پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ساپامائارىپى نۇقتىنەزەرلىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-25 16:49 مەنبەسى: ئاپتورى: ئالىپتىكىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
جەمئىيەت تەرەققىياتى زادى قانداق ئىختىساسلىق خادىملارغاموھتاج، مائارىپ ئىنسان تەرەققىياتىنى

 

ساپامائارىپى نۇقتىنەزەرلىرى

 

ھەر بىر مائارىپخىزمەتچىسىدىن ساپا مائارىپىنىڭ يېڭى ئىدىيىلىرى، يېڭى قاراشلىرى، شۇنىڭدەكمائارىپ ئەمەلىيىتىدە بارلىققا كەلگەن ياخشى ئامال، ياخشى تەجرىبىلىرى بىلەنئۆزىدىكى ئەھۋاللارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، ساپا مائارىپىدىكى ئىدىيە-قاراشلارنى زادىقانچىلىك چۈشىنىپتۇق؟ قانچىلىكىنى قىلالاپتۇق؟ ئوقۇتۇش شەكلى، ئۆگىنىش ئۇسۇلىجەھەتلەردە تۈپكى ئۆزگىرىش بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپ ئىدىيىسىنىئۆزگەرتىش، مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش جەھەتلەردە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنىئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
مائارىپچىلار ھەر ۋاقىت «جەمئىيەت تەرەققىياتى زادى قانداق ئىختىساسلىق خادىملارغاموھتاج، مائارىپ ئىنسان تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېگەن مەسىلىلەرگەدىققەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
«ئادەم بولۇشنى بىلىش»، «ئىش قىلىشنى بىلىش»، «ھەمكارلىشىشنى بىلىش»، «ئۆگىنىشنىبىلىش» قاتارلىق تەلەپلەر، ئاللىقاچان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جەمئىيەتكە چىقىش، جەمئىيەتتە خىزمەت قىلىشىنىڭ ئاساسىي شەرتلىرى بولۇپ قالدى.
مەكتەپ شۇنى ئالاھىدە تەكىتلىشى كېرەككى، ئېسىل ئىدىيىۋى پەزىلەت بولسا ئەڭ يۇقىرىنەتىجە. ئوقۇتقۇچىلار شۇنى ھېس قىلىشى كېرەككى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەزىلىتى ۋە تەربىيلىنىشىنىيېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قوغداپ، ئۇلارنىڭغايە ۋە ئىنتىلىشىنى قوزغاش--- مائارىپنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇتۇقىدۇر.
ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە ئەقىللىق-قابىلىيەتلىك، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ۋەئەمەلىيەتچانلىق ئىقتىدارغا ئىگە، كۆرىنەرلىك خاسلىقى ۋە ھەمكارلىشىشقا ماھىربولغان يېڭى بىر ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەپ چىقىش بولسا زاماننىڭ مائارىپقا قويغانتەلىپى، جەمئىيەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى.
جەمئىيەتتىكى ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھاتىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداقبىر ئەزاسى قېتىرقىنىپ خىزمەت ئىشلەش روھى، خوجايىنلىق مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش روھى، ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىش ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، تىرىشىپ-قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلسىلا ھەرقايسىسى ئۆز ساھەسىدە نەتىجە قازىنالايدۇ، جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
ھەر بىر ئادەمدە تالانت بولىدۇ دېگەنگە ئىشەنگەندىلا، ئاندىن ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭتەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە توغرا قارىغىلى بولىدۇ.
