مائارىپنىڭ ئاساسى ئادىل بولۇش كېرەك ![]() يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى مەكتەپلەردە پەيدا بولغان«رەڭلىك بەلگىلەر» ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شىئەندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ «ئۆگىنىشتە ناچار ئوقۇغۇچىلارغا» يېشىل رەڭلىك گالستۇك تاقاپ قويدى. باۋتۇدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ «ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا» قىزىل رەڭلىك مەكتەپ فورمىسى كىيگۈزدى، شەندۇڭدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭلىك تاپشۇرۇق دەپتىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى، ناچار دەپ ئايرىدى. بۇ خىل ئۇسۇللار گەرچە مائارىپ جەھەتتىكى ئىزدىنىش، ئالغا ئىلگىرلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش، پەرقنى كىچىكلىتىش مەقسىتىدە بولسىمۇ، ئەمما مائارىپ ئەمەلىيىتىدە بۇنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ھەتتا ئەكسىچە يول تۇتۇپ قالدى. ئالايلۇق، يېشىل رەڭلىك گالستۇك تاقىغان بالىلار مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىشى بىلەنلا گالىستۇكىنى ئېلىپ سومكىسىغا سالدى، رەڭلىك تاپشۇرۇق دەپتەر ئالغان بالىلار دائىم يوشۇرۇن تاپشۇرۇق ئىشلەيتتى... مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «رەڭلىك بەلگىلەر» بەزى بالىلارنىڭ قەلبىدە بىر داغ پەيدا قىلدى. بىزنىڭ مەرىپەت ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۆگەتمەك دېگەندەك ھېكمەتلىك سۆزلىرىمىز بار، يېقىنقى زامان مائارىپ نەزەر دائىرىسى بويىچە ئېيتقاندا روۋېسىييۇ «بالىلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى ياخشى ياكى ئەسكى دەپ تېزلا ھۆكۈم چىقارماسلىق»نى تەشەببۇس قىلغان، داڭلىق مائارىپچى سۇخۇملىنىسكىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەندە، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ نازۇك نۇقتىغا يەنى غۇرۇرىغا تەگمەسلىك كېرەك، دېگەن ئىدى.«رەڭلىك بەلگە» ئەھۋالىنىڭ ئەيىبلىنىشىدىكى سەۋەب: ئۇنىڭ ئاددىي، قوپال تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىدە بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ بەكرەك شەخسنىڭ غۇرۇرىغا ۋە خاراكتېرىغا سەل قاراشتەك دەرىجىگە ئايرىش تۈزۈمى ئىكەنلىكىدە، ئوخشاش بىر مۇھىتتا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارنى دەرىجىگە ئايرىپ، مائارىپتىن ئادىل بولۇشقا داغ يەتكۈزگەنلىكىدە. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆزگە كۆرۈنىدىغان«رەڭلىك بەلگە»دىن باشقا، ئىجىتىمائى تۇرمۇشىمىزدا يەنە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان مائارىپ پەرقى بەلگىلىرىمۇ مەۋجۇت. مەكتەپلەر نۇقتىلىق مەكتەپ، ئادەتتىكى مەكتەپ دەپ ئايرىلغاندىن باشقا، سىنىپلارمۇ نۇقتىلىق سىنىپ، تەجرىبە سىنىپ، ئادەتتىكى سىنىپ دەپ ئايرىلدى، ئوقۇغۇچىلار ئالاھىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى، ياخشى ئوقۇغۇچى، ئادەتتىكى ئوقۇغۇچى ۋە ناچار ئوقۇغۇچى دەپ ئايرىلدى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىشى تەس بولۇشنىڭ ئارقىسىدا نوپۇس تۈزۈمىدىكى يەرلىك ئاھالە بىلەن سىرتتىن كەلگەن نوپۇسنىڭ مۇئامىلە پەرقى، مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى«مەكتەپ تاللاش تەس بولۇش»نىڭ ئارقىسىدا ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رەڭلىك ۋە رەڭسىز