پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ھازىرقى زامان جەمئىيىتى ، مائارىپ

يوللانغان ۋاقتى: 2011-04-03 05:52 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ھازىرقى زامان جەمئىيىتى ، مائارىپىمىز ۋەساپايىمىز مۇھەممەت ئۆمەر ئابدۇخالىق ( قاراقاش ناھىيە زاۋا يېزىلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن ( بىل

 

ھازىرقى زامان جەمئىيىتى ، مائارىپىمىز ۋە ساپايىمىز  
 
  مۇھەممەت ئۆمەر ئابدۇخالىق
 
( قاراقاش ناھىيە زاۋا يېزىلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن (
 
بىلىم ئىگىلىكى، يەر شارىلىشىش ۋە ئۇچۇر دەۋرى دىگەندەك يىڭى تەپەككۇر دولقۇنلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىشىگە ئۇچراۋاتقان ھازىرقى زامان كىشىلىرى ، ئۈزى ، ئۈزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە توختاۋسىز تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە ، جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا ، يىڭى دەۋردە بىر كىشىلىك ئورنىنى ساقلاپ ياشاش ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا . دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئادەم ساپاسى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتمەكتە . ئېلىمىزدىكى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قەدىمى كۈنسايىن تىزلىشىۋاتقان ، بۇلۇپمۇ دۆلىتىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا يىڭىدىن ئەزا بۇلۇپ كىرگەن ، سىياسىي ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ۋەزىيەت جۇڭگۇ جەمىيىتىدە شىددەتلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ ئېلىمىز پۇقرالار ساپاسىغا ، تەپەككۇر ئۇسۇلىغا يىڭىچە تەلەپلەرنى قويماقتا .
 
ساپا ۋە جەمئىيەت
 
ساپا مەسىلسى نۆۋەتتە دۆلەت ، جەمئىيەت ۋە شەخس ئۈچۈن چوڭقۇر ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر مۇھىم تىما بۇلۇپ قالدى . بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا مىللەت ساپاسى ، ئوقۇغۇچىلار ساپاسى ، پۇقرالار ساپاسى ،مەدەنىيەت ساپاسى ... دىگەندەك ئاتالغۇلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز . بۇ لارنىڭ ھەممىسى ساپا ھەققىدىكى توپلام ئۇقۇم بۇلۇپ ، نۇرغۇنلىغان يەككە شەخس ساپاسىنىڭ ئومۇمى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇنداقتا ، ساپا دىگەن زادى نىمە ؟
 ماتىرىياللاردا ساپا ھەققىدە مۇنداق تەبىرلەر بىرىلگەن :
 بىرىنچى ، ساپا – ئادەمنىڭ تەبىئي ئىرسىيىتى بىلەن جەمىيەت ، تارىخ ، مەدەنىيەتنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ مەھسۇلى . تۇغما ۋە كىيىنكىدىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى ئامىلنىڭ ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈلۈشى . ئادەمنىڭ تەرەققىياتىدا تۇغما ئامىل شەرت ۋە ئاساس . كىيىنكى ئامىل بولسا تېخىمۇ مۇھىم .
ئىككىنچى ، ساپا مەلۇم مۇقىملىققا ئىگە بۇلۇپ ، ئادەمنىڭ بىر قەدەر مۇقىم بولغان ، ۋە ئۇزاق ۋاقىت رول ئويناپ تۇرىدىغان ئاساسى خارەكتىرى ۋە پەزىلىتىدۇر . 
ئۈچىنچى ، ساپا ئېلاستىكىلىققا ئىگە بۇلۇپ ، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى – مۇھىيت ۋە مائارىپ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . مائارىپ ئادەم ساپاسىنى يارىتىدۇ ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ . (شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «مائارىپ نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى» دىگەن كىتاپ)
... ... ... ...
ئادەم ساپاسى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئېنىقلىمىلار ، خىلمۇ خىل كۆز قاراشلار بولسىمۇ ، بۇ قاراشلاردىكى بىردىنبىر ئورتاقلىق شۇكى ، شەخسنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە ماسلىشىش ۋە تۈرتكە بۇلۇش ئىقتىدارى ساپا ھەققىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ جەۋھىرىدۇر . ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۈچ مۇھىم ئامىلى ئىچىدە ئەمگەكچى ۋەئۇنىڭ ساپاسى بىردىنبىر يىتەكچى ئامىل بۇلۇپ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ . جەمئىيەت تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر بۇيىچە بىرلەشكەن ئادەملەرنىڭ ئۇمۇمى گەۋدىسى. سان ۋە سۈ پەتنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا،جەمئىيەتنىڭ ئۇمۇمى قىياپىتىنىڭ قانداق بۇلۇشى ئۇنى تەشكىل قىلغۇچى ئادەملەرنىڭ ساپاسىنىڭ ئۇمۇمى قىياپىتى ئارقىلىق خاراكتىرىلىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ ئادەملەر توپى شەخسنىڭ ئۆسۈ پ يىتىلىشى ، تەرەققى قىلىشىنى زۆرۈر شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ . ماركىسىزم « ئادەمنىڭ ماھىيىتى - ئۇنىڭ ئىجتىمائىيلىقىدا» دەپ قارايدۇ .خەلقىمىزدىمۇ «ئادەم - ئادەم بىلەن ئادەم »دەيدىغان ھىكمەتلىك سۆز بار . جەمئىيەتتىن ئايرىلغان يەككە ئادەمنىڭ ئادەملىك سۈپىتىدە ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس . ئادەم كىشىلەر توپىدىن ئايرىلغاندا تىل ، يېزىق ، بىلىم- سەۋىيە،ئەخلاق ، پۇل ، ماددىي، مەنىۋىي بايلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي ھادىسىلەرۋە ئادىمىي سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز رۇلىنى يۇقىتىدۇ .   ئادەم ھەم جەمئىيەتتىن بەھىر ئالغۇچى ھەم جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، بۇ ئارقىلىق ئادىمىيلىك قىممىتىنى نامايەن قىلغۇچىدۇر . شۇڭلاشقا ، ئۇنىڭ ساپاسى ئۆزى ياشىغان دەۋر ۋە جەمىيەتنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئۇچرايدۇ .
 ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردە ئادەم ساپاسى ھەققىدىكى ئۆلچەم ئوخشاش بولمىغان مەزمۇنغا ئىگە بۇلۇپ كەلدى . جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى زاماندا ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇرى كۇڭزى ئۆز دەۋرىنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىدىن بۇلۇش ئۈچۈن ئەينى دەۋردىكى يۇقۇرى مەلۇماتنىڭ ئۆلچىمى بولغان «ئالتە ئىلىم( يۇسۇن ،مۇزىكا، ئوقيا ئېتىش، ھارۋىكەشلىك ، يېزىقچىلىق ،ھېساب )» نى تىرىشىپ ئۈ گىنىش قارارىغا كەلگەن ھەم كىيىنكى مەزگىللەردە شاگىرتلىرىغا شۇنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلغان . ئەخلاق جەھەتتە رەھىمدىللىك ، ئىنساپ، قائىدە- يۇسۇنغا رىئايە قىلىشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلغان . قەدىمقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەرگەنلىك ، چەۋەندازلىق ، باتۇرلۇق ، مەردلىك قاتارلىق ماھارەت ۋە پەزىلەتلەر قەدىرلەنگەن . كاماراجىۋادىن تاتاتۇڭاغىچە بولغان بىر دەۋر تىلشۇناسلىق ، بۇددىزىم ئىلمى ، رەسساملىق ، ھەيكەلتاراشلىق ، مۇزىكا ئىلىملىرى ئابروي تاپقان ،ئەخلاق جەھەتتە مېھرىبان، كۈ يۈمچان ، رەھىمدىل بۇلۇش تەشەببۇس قىلىنغان دەۋر بولدى . فارابىيدىن نەۋائىيغىچە، نەۋائىيدىن تەجەللىيغىچە بولغان كىلاسسىكلىرىمىز    شىئېرىيەت ، تىبابەت ، ئىلمىي نۇجۇم ، دىنى ئىلىم ( تىئولوگىيە ) ، مەرگەنلىك ، مۇزىكا ، تىلشۇناسلىق ، ئىجتىمائىي ئەخلاق بىلىملىرىنى ياخشى ئىگىلىگەن شۇنداقلا يۇقارقىلار ئەينى ۋاقىتتىكى مائارىپنىڭ ئاساسى تەلىم تەربىيە مەزمۇنى بولغان . دىمەك ، ئادەم جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى . ئۇنىڭ ساپاسى ھەققىدىكى ئۆلچەم ئۇ ياشىغان دەۋرنىڭ ، شۇ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . بۇ نوقتىدىن قارىغاندا كىشىلەرنىڭ ساپاسى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا ئادەمنىڭ ئىجتىمائىيلىقى ، دەۋر تەرەققىياتى ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىدىن ئايرىپ تەتقىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىدىكى ھەر قانداق بىر يۈكسېلىش شۇدەۋردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ ساپاسىغا يىڭى تەلەپلەرنى قويىدۇ شۇنداقلا ساپا ئۆلچىمى داۋاملىق ئۆزگىرىپ يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ .
 
                   ھازىرقى زامان جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى
 
 بىز 21- ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشاۋېتىپتىمىز . بۇدەۋردە ئادەم ساپاسى ھەققىدىكى پاراڭ ۋە تەتقىقاتلار بارغانسېرى ئۇلغىيىۋاتىدۇ . يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك 21- ئەسىردىكى ئادەملەر ساپاسى ھەققىدەسۆز ئېچىشتىن ئاۋۋال 21- ئەسىردىكى ئىنسانلار جەمىيىتى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ ئۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە قانداق ئۆلچەم قۇيىدۇ؟ بۇ نۆۋەتتە بىز ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىزغا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە . كۆپلىگەن ماتىرىياللاردىكى ھازىرقى زامان جەمىيىتىنىڭ بەلگىلىرى توغرىسىدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى يىغىنچاقلىغاندا تۈۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىكنى بايقاش مۇمكىن :
1) جىددىي ئۆزگىرىشچانلىق . بىرىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلاۋى تاماملانغاندىن كىيىن ھەربىرقېتىملىق تېخنىكا ۋە ئىدىيە يىڭىلاش ۋاقتى بارغانسىرى قىسقىراپ باردى .
ياۋرۇپادا يىڭى دېڭىز يۇلىنىڭ ئېچىلىشى ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى، دىننىي ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن زۇر كۈلەملىك ئىدىيە يىڭىلاش ھەركىتى يۈز بەرگەندىن باشلاپ 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىرىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلاۋى پارتلىغىچە 250 يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كەتكەن بولسا ، بىرىنچى قېتىملىق تېخنىكا ئىنقىلاۋى پارتلىغاندىن تارتىپ ، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىككىنچى قېتىملىق پەن- تېخنىكا ئىنقىلاۋى يۈز بەرگىچە 150 يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كەتتى . ئىككىنچى قېتىملىق پەن - تېخنىكا ئىنقىلاۋى يۈز بەرگەندىن باشلاپ 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا كومپىيۇتېر، ئاتوم ئېنىرگىيىسى، ئالەم بوشلۇقى پەن- تېخنىكىسىنى ئاساسى بەلگە قىلغان ھالدا باشلانغان ئۈچىنچى قېتىملىق پەن تېخنىكا ئىنقىلاۋى پارتلىغىچە ئارانلا 50يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كەتتى .ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن پەن – تېخنىكا ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم دەۋر خارەكتېرلىك يىڭىلىنىش ھاسىل قىلدى . 1945- يىلدىن 1955 – يىلغىچە بولغان ئون يىل ئاتوم ئىنىرگىيىسى، كومپىيۇتېرنىڭ ئىجات قىلىنىشى بىلەن ئۈچىنچى قېتىملىق پەن – تېخنىكا ئىنقىلاۋىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بۇلۇپ قالدى . 1955 - يىلدىن 1965 – يىلىغىچە بولغان ئون يىلدا سۈنئىي ھەمراھ تەتقىقاتىدا بۈسۈش ھاسىل قىلىنىپ ، ئىنسانلارنى ئالەم بوشلۇقى دەۋرىگە باشلاپ كىردى .1965 – يىلدىن 1975- يىلغىچە بولغان ئون يىلداDNA تەتقىقاتى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ ،ھاياتلىق ۋە ئىرسىيەت ئىلمى دەۋرى باشلاندى .1975- يىلدىن 1985- يىلغىچە بولغان ئون يىل ئىچىدە كومپىيوتېر قاتارلىق يۇقۇرى پەن- تېخنىكا ئۈسكۈ نىلىرى مىكرولىشىش ، ئاممىۋىلىشىشقا ، ئائىلە ئېلىكتېر ئۈسكۈنىلىرى ئەقىللىشىشقا قاراپ يۈزلەندى . پەن تېخنىكا ھەربى ئەسلىھەلەر ، ئالەمگە ئۇچۇش، ھاۋارايى،زەررىچە تەتقىقاتى قاتارلىق ماكرو ۋە مىكرو كەسپلەردىن تەدىرىجى ھالدا ئائىلىلەرگە ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ زور قۇلايلىقلار بىلەن تەمىن ئەتتى . 1985-يىلدىن 1995 – يىلغىچە بولغان ئون يىل يۇمشاق دېتالنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئۇمۇملىشىشىنى بەلگە قىلىپ رەقەملىك (digital) كونترول قىلىش تېخنىكىسى دەۋرى باشلاندى . 1995- يىلدىن 2005- يىلغىچە بولغان ئون يىل INTERNET نىڭ ئۇمۇملىشىشى ، ئۇچۇر – ئالاقىنىڭ يەرشارى دائىرىسىدە تورلىشىشىنى بەلگە قىلىپ ، ئىنسانلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتكەن ، كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرىنى مىسلىسىز زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرگەن بىر دەۋر بولدى . ھاۋا ، سۇ ، قۇرۇقلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سۈرئىتى يىلدىن- يىلغا يۇقىرى كۈتۈرۈلۈپ ، ئادەملەرنىڭ، ئىلىم – پەن ، مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ ماكانلار ئارا يۆتكىلىشى تىزلىشىپ ، تۇرمۇش رېتىمى جىددىيلەشتى. ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ، پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى شىددەت بىلەن يىڭىلىنىپ يىلنى بىرلىك قىلىشتىن بارا- بارا ئاينى بىرلىك قىلىشقا يۈزلەندى .جەمئىيەت ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتىدۇ . ئىقتىساد ، پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا تەپەككۇر شەكلى ۋە ئاڭ فورمىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بۇلۇپ تۇرۇۋاتىدۇ . بىزدە 80-90-يىللاردىكى زىيالىيلار ئاللىبۇرۇن ئارقىدا قالغان ئېقىمغا مەنسۇپ بۇلۇپ كەتكەن . ھەتتا  ئۈچ – تۆت يىل ئىلگىرى ئونېۋېرستېتنى پىتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم قويغانلار بۈگۈنگە كەلگەندە ئۆزلىرىنىڭ بارا- بارا جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالماي قېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشىدۇ . جىددى ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ، دەۋر بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرلەش ھازىرقى زامان جەمئىيىتى كىشىلەرگە قويغان بىر مۇھىم تەلەپ .
  
 
2)ئىلىم – پەن بىلەن ئىنسانلار تۇرمۇشى ئوتتۇرىسىدىكى چەمبەرچەس باغلىنىش : بۈ گۈ نكى كۈ ندە ئىنسانلار تۇرمۇشى بىلەن پەن – تېخنىكائايرىلماس بىرگەۋدىگە ئايلاندى . 18- ئەسىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پارتلىغان ھور ماشىنىسىنى بەلگە قىلغان بىرىنچى قېتىملىق پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قەدەم قويغانلىقىنىڭ تۇنجى گۈدۈكىنى چالدى . مىخانىكا ، ئىسسىقلىق ئىلمى قاتارلىق فېزىكا ئىلىملىرىنىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق تەبىئى ئېنىرگىيىنى ئىسسىقلىق ئىنىرگىيىسىگە ، ئىسسىقلىق ئىنىرگىيىسىنى ھەركەت ئىنىرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدىغان قۇرۇلما - ھور ماشىنىسىنىڭ ئىجات قىلىنىشى - ئىنسانىيەتنى تۇنجى قېتىم ئىپتىدائىي ئىنىرگىيە مەنبەلىرىگە بىۋاستە تايىنىدىغان ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ، قول ھۈ نەرۋەنچىلىكتىن ماشىنىلىشىشقا ، سانائەتلىشىشكە يۈزلەندۈردى . ئىككىنچى قېتىملىق پەن تېخنىكائىنقىلاۋىدا گېنراتۇرنىڭ ئىجات قىلىنىشى ،ئىلىكتىر تېخنىكىسىنىڭ ئۇمۇملىشىشى،ئىچىدىن يانىدىغان دېۋىگاتېلنىڭ ئىجاد قىلىنىشى بىلەن پەن - تېخىنىكىنىڭ قوللىنىشچانلىقى، ئاممىۋىيلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى . ئۈچىنچى قېتىملىق پەن تېخنىكا ئىنقىلاۋىدىن كىيىن پەن - تېخنىكىنڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قۇيۇقلىشىپ ، يىمەك ئىچمەك ، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، ساغلاملىق ، ئۇچۇر ئالاقە ،ئۆگىنىش بۇيۇملىرى... قاتارلىقلارنىڭ پەن تېخنىكا تەركىۋى بارغانسېرى ئېشىپ ،   پەن- تېخنىكا زامانىۋىلاشقان جەمئىيەتتىكى ئەڭ جانلىق ، ئەڭ بايراقدار ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىپ ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتى ، كۈرىشى، تۇرمۇشىدىكى بىرىنچى ئايرىلماس تەركىپ بۇلۇپ قالدى. نورمال ئادەم سۈپىتىدە ياشاش ئۈچۈن مۇئەييەن پەن - تېخنىكا بىلىمى ۋە سەۋىيە بولمىسا بولمايدىغان ، تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئىشلارغا قەدەر ھەممىسىدە بەلگىلىك بىلىم ، ساپا تەلەپ قىلىدىغان بۇلدى . يېقىندا مەركەز شىنجاڭ – شىزاڭ قۇرۇلۇش تۈرى بۇيىچە نامرات رايۇنلارغا تەقدىم قىلغان تېلىۋىزورنىڭ قەدىمى يۇرتىمىزغا يەتتى . مەھەللىمىزدىكى بىر قانچە ئۆيلۈك دېھقانمۇ مەركەزنىڭ بۇ غەمخورلىقىدىن بەھرىمەن بولدى . بىراق بىر نەچچە كۈن ئۆتە - ئۆتمەيلا تىلىۋىزور تەقسىم بولغان خوشنىلىرىم ئارقا ئارقىدىن مېنى ئىزلەپ كىرگىلى تۇردى . تېلىۋىزور رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان بولغاچقا بەزىلىرى ئاۋازىنى ئاچالماي ، بەزىلىرى رەڭلىرىنى تەڭشىيەلمەي ، بەزىلىرى قانال تاللىيالماي نورمال كۈرەلمىگەن ئىكەن . تىلىۋىزور ئىگىلىرى « توختاخۇننىڭ تېلىۋىزورى رەڭلىك تۇرىدۇ ، مىنىڭ رەڭسىز تۇرىدۇ ، سەمىتاخۇننىڭ تېلىۋىزورىنىڭ ئاۋازى چىقمايدىكەن ، مەركەز بىزگە مۇنداق بۇزۇق تىلىۋىزورلارنى ئەۋەتمىگەندۇ، چۇقۇم يېزا ياكى كەنتتىكى ئاچكۆزلەر ئالماشتۇرۇۋالغان گەپ » دەپ گۇمانلىق غۇلغۇلىلارنى قىلىشتى . مەن ئۆيمۇ – ئۆي چىقىپ ئۇلارنىڭ تېلىۋىزورلىرىنىڭ قانال ، سۈرەت، ئاۋازلىرىنى تەڭشەپ بىر يۈرۈش ئاددىي قائىدىلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم . شۇنداقتىمۇ ھازىرغىچە «مۇلازىمەت» قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن . بۇ تۇلىمۇ ئاددى بىر مىسال . يۇقارقىدەك مىساللاردىن يەنە تالايلارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن . دىمەك ، تۇرمۇشىمىزئىلىم -پەن تەركىپلىرى بىلەن تۇلۇپ ياتقان بۇجەمئىيەتتە كىشىلەردە ئىلمىي روھ ، ئىلىم – پەن ئىدىيىسى بۇلۇشى ، ئىلىم پەن بىلىملىرى بىلەن ئۆزلىرىنى قۇراللاندۇرۇشى كىرەك . 
3) قانۇن تۈزۈملىشىش: دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىش – جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى شۇنداقلا ھازىرقى زامان جەمىيىتنىڭ مۇھىم بەلگىسى . مۇكەممەل قانۇن سېستىمىسىنىڭ بار يوقلىقى ، جەمئىيەتنىڭ قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىنغان ياكى ئىدارە قىلىنمىغانلىقى ، پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭىغا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكى مەدەنىي دۇنيانىڭ بىرئۆلچىمى بۇلۇپ قالدى .ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ھەرقايسى ئۇرۇق قەبىلىلەرنىڭ ئۆز قەبىلىسى  ئىچىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان قائىدە - يۇسۇنلىرى بولغان . قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ھۆكۈمرانلار سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەخسەت قىلغان بىر يۈرۈش تۈزۈملەر بارلىققا كەلگەن ھەمدە بۇتۈزۈملەر دىكتاتۇرا كاپالىتىگە ئىگە قىلىنىپ تۇنجى قانۇن بارلىققا كەلگەن . قەدىمقى بابىلدا بارلىققا كەلگەن خاممۇراپىي قانۇنلىرى تاشقا ئۇيۇپ قالدۇرۇلغان بۇلۇپ ، بىزگىچە يىتىپ كەلگەن دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قەدىمكى مۇكەممەل يېزىقتا خاتىرىلەنگەن قانۇن ھېساپلىنىدۇ . جۇڭگۇدا شىيا ، شاڭ ، جۇ سۇلالىرىنىڭ بىر قاتار قاتتىق قۇلدارلىق قانۇن – تۈزۈملىرى بولغان . فىئوداللىق قانۇنلار قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى قانۇنلارغا قارىغاندا بىر ئاز ئىلغارلىققا ئىگە بولسىمۇ ، بىراق ، قۇلدارلىق ۋە فىئوداللىق تۈزۈمدىكى قانۇنلاردا پۈتۈنلەي ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ مەنپەئەتى قاتتىق قوغدىلىدىغان بولغاچقا ، كەڭ ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىغا نىسپەتەن ئەركىنلىك يوق ئىدى . ياۋرۇپادا يىڭى دېڭىز يۇلىنىڭ ئېچىلىشى ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ، ئارقا- ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلغان دىننىي ئىسلاھات تۈرتكىسىدە 16- ئەسىردىن باشلاپ ئارقا - ئارقىدىن بىر قاتار بۇرژۇئا ئىنقىلاپلىرى پارتلىدى. بۇ ئىنقىلاپلارنىڭ نەتىجىسىدە يىڭىدىن پەيدا بولغان بۇرژۇئازىيە سىنىپى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا بۇرژۇئا ئاساسى قانۇنىنى ئېلان قىلدى . بۇرژۇئا ئاساسى قانۇنى بۇرژۇئازىيە سىنىپنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، بىراق ، ئەينى دەۋرگە نىسپەتەن ئېيتقاندا مۇئەييەن ئىلغارلىققا ئىگە ئىدى . ئۇ پادىشاھلىق باقىۋەندىلىك تۈزۈمىنى بىكارقىلىپ ، سايلام تۈزۈمىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى . تەبىقە تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر بۇلۇشى ئىدىيىسنى گەۋدىلەندۈردى . مۇستەبىتلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، پارلامېنىت دىمۇكراتىيىسى تۈزۈمىنى ئورناتتى ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ جەلپكار ئۇقۇم – كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيىسى بارلىققا كىلىپ ، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن سېستىمىسىدىكى مۇھىم مەزمۇن بۇلۇپ قالدى . شۇنىڭدىن كىيىن بارلىققا كەلگەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي تۈزۈملەر ، ئاساسى قانۇنلار بۇرژۇئا ئاساسى قانۇنىنىڭ يۇقارقى ئىلغار تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆز قانۇن سېستىمىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمىغا ئايلاندۇردى .
 ماركىسىزىم دۇنياغا كەلگەندىن كىيىن پرولتارىيات تەكرار كۈرەشلەر ئارقىلىق ئۆزلىرى ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن رايۇنلاردا سۇتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى قوغداشنى ئاساس قىلغان ھالدا سوتسىيالىستىك قانۇن سېستىمىسىنى بەرپا قىلىپ ، ئىكىسپۇلاتاتسىيە ، ئىزىلىشنى ئاخىرقى ھېساپتا يۇقاتتى . دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ، بۇلۇپمۇ ، پارتىيىنىڭ 11- نۆۋەتلىك 3- ئۇمۇمى يىغىنىدىن كىيىن ، جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەدىرىجى ھالدا ئاساسى قانۇننى يادرو قىلغان خەلق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلدى . ئېلىمىزدە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن بۇيان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يۈزدىن ئارتۇق قانۇن- نىزام ئېلان قىلدى . 90 - يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە ئادۋۇكاتلىق ئىسلاھاتى ۋەئادۇۋۇكاتلىق ئىشلىرى تۈزۈمى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى . يىڭى ئەسىرگە قەدەم قۇيۇشنىڭ ئالدى كەينىدە، بۇلۇپمۇ 16- قۇرۇلتايدىن بۇيان ، پارتىيە مەركىزى كومېتىتى ۋە گوۋۇيۇەن ئارقا – ئارقىدىن دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىش ، قانۇن بۇيىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ، ئادەمنى ئاساس قىلىش ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدا يوليۇرۇقلارنى چىقاردى . بۇ تەشەببۇسلارنىڭ ئوتتۇرىغا قۇيۇلىشى ئېلىمىز قانۇنچىلىق تارىخى ۋە   ئىجتىمائىي تۈزۈم تارىخىدىكى زور ئىلگىرلەش ھىساپلىنىدۇ . بۇلۇپمۇWTOغا ئەزا بۇلۇپ كىرگەندىن بۇيان ئىلىمىزنىڭ قانۇنلىرى تەدرىجى ھالدا خەلقارا ئۆلچەمگە يېقىنلىشىپ ، قانۇننىڭ تەڭشەش دائىرىسى ۋە فونكىسىيىسى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرتىۋى ، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرى ، مەنىۋى تۇرمۇشى ، تۇرمۇش مۇھىتى ۋە ئىكىلوگىيىلىك مۇھىتى ،ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانى ،كىشىلىك ھۇقۇقى ۋە ئىززىتى ، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق تەرەپلەرگىچە سىڭىپ كىرىپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى تېخىمۇزور كاپالەتكە ئىگە بولدى ۋە بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ . دەرۋەقە ، ھازىرقى زامان   جەمىيىتىدە ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر مۇرەككەپلىشىپ ۋە ئىنچىكىلىشىپ ، كىشىلەرنى ھەممە ئىشتا قانۇننى بىلىش ۋە ئۇنى ئۆلچەم قىلىشنى ، ئۆز سۆز ھەركىتىنى قانۇن بۇيىچە كونترول قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . ئەكسىچە بولغاندا كىشىلەر ئاڭسىز رەۋىشتە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزىدىغان   ياكى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەئەتى بىلىپ - بىلمەي زىيانغا ئۇچرايدىغان ، زىيانغا ئۇچرىغىنىنى بىلسىمۇ ئۇنى قوغداشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلەلمەي نامۇۋاپىق ھەركەت قوللىنىدىغان ، ياكى دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ جەمئىيەتتىن ، ھاكىمىيەتتىن نارازى بۇلۇپ يۈ رۈ يدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ . شۇ سەۋەپتىن دۆلىتىمىز پۇقرالارنىڭ قانۇن ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ .ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئېلىمىزدە   قانۇنچىلىق يىڭى بىر دەۋرگە قەدەم قۇيۇپ ، قانۇن خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇھىم بىر قۇرال بۇلۇپ قالىدۇ . 
 
4) ئۇچۇرلىشىش :ئۇچۇر سېستىمىسىنىڭ تەرەققىياتى ھازىرقى زامان جەمىيىتىنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى . كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇچۇر ئىنسانلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق قۇبۇل قىلغان بارلىق تاشقى تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ . ئىلىمى تەبىر بىرىلگەندە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر دەپ ئاتىلىدۇ . تارىختىن بۇيان ،   ئۇچۇر ئىنسانىيەتنىڭ تاشقى دۇنيانى بىلىش ، قۇبۇل قىلىش ، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئاڭلىق ئىنكاس قايتۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستە بۇلۇپ كەلدى . بۇلۇپمۇ نەشىرىيات ، تېلېگىرامما ، تېلېفوننىڭ ئىجات قىلىنىشى بىلەن ئىنسانلار پەقەت بىۋاستەسەزگۈسىگە تايىنىپلا تەبىئەت ۋە جەمئىيەت بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ھالەتتىن قۇتۇلۇپ ، ئۇچۇر ئىنقىلاۋى دەۋرىگە قەدەم قويدى . 20- ئەسىردە رادېئو ۋە تېلىۋىزورنىڭ كەشپ قىلىنىپ ، پۈتۈن دۇنيانى قاپلىشى ، كومپىيۇتېرنىڭ ئىجات قىلىنىشى ،سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كىلىشىدەك بىر قاتار ئۆزلۈكسىز جەريانلار ئارقىلىق ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىدىكى غايەت زور رۇلىنى نامايەن قىلدى .   20- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا INTERNET نى مەركەز قىلىپ بارلىققا كەلگەن E- mail, FTP, Telnet   قاتارلىق ئۇچۇر ساقلاش ۋە تارقىتىش تېخنىكىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىشى ئىنسانلارنى تېخىمۇ تىز، دەل ۋە قۇلاي ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ ، يەرشارىنى بىر « كىچىك كەنت» كە ئايلاندۇرۇپ قويدى . ئۇچۇر كىشىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ ، پەن تېخنىكا   سىياسىي ،ئىجتىمائىي ئىشلاردا مۇھىم رول ئويناپلا قالماستىن ئىقتىسادىي ساھەدە پەۋقۇلئاددە قىممەت ۋە ئىشقا ئۇرۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتتى . ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى ئۇچۇر كەسپىدىن يارىتىلغان قىممەت ، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى ئىچىدە ئىگىلىگەن سالمىقى% 45دىن %70 كىچە بولغان . ئۇچۇر بازىرىدا ئىشقا ئۇرۇنلاشقانلار ئۇمۇمى ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %50 نى تەشكىل قىلغان .  
بىز ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق مۇقىم تېلېفون ، كۆچمە تېلېفۇن ، گېزىت – ژورناللار ، رادېئۇ ، تېلېۋىزور ، سۈ نئىي ھەمراھ ، ئىنتېرنېت   قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىلغان ، يېزىق ، ئاۋاز ، سۈرەت قاتارلىقلارنى ۋاستە قىلغان غايەت زور ئۇچۇر تورى ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ، ھەمدە ھازىرقى جەمئىيەتتە بۇ ئۇچۇر تورىغا تايىنىش، پايدىلىنش دەرىجىمىزنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمىز . شۇ ۋەجىدىن ئېيتقاندا ، ھازىرقى زامان جەمىيىتى كىشىلەردىن ئەڭ ئىلغار ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى بۇلۇش ، ئۇچۇرلار ئارىسىدىن ئۆز كەسپى ، ئۆز تۇرمۇشىغا پايدىلىق تەركىبلەرنى ئاڭلىق قۇبۇل قىلىپ ، ماددىي، مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتالايدىغان ، ئىدىيىۋى كۆز قاراش ، تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەڭشەپ خىزمەت ،تۇرمۇش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۈتۈرەلەيدىغان بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . 
5) يەر شارىلىشىش: پەن - تېخنىكا ، ئۇچۇر ، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈلەم ۋە سۈرئەت جەھەتتە شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە يەرشارىدىكى دۆلەت ۋە رايۇنلار ئارا بېرىش كېلىش ئالاقىسى ھەرقانداق بىر دەۋردىكىدىن قۇيۇق بولدى . ئادەملەرنىڭ شىددەت بىلەن يۆتكىلىشى ، ئىقتىسادنىڭ خەلقارالىشىشى ،   ئۇچۇرنىڭ پارتلىشى ، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ تۈركۈملەپ بارلىققا كىلىشى ، ھەربى ئېھتىياج قاتارلىق ئامىللار تۈ پەيلىدىن بەزى مەسىلىلەرنى بىر دۆلەت ۋە رايۇن دائىرىسى ئىچىدىلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدىغان ، تۈرلۈك ئېھتىياجلارنى مەركەزقىلىپ خەلقارالىق ھەمكارلىق ئاساسىدا خەلقارالىق مۇناسىۋەت يۈرگۈزۈلىدىغان ھالەت شەكىللەندى . دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈرلۈك مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ، خەلقارالىق سىياسىي ، سودا ، ھەربى ، ئىلىم- پەن ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى مەقسەت قىلغان زور كۈلەملىك كەسپلەر ۋە گوروھلار بارلىققا كەلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، خەلقارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ، ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقى ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ... قاتارلىق چوڭ - كىچىك خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بارلىققا كىلىشى دەل شۇنىڭ نەتىجىسىدۇر . مەلۇم بىر رايۇن دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ھەر بىر ئىشلەپچىقىرىش تارمىقى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ۋە مۇناسىۋەت بارغانسىرى رۇشەنلىشىپ ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى بارغانچە ئىنچىكىلەشتى . ئىش تەقسىماتىنىڭ ئىنچىكىلىشىشى ۋە كۆپ خىللىشىشى دۆلەتلەر ، رايۇنلار ، كەسپلەر ، خادىملار ھەتتا ئاددىي كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ بىر - بىرىگە تايىنىدىغان ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان ، ئورتاق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان تەڭپۇڭلۇق ۋەزىيىتى شەكىللەندى . دۆلەت ، رايۇن ، مىللەت ، دىن ھالقىغان بۇ خەلقارالىق توردا «مەمەتنىڭ كاسسىسىغا تەپسە ، سەمەتنىڭ بېقىنى ئاغرىيدىغان » ، «ئۆيگە ئوت كەتسە كۆلدىكى بىلىق ئەندىشىگە چۈشىدىغان » ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن باغلىنىش پەيدابولدى . قايسىبىر يىلى ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ « كۈڭۈلدىكى سۆز» پروگراممىسىدا توختىمۇھەممەت ئىسىملىك خۇتەنلىك تىجارەتچى 2001 - يىلى9- ئايدا دۇنيا سودا بىناسى پارتلىتىۋېتلىگەندىن كىيىن ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا سۈڭەك ئىكىسپورت قىلىش سودىسىنىڭ زور دەخلىگە ئۇچراپ زىيان تارتقانلىقىنى ئىيتقان ئىدى . 2005- يىلنىڭ بېشىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايرۇبوس A380 ياسىلىپ بازار غا سېلىندى . بۇ ئايرۇبوس فرانسىيە ، گېرمانىيە ، ئەنگىلىيە ، ئىسپانىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ تېخنىكا ۋە مەبلەغ جەھەتتە ھەمكارلىشىپ ياسىشى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن . كىچىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىدە ئۆزئارا ماسلىشىش ھەمكارلىق ئىش تەقسىماتى ئاللىقاچان شەكىللەنگەن . بىر تەخسە تۇخۇ گۈشى قورۇمىسىنىڭ تۇخۇ فېرمىسىدىن تارتىپ ، تۇخۇگۈشى بازىرى ، كۆكتات بازىسى ، يىمەك ئىچمەك دۇرىلىرى زاۋۇتى ، ئاشپەز ، كۈتكۈچى ... قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت تارماقلىرىغا چېتىلىپ ئاخىرىدا ئىستىمالچىلارنىڭ ئالدىدا ھازىر بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرسەك بۇنىڭ مەنىسىنى ئاسانلا چۈشىنىۋالالايمىز . ئىلىم پەن ساھەسىدە ئىلگىرىكىدەك بىرەر ئالىم ياكى كەشپىياتچىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلىم پەن نەتىجىلىرىنى ئىختىرا قىلىش ياكى بىرەر مۇكەممەل نەزەرىيىنى بەرپا قىلىش ھازىر مۇمكىن بولماي قالدى . 20- ئەسىردىكى يادرو ئېنىرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ، ئالەمگە ئۇچۇش ، كومپىيۇتېر قاتتق دىتال ۋە يۇمشاق دېتال سېستىمىسى ، ئىنسانلار گىنىنىڭ گۇرۇپپىللىنىش سىخېمىسىنى سىزىپ چىقىش ... قاتارلىق زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىر ئالىم يالغۇز ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بولماستىن بەلكى    بىر قانچە دۆلەتتىكى بىر قانچە ئەۋلات ئالىملارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىشىنىڭ نەتىجسىدۇر . ماتىرىياللاردا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ WINDOWS98 مەشغۇلات سېستىمىسىنى 1000نەپەردىن ئارتۇق يۇمشاق دىتال مۇتەخەسسىسى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ياساپ چىققانلىقى قەيت قىلىنغان . دەرۋەقە ھازىرقى زاماندىكى غايەت چۇڭ قۇرۇلۇشلاردىن باشلاپ تۈۋىنى ھەر ساھە ھەر كەسپلەردە يىگانە ئىشلەپ نەتىجە يارىتىش ئەمەس بەلكى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشمۇ تەسكە توختايدۇ .شۇڭا خىزمەت ئۈگىنىش ، تۇرمۇشتا ، ئىلىم ، تېخنىكا ساھەسى ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىدا بولمىسۇن ھەمكارلىق ۋە رىقابەت بىرلىكتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ . بۇ يەر شارىلىشىشنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى .   يەنە بىر جەھەتتىن يەرشارىلىشىش ئۆز تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنى نۇرغۇن پايدىلىق پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن بەلكى يەنە نۇرغۇن خىرىسلارنى ئېلىپ كىلىدۇ . چۈنكى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرنىڭ تورلىشىشنى ئاساسى بەلگە قىلغان يەرشارىلىشىش ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر قۇرۇلىشىدا يىتەكچى ئۇرۇندا تۇرغان مەلۇم دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن بۇلىدۇ . بىر پۈتۈنلىشىشنىڭ تەسىرىدە   ئوخشىمىغان دۆلەت ، مىللەت ، ئوخشىمىغان دىن ، ھەرخىل ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەت تىپىدىكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش ۋە ئالاقە كۈچىيىپ ، سىڭىشىش ۋە بىر گەۋدىلىشىش بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ .يەر شارىلىشىش ئۆزىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايۇن ۋە ئەللەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ، مەدەنىيەت ، كىرىم تەقسىماتى ، ھۆكۈمەت فونكىسىيىسى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئېلىمىزدە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ، WTO غا كىرىش، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ، بىز بىر پۈتۈنلىشىشنىڭ تەسىرىگە تېخمۇ كۆپ ئۇچرىشىشمىز ئېنىق . ھازىرقى زامان ئادىمى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر پۈتۈنلىشىشنىڭ قايناملىرىدا ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆزلىكىنى ، مەۋجۇتلىقىنى ساقلىيالىغىدەك ، ھەتتا ئۆزىنى نامايەن قىلالىغۇدەك مىللىي روھ ۋە مىللي ساپانىڭ بۇلىشى تۇلىمۇ مۇھىم .   
6)دىمۇكراتىيىلىشىش : دىمۇكراتىيىلىشىش – مەدەنىي دۇنيانىڭ يەنە بىر ئىپادىسى . قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇش ئىدىيىسى ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئىلمىيلىشىشى ، رۇشەنكى ئۇ دېمۇكراتىيە ئىدىيىسى بىلەن تۇمۇرداش ھەم سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى شەكلىدە بىر – بىرىنى تەقەدزا قىلىدۇ ، بىر بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بىر بىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ . دىمۇكراتىيىلىشىش – بىر جەمئىيەت ، بىر دۆلەت ئۈچۈ ن ئيتقاندا ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قانۇن ، سىياسەت ، ئەمىر پەرمانلىرى، تۈزۈملىرىدە ئادەمنى ئاساس قىلىشنى ، ئادەملەرنىڭ كىشىلىك ئىززىتى ، ئىنسانىي قەدىر قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ، خەلق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ . شەخسنىڭ قانۇن – تۈزۈم ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ، قانۇن تۈزۈم ساپاسى ۋە ئىلىم پەن ، مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ، كىشىلەردە دىمۇكراتىيە ئىدىيىسى تەدىرىجى شەكىللىنىدۇ . پۇقرالارنىڭ دىمۇكراتىيە ئىدىيىسىنىڭ پەيدا بۇلۇشى ، ئونېۋېرسال ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى يەنە جەمئىيەتنىڭ دىمۇكراتىيىلىشىش مۇساپىسىنى تىزلىتىدۇ . مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىدىيە جەھەتتىكى ئىلغارلىق ، پىسخىكا جەھەتتىكى خۇشخۇي ، كەڭ قۇرساقلىق ، سوبىكتىپ جەھەتتىكى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ، قانۇن جەھەتتىكى ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەرلىكى ، شەخسىيەت جەھەتتىكى ئۆز- ئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەرىكەت جەھەتتىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دىمۇكراتىيىلەشكەن تۇرمۇشنىڭ كونكېرىت ئىپادىسى . دىمۇكراتىيە يەنە شەخس ۋە جەمئىيەتتىن ئۆزىگە نىسپەتەن دىمۇكراتىيە تەلەپ قىلىش، دىمۇكراتىيىدىن بەھرىمەن بۇلۇشنى بىلىش بىلەن بىرگە باشقىلارغا ، جەمئىيەتكە دىمۇكراتىيە ئاتا قىلىش ، باشقىلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ، قانۇن ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ دىمۇكراتىك جەمئىيەت پۇقراسىغا لