىنىچە ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا ھەيران بولۇپ قاراپلا قالدىم. چۈنكى، نەچچە ۋاقىتتىن قىزىمنىڭ بۇنچىلىك خاپا بولغىنىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. ئەسلىدە ئۇنىڭ كەيپىياتى بەكمۇ تۇراقلىق ئىدى، ئوينىغاندا خۇشال ئوينايتتى، گېپى بولسا يېنىمغا كېلىپ مۇڭدىشاتتى، مەكتەپتە ياكى مەھەللىدە دوستلىرى بىلەن رەنجىشىپ قالغاندىمۇ ئۆزىنى ھېچقاچان بۇنچىلىك پاراكەندە قىلمايتتى... دېمەك، سىنىپ مەسئۇلى دېگەندەك قىزىمنىڭمۇ پىسخىكىسىدا ئاز – تولا مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى. ئىلگىرى بەزى ئىشلارغا تازا ئېتىبار قىلىپ كەتمىگەن بولسام كېرەك، ئەمدىلىكتە بوش ۋاقىت تاپساملا بالىلاردىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىدىغان بولدۇم ھەم مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن جاۋاب ئىزدىدىم. بىر ماتېرىيالدا پىسخىك ساغلاملىق ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك پىسخىك پائالىيەتلەر، تۇراقلىق، نورمال پىسخىك ھالەتلەر ئارقىلىق كۆز ئالدىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەت ۋە تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەبىر بېرىلگەن بولۇپ، ھازىر بالىلاردا ناچار پىسخىكىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنى ھەدددىن زىيادە بوغۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مىسال ئارقىلىق ئىزاھلاپ ئۆتۈلگەن. شۇ كۈنىدىكى قىزىمنىڭ كەيپىياتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنى يالغۇز قەغىشلىكلا ئەمەس، بەلكى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىچىگە يوشۇرۇپ كەلگەن ئائىلە تەربىيەسىدىكى ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، بۇنى قىلساڭ بولمايدۇ، دېگەندەك ‹‹ بوغۇش›› لارنىڭ يىغىندىسى، دېيىشكە بولاتتى. ئۇنداقتا ئاتا - ئانا بولغۇچى بالا نېمە دېسە ماقۇل بولۇشى كېرەكمۇ؟ قانداق قىلغاندا ئۇلاردا ساغلام روھىي ھالەت، ساغلام پىسخىكا شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ؟ ‹‹ تالانتلىق بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ سىرى›› دېگەن كىتابنى كۆرۈۋېتىپ تۆۋەندىكى قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى: بالىلىق مەزگىل بەدەننىڭ كۈچىيىش مەزگىلى، پىسخىك يېتىلىش مەزگىلى، روھنىڭ ئاساس سېلىنىش مەزگىلى ۋە كىشىلىك پەزىلەتنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى. ھازىر ئاتا - ئانىلار پەرزەنتى ئۈچۈن كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنى بىلەن ئۆزىنىمۇ، بالىلارنىمۇ رازى قىلالماي، ھەل قىلىش قىيىن بىر مەسىلىگە يولۇققانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ. شۇڭا، بالىلارنىڭ پىسخىك تۇرمۇشىنى چۈشىنىشىمىز، چوڭلارنىڭ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئېڭىنى ئويغىتىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. ھەممىمىزگە ئايان، بالا دېگەن بىر پارچە ئاق قەغەز. ئۇنىڭغا نېمىنى سىزىش، بۇ ئاق قەغەزدە قانداق ئىزلارنى قالدۇرۇش ئاتا - ئانىغا باغلىق. بالا تۇغۇلۇپ بىز بىلەن ئورتاقلاشقۇدەك بولغۇچە بالا بىلەن چوڭلار ئوتتۇرىسىدا پات - پات ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەمما، بۇ ئىشلار قارىماققا بىز ئاتا - ئانا بولغۇچىلارغا نورمال ئىشلاردەك بىلىنىدۇ. چۈنكى، بىز ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلدۇق، بىز ئۇلار ئۈچۈن زور قۇربانلىق بەردۇق، شۇڭا بالا دېگەن چوقۇم ئاتا - ئانىنىڭ دېگىنىنى قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىكەنمىز. بىز دائىم بالىلارغا كۆيۈنۈشنىلا نەزەرگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ چارچىغاندا كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئۆزى خالىغان ھەرىكەتنى قىلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىكەنمىز، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆڭلى بىلەن ھىسابلاشماي، ئۇلار قىزىققان ئىشلارنى قىلىشىنى ھەدېسىلا چەكلەيدىكەنمىز. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنداق بېسىملار يىغىلغانسېرى ئۇلاردا ساغلام بولمىغان پىسخىك توسالغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بالىلارنى ھەقىقىي ساغلام قىلىپ تەربىيەلەيمىز دەيدىكەنمىز، بالىلار كىچىك چىغىدىن باشلاپ ئۇلارنى كۆزىتىشكە، ئۇلارنىڭ پىسخىك تۇرمۇشىنى چۈشىنىشكە كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتىشىمىز، بالىلارغا ھە دېگەندىلا ئۆز مەيدانىمىزنى، ئىدىيەمىزنى مەجبۇرىي تاڭماسلىقىمىز لازىم ئىكەن. مېنىڭ بۇ ھەقتىكى ئويلىنىشىم چوڭقۇرلاشمىغان بولسىمۇ، قىسقىغىنا مۇلاھىزە ئارقىلىق قۇرداش ياش ئاتا - ئانىلاردا ئويلىنىش پەيدا قىلالىسام ئەجەب ئەمەس. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، سىز ياش ئاتا - ئانىمۇ؟ ئۇنداقتا، سىزمۇ ئويلىنىپ كۆرۈڭ، پەرزەنتىڭىزنىڭ پىسخىكىسى ساغلاممۇ؟ مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
|