مائارىپچى يېتەرلىك ھالدا «ئىپادىلەش، ئويلاش، تەتقىق قىلىش، يارىتىش پۇرسىتى» بىلەن تەمىنلىسىلا، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈگۈنىدۇ ھەم ئۈگۈنەلەيدۇ. ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭماھارىتى ۋە سەنئىتى بولسا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارىقىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆگىنىش مۇۋاپىقىيىتىنىڭ خۇشاللىقىدىن تولۇق ھوزۇرلاندۇرۇشتىنئىبارەت.
ھازىرقى ئىمتىھان نەتىجىسى ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئەھۋالىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ، يېڭى چۈشەنچىلەرنى ئىگەللەش، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش، يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىشئىقتىدارىلا ئوقۇغۇچىغا ئۆمۈرۋايەت ئەسقاتىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، بىلىمگە ئىنتىلىشى ۋە ئويلاش ئىقتىدارىنى تىرىشىپقوغدىغاندا، ئوقۇغۇچىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى قوزغىغىلى، ئوقۇغۇچىلاردايېڭىلىق يارىتىش تونۇشىنى شەكىللەندۈرگىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىنىيېتىلدۈرگىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى مەشىقلەندۈرگىلى بولىدۇ.
يېڭىلىق يارىتىش بولسا ئادەم مېڭىسىدىكى ئەڭ سەزگۈر ئىقتىدار، شۇنداقلا ئەڭ ئاسان بېسىمغائۇچرايدىغان ئىقتىداردۇر. ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدا، ئادەمنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتەپەككۇرى چاقناشقا باشلايدۇ، ياكى ئاستا-ئاستا ئۆچۈشكە باشلايدۇ. مائارىپى يېڭىلىقيارىتىشقا تەرەققىيات پۇرسىتى بېرىشىمۇ، ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشىمۇ مۇمكىن، ھەتتا يېڭىلىق يارىتىش قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭتەرەققىياتىنى بوغۇپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.
تاپشۇرۇق پەقەت ئاددىيغىنا يېزىپ تاپشۇرىدىغان ۋە مەسىلە يېشىدىىغان بولماستىن، يەنە يېڭىچە تاپشۇرۇق شەكىللىرىنى (مەسىلەن: يېڭى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش، ئەمەلىي تەتقىقاتقاتارلىق) بىر تۈرلۈك تەتقىقات ۋەزىپىسى، بىر قېتىملىق مەخسۇس زىيارەت، بىرتەكشۈرۈش دوكلاتى، بىر نەرسە ياساپ چىقىش، بىر قېتىملىق جەمئىيەت پاراۋانلىقپائالىيىتى، بىر قېتىملىق دوكلات پائالىيىتى، بىر يۈرۈش سۈرەت ئەسەرلىرىقاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاھىلەش، ئانالىز، ئويلاش، قول سېلىش قاتارلىقتۈرلۈك جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
ئاچىق-چۈچۈكنىڭ ھەممىسى ئوزۇق بولىدۇ، مۇۋاپىقىيەت-مەغلۇبىيەتنىڭ ھەممىسىنىڭپايدىسى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزى ياشاش مۇھىتىغا چۆكۈپ، تۇرمۇش، جەمئىيەتنىچۈشىنىشكە يول قويۇش كېرەك.
تەربىيلىگىلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق، بەلكى تەربىيىلەشكە ماھىر بولمىغانئوقۇتقۇچى بار. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلى-ئىقتىدارىنىڭ ئوخشاش بولمىغانئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات كۈچىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش بولسا تەربىيىلەشپاراسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم قىسىم.
ئەڭ مۇھىمى بولسا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يېتەرلىك تاللاش پۇرسىتى ۋە تەرەققىياتبوشلۇقى بېرىش

تەنتەربىيە --ئائىلە تەربىيىسىدە كامچىل بولۇپ قالماسلىقى كېرەك

نۆۋەتتە ئائىلە تەربىيىسىدە ئەقلى تەربىياگە ھەددىدىن زىيادە ئېتىبار بېرىلىپ، تەنتەربىيىگە سەل قارىلىدىغان ئەھۋال ئومومىيۈزلۈك مەۋجۇت. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئۈگۈنىشى ئەڭ مۇھىم، ھەرىكەت قىلىشقا ۋاقىت كېتىدۇ دەپ قارايدۇ؛ بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئۈگۈنىشى ياخشى بولسىلا، ئاغرىپ قالمىسىلا بولدى، مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق  دەپ قارايدۇ؛ بەزى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ساغلام بولىشى ئۈچۈن ياخشى، قۇۋۋەتلىك يىگۈزىش كېرەك دەپ قاراپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش تەرتىۋىگە كىرگۈزمەيدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ تونۇشىدا يۇقۇرقىدەك خاتالىقلار بولغاچقا، بالىنى ئەتراپلىق تەربىيلەش قارىشىدا تەنتەربىيىنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدە كام بولسا بولمايدىغان بىر مۇھىم مەزمون ئىكەنلىگى ئۇنتۇلۇپ، بالىنى جىسمانى جەھەتتە تەربىيلەش ئادىتى بەزى ئائىلىلەردە كەمچىل بولماقتا.
بىئولوگىيىلىك ئەھمىيىتىدىن قارىغاندا، بالىلىق ۋاقىت  ئىنسان ھاياتلىقىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى، بۇ باسقۇچتا ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنىڭ  قانداق  بولىشى بىر پۈتۈن ئۆمۈرگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.  ساغلاملىق نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇھىم مۇساپىسىنىڭ بىرى دەل بەدەن چېنىقتۇرۇش. مۇۋاپىق ھەرىكەت يۈرەك قان تومۇر ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەرىكەت نەپەس سېستىمىسىنىڭ كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بالىلارنىڭ سۆڭەك ۋە مۇسكۇللىرىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەزىم قىلىش ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، نېرۋا سېستىمىسىنى سەزگۈرلەشتۈرۈپ، ھەركىتىنى تەڭشەيدۇ. ئومومەن، تەنھەرىكەت ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالار ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىكلەردىن ساقلايدىغان، ئازايتىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاستە.  ئۆسۈپ يېتىۋاتقان ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تەنھەرىكەت خۇددى قۇياش، ھاۋا ۋە سۇغا ئوخشاش، ھاياتلىق تەرەققىياتىدىكى زۆرۈر، ساغلام ئۆسۇپ يېتىلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ.
پىسخكىلىق ئەھمىيىتىدىن قارىغاندا، تەنھەرىكەت بەدەننى كۈچەيتىپ تەننى ساغلاملاشتۇرۇپلا قالماي، بەلكى يەنە  ياخشى خاراكتىرنىڭ يېتىلىشى ۋە ئەقىل-ئىدراكنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، بالىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
 تىك-تاك توپ دۇنيا چىمپىيونى كونە لىڭخۇي كىچىكىدە قورقۇنچاق بولۇپ، سۇدىن بەك قورقىدىكەن. ئۇنى قورقۇمايدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن، تېرىنېر بولغان دادىسى باغرىنى قاتتىق قىلىپ ئۇنىڭغا  سۇ ئۈزۈشنى ئۈگۈتىدۇ. دەسلەپتە، كوڭ لىڭخۇي قورقۇپ يىغلاپ كېتىدۇ. بىراق دادىسى يەنىلا ئۇنى سۇڭ خۇاجياڭ  دەرياسىغا مەجبۇرى چۈشۈرىدۇ. داۋالغۇپ تۇرىدىغان دەريا ئىچىدە كوڭ لىڭخۇي ئاخىرى جاپادىن قورقمايدىغان ئىرادىنى يېتىلدۈردى. سانسىزلىغان تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى ۋە تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدىغان كەچۈرمىشلىرىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، تەنھەرىكەت ئىرادە  ۋە ئالغا ئىنتىلىش  روھىنى ئۇرغىتىدۇ. كىشىلەر ئۈزۈلدۈرمەي چېنىقىش ئارقىلىق ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق قاتارلىق پىسخىك ئاجىزلىقلارغا  تاقابىل تۇرۇپ، خاس پەزىلەتنى تاۋلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەنھەرىكەت ئارقىلىق يەنە ئوقۇغۇچىلاردا ئومومىيۈزلۈك مەۋجۇت بولغان ئوقۇش بېسىمىنى ئازايتىپ، روھى ھارغىنلىقنى تۈگۈتۈپ، ناچار كەيپىياتلارنى تۈگۈتۈشكە، جىسمانى بوشىشىش ۋە روھى جەھەتتىكى خوشاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

ئالىپتىكىننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 19 بالىنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەب بولغان گەنسۇ جېڭنىڭ مەكتە [ 2011-12-01 17:37:07 ]
[ئوقۇتۇش رەسىملىرى] يۈز يىل بۇرۇنقى چېنىقىش سايمانلىرى [ 2011-12-01 17:22:22 ]
[باشقا رەسىملەر] دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كۇتۇپخانىلار [ 2011-12-01 17:19:18 ]
[تارىخى رەسىملەر] 1949-يىلىدىكى شاڭخەي ، قىنى ھوزۇرلىنىڭ [ 2011-12-01 17:02:47 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىڭىزدا ئىقتىساد ئېڭىنى يېتىلدۈرەلىدىڭىزمۇ؟ [ 2011-11-24 15:29:02 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] داستىخان ئۈستىدىكى تەربىيەنىڭ قىممىتى [ 2011-11-24 15:27:41 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئالى مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا [ 2011-11-24 15:26:10 ]
[باشقا رەسىملەر] پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ھەجىۋىي رەسىملىرى [ 2011-11-24 15:21:36 ]
[تارىخى بىلىملەر] تارىختا دىيارىمىزدا ئۆتكەن 8 ئۇيغۇر تارخانبەگ [ 2011-11-12 01:00:39 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] يەسلىدىكى "تەجرىبە"، "تەتقىقات" ۋە ئەدەپ [ 2011-11-12 00:59:20 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-12-01 18:12
تەۋسىيەلەر