ئىلىمگە خىيانەت - ئەلگە قىيامەت ئابدۇرېھىم دۆلەت بىز ھازىر ھەممە نەرسە سېتىلىدىغان جەمئىيەتتە ياشاۋېتىپتىمىز ، ئەگەر بىز سېتىۋېلىشنى خالىساقلا ، ھەم پۇلىمىز بولسا ، ھەممە نەرسىنى سېتىۋالالايمىز . بەلكىم بۇ ھەممىگە ماددىي مەنپەئەت ھاكىم - قازى بولغان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ يەنە بىر پاجىئەسى بولسا كېرەك . پۇلغا ھەممىنى سېتىۋالغىلى بولامدۇ ؟ دېگەن سوئال بىردەك ھەممەيلەننىڭ : ياق ! دېگەن جاۋابىغا ئېرىشكەن ، ئەمما ئۇ بىزنىڭ نەسىر ، نۇتۇقلىرىمىزدىكى ئۈندەش جۈملىلەردىلا قېپقالدى ، رېئاللىق بولسا يەنىلا پۇلنىڭ قۇدرىتىنى ئالىي رەۋىشتە نامايان قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ . بىز جەمئىيەتتىن شۇنداق كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىزكى ، ئۇلار پۇلغا گۈزەللىكنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ، دېيىشىدۇ ، ئەمما پۇلغا گۈزەل قىزلارنى سېتىۋالىدۇ . مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ ، دېيىشىدۇ ، ئەمما نىكاھنى سېتىۋالالايدۇ . ھەتتا ھازىر كىشىلەرنىڭ ۋىجدان ، ئىمانىمۇ نۆۋىتى كەلگەندە بىر دومىلاپلا تاۋارغا ئايلىنىدۇ ، ئۇمۇ ئوخشاشلا سېتىلىدۇ . دېمەك ، بۇ دەۋر ئىنسان ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بارلىق ماددىي - مەنىۋىي ئېلېمېنتلاردىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بولىدىغان بىر دەۋر . « جاھاندا ئەڭ قاتتىق نەرسە نېمە ؟ » _ «مۇھتاجلىق ! » . شۇنداق ، بۇ جۈملىنى باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن ئوقۇغىنىم يادىمدا . ئادەمنىڭ ئىنتىلىشتىن قىلغان ئىشلىرى بىلەن مۇھتاجلىقتىن قىلغان ئىشلىرى روشەن پەرقلىنىدۇ . ئىنتىلىش ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ۋەكىللىك قىلسا ، مۇھتاجلىق پاسسىپ روھىي ھالەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئىنتىلىش ئەركىنلىككە دالالەت قىلسا ، مۇھتاجلىق قۇللۇققا دالالەت قىلىدۇ . ماھىيەتتە بۇ ئىككىسى ئىنسان پائالىيىتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى . ئىنتىلىش _ مۇھتاجلىقنىڭ ئالىي ماقامدىكى مۇقەددەسرەك ئىپادىسى ، ئۇنىڭدا خىلمۇ خىل تاللاش ئىمكانىيىتى بار . ئەمما ، مۇھتاجلىق مەجبۇرلۇقتۇر ، بۇنىڭدا بويسۇنۇشلا بار ، تاللاش يوق ، مەن ئويلايمەنكى ، ئىنسان پائالىيىتى بۇ ئىككىسىنىڭ مۇۋاپىق بىرلىكىدىلا ئاندىن مۇكەممەللىككە يەتسە كېرەك . مۇھتاجلىق رېئاللىقنى ، ئىنتىلىش غايىنى كۆزدە تۇتىدۇ . مۇھتاجلىقنى بايقىيالماي ، ئىنتىلىپلا يۈرگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرى نەتىجىسىز بولىدۇ ، ئەمما ، ئىنتىلىشنى تەرك ئېتىپ مۇھتاجلىق ھەلەكچىلىكىدىلا يۈرگەن ئادەمنىڭ ئىشلىرى ئۇلۇغۋار بولمايدۇ ، ھەتتا بەزىدە پەسكەشلىشىپ كېتىدۇ . ئەمما ھەممىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئادەمنىڭ نېمىگە ئىنتىلگەنلىكىدە ، نېمىگە مۇھتاجلىقىدا ، ئىنسان ئۈچۈن تاللاشنىڭ ئۆزى بىر چوڭ سىناق . مانا ھازىر بىز شۇنداق بىر دەۋردە ياشاۋېتىپتىمىزكى ، بىز ساناقسىز مۇھتاجلىقلار بىلەن قورشالغان ، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى ئارمانلىرى نەلەردە ئۇنتۇلغان . مائاشقا مۇھتاج ، ئوقۇش ئارمان . خوتۇنغا مۇھتاج ، مۇھەببەت ئارمان . . . ئېنگلىز تىلى ئىگىلەش ئارمىنىم دەيسىز ، ئەمما ، نېمىشقا ؟ دەپ سورىسا ، دەۋرنىڭ تەلىپى دەيسىز ، مۇشۇ گەپنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ئارمان ئەمەس ، ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ . دەۋر تەقەززا قىلمىغان ، ئەمما ھەر قانداق دەۋردە بولمىسا بولمايدىغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز ؟ مېنىڭچە ، ياق ، بۇنداق كىشىلەر بەك ئاز . ئىنسانلار ھەرقانداق بىر دەۋردە ياشاش ئۈچۈن ئىلىمگە مۇھتاج بولغان ، ئەمما بۇ خىل مۇھتاجلىق بۈگۈنكىدەك تەخىرسىز بولمىغان . بىلىملىك بولغاننىڭ ئالامەتلىرى بولمىش دىپلوم ، ئۇنۋان - كىنىشكىلەر بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ ئىختىراسى ، كىشىلەر ھازىرئۆز سالاھىيەتلىرىنى شۇلاردىن ئىزدەيدىغان بولدى . بۇ خىل سۈنئىي سالاھىيەتلەر قانچە خىلمۇ خىللاشقانسېرى ئەسلى ئىنسانلىق سالاھىيەت بارا - بارا ئۇنتۇلۇشقا باشلاپ ، ئادەملەر سەن كىم ؟ دېگەن سوئالغىمۇ دەرھال جاۋاب بېرەلمەي ئېسەنكىرەپ قالىدىغان بولدى . ئەمەلىيەتتە ، بۇلارنىڭ بولۇشى خاتا ئەمەس ، ئەمما ھەممىنى شۇنىڭدىن ئىزدەش ، شۇنى ئۆزلىرىنىڭ ماركىسى قىلىۋېلىش خاتادۇر . چۈنكى ، ئىنسان ئۈچۈن ئىنسان دېگەن ماركىلا يېتەرلىك شەرەپ ، ئادەم بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق شەرەپنى قوغلاشقاندا ، تاپتىن چىقىدۇ . ساختىلىق _ قارا يۈرەكلىك بىلەن مۇھتاجلىقنىڭ مەھسۇلى . ھازىرغا قەدەر ئىنسانلار ساختىلىق ئىشلەتمىگەن ھېچنېمە قالمىدى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلىم - مائارىپقا ئىشلىتىلگەن ساختىلىق ئادەملەرنى ئەبەدىي پۇشايماندا قالدۇرىدۇ ، بىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز بۇنىڭ زىيىنىنى مەڭگۈ تارتىمىز . ئۇنداقتا ، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىلىم ساھەسى ياكى مائارىپى قانچىلىك پاكىز ؟ بەلكىم بۇ ساھەدىكى پاكىزلىقنىڭ بەلگىلىك ئۆلچىمى بولمىسا كېرەك . رايونىمىزدا "" سەللە يوغان ئىمان يوق ، داستىخان يوغان بىر نان يوق "" دېگەن تەمسىل ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانغان . ھېچكىم خەنزۇ تىلىدا بەش يىل ئوقۇغان بىرەيلەننىڭ بىرەر پارچە ئىلتىماسنى خەنزۇچە قاملاشتۇرۇپ يازالمىغىنىدىن بەك ھەيران قېلىپ يۈرمەيدۇ ( ھەيران قالماسلىق كۆنۈپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى ، تولا ھەيران قېلىش بىلمەسلىكنىڭ ئالامىتى ، پەقەت ھەيران قالماسلىق غاپىللىقنىڭ ئالامىتى ). ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن دىپلوم ، ئۇنۋانلارمۇ ئۇلارنىڭ ئىلىم سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نەرسە ئەمەس ، بەلكى نان يېيىش دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قالدى . ھازىر دىپلومىڭىز يوغىنىسا ، قولىڭىزدىكى زاغرا كاكچىغا ، بېشىڭىزدىكى تەلپەك شىلەپىگە ئالمىشىدۇ . مانا بۇ خىل زۆرۈرىيەت جەمئىيىتىمىزدە ئىنتايىن تېزلىكتە جەمئىيەت ئىلىم ساھەسىنىڭ ھەر قانداق بىر ساھە ، قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن ئىلىم ساختىلىقى ھادىسىسىنى پەيدا قىلدى . يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان ۋاقتىمدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان باھالاش يىغىنىغا قاتنىشىپ قالدىم . ئەسلىدە ئوقۇتقۇچىلار بىرەر ئوقۇتقۇچىنى كۆرسىتىدىغۇ ، دەپ ئويلىغانىكەنمەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇنۋان دەۋاگىرى ئار - نومۇسىنى قايرىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ "" جاپالىق "" خىزمەت شارائىتىدا "" ھارماي - تالماي "" ئىشلەپ قولغا كەلتۈرگەن "" شانلىق "" نەتىجىلىرىنى ئېغىزلىرىدىن كۆپۈك قاينىتىپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقىدىكەن ( يازغان كەمچىلىك - يېتەرسىزلىكلىرى بىرەر ۋاراقمۇ چىقمايدۇ ) ، ئاندىن بىز ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىنى قايتا تىلغا ئېلىشىپ ، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن شۇ ئۇنۋانىغا لايىقلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىدىكەنمىز . ناۋادا بېرىلگەن سان نامزاتلارغا يېتىشمىسە ، ئويۇننىڭ قىزىقى شۇ يەردە ، ئۇ يەردىكى تالاش - تارتىشلارنى سىنئالغۇغا ئېلىۋېلىپ ، بىر قويۇپ بەرگىلى بولسا ، دەپ قالىمەن . مەن ئەسلىدە ئۇ تالاش - تارتىش ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا ئەمەس ، بەلكى نامزاتلار ئارىسىدا بولىدۇ ، ئادەم ئۆز ئۇتۇقلىرىنى ئاشكارا دېيىش ، پەش قىلىشتىن يۈزى قىزىرىدۇ ، دەپ ئويلايتتىم ، ئۇلار ماڭا مېنىڭ خاتا ئويلىغانلىقىمنى كۆرسىتىپ قويدى . ھەتتا ئۇلار شۇ تۈپەيلى بىر - بىرى بىلەن ئاداۋەتلىشىپ ، قاراشمايمۇ يۈرىشىدۇ . بەزىلىرى ھەتتا بۇ يىل نۆۋەتنىڭ ئۆزىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ . بۇ ، "" بۇلتۇر پالانى باھالانغاندا غىڭ قىلمىدىم ، ھازىر مېنىڭ ستاژىممۇ ئەڭ ئۇزۇن ، قىلغان خىزمىتىممۇ ئاز ئەمەس ، ئەمدى مەن بۇ يىل باھالىنىۋالالمىسام كېلەر يىلى يەنە بىر نەچچىسى چىقىدۇ ، دەم ئېلىشقا چىقىشتىن ئاۋۋال باھالىنىۋالاي ، تەشكىل بۇنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ قويسۇن "" دېگەنلىك ئەمەسمۇ ؟ بۇلارچە بولغاندا ئۇنۋان خىزمەتنىڭ سۈپىتىگە ئەمەس ، ستاژىغا كېلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تەشكىلمۇ "" ئادىمىگەرچىلىك "" قىلىدۇ . ئۇنۋان ئۈچۈن باشقىلارغا ماقالە يازدۇرۇش ، ئۆزنامىدا ئېلان قىلدۇرۇش دېگەنلەر ھازىر ھېچكىم ئېغىر ئالمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ كەتتى .
|