بەلگىلەر بۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ قىيىن نۇقتىسى ۋە ئېچىنىشلىق نۇقتىسىنى ئاشكارىلىدى. خەلقئارا تەجرىبىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن بۇيان مائارىپ ئىسلاھاتى دولقۇنىدا، مائارىپ ئادىللىقى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە مائارىپ ساھەسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. ئېلىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خەلقنىڭ مائارىپ ئېھتىياجى تېز ئاشتى، جۇڭگو مائارىپىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسىغا قارايدىغان بولساق، مائارىپتىن ئادىل بەھرىمەن بولۇشتا زور قەدەم تاشلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپتا ئادىل بولماسلىق مەسىلىلىرى تېخىمۇ گەۋدىلەندى، مائارىپتا ئادىل بولۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش جىددىي رېئال تېمىغا ئايلاندى. مائارىپتا ئادىل بولۇش ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ مۇھىم ئاساسى، ئەڭ چوڭ ئادىللىق مائارىپتا ئادىل بولۇشتۇر، مۇشۇنداق ئورتاق تونۇش ئاساسىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت فاڭجېنىنىڭ بىرى سۈپىتىدە «مائارىپ ئومۇمىي پىلانى پىروگراممىسىغا» كىرگۈزۈلدى. ئومۇم خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئادىل مائارىپ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نىشانغا ئايلاندى؛ مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىنىڭ ئادىل بولۇش، مائارىپ بايلىقىنىڭ مۇۋاپىق تەقسىملىنىشىنى نەزەردە تۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، پېداگوگىكا مائارىپى ھەقسىز سىياسىتى كەينى-كەينىدىن تۈزۈپ چىقىلدى، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىتا «ئۆزىنى زورايتىش پىلانى»، «ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانى» ئۈزلۈكسىز تۈزۈپ چىقىلىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئالىي مەكتەپلەرگە قۇبۈل قىلىدىغان «دېھقان ئىشلەمچىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» قىزىپ كەتتى. رېئاللىق ۋە ئۇنى ياخشىلاشقا تىرىشىش داۋامىدا، مائارىپ ئادىللىق لوگىكىسى بارغانسېرى روشەنلەشتى؛ مائارىپ تەرەققىياتى مىقدار جەھەتتىن بېيىتىشقا مۇھتاج، ئەمما سۈپەت جەھەتتىن تېخىمۇ بەكرەك تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ تېخنىكا جەھەتتىن دەرىجىنى ئۆستۈرۈشكە مۇھتاج، ئەمما ئادەمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مائارىپنىڭ مەقسىتى ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكنى ھۆرمەت قىلىشنى كۈچەيتىش. ئەلۋەتتە، مائارىپتا ئادىل بولۇش بىردىنلا ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس، بۇ ھەم مۇرەككەپ ئىجتىمائىي سىستېما قۇرۇلۇشى ھەم تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېگىشلىك تارىخىي مۇساپە. رەڭمۇ رەڭ ئىجتىمائىي رېئاللىق ئالدىدا، خىلمۇ خىل تەربىيەلەش ئۇسۇلى جەھەتتە مەيلى جەمئىيەتنى باشقۇرغۇچى بولسۇن ياكى مائارىپچى بولسۇن، جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى مائارىپنىڭ ئاساسىي ئادىل بولۇش كېرەك. پەقەت ئادىل ھەققانىي بولغان ئارقا كۆرىنىش ئاستىدىلا، مائارىپ ھەممەيلەن يۇقىرىغا يۈكسىلىدىغان شوتىغا، مەكتەپ ھەر بىر بالا ئۆسۈپ يېتىلىدىغان شادلىق بېغىغا ئايلىنىدۇ، جەمئىيىتىمىز رەڭگارەڭ ئالغا ئىلگىرلەش، تەرەققىيات كەيپىياتىغا تولىدۇ.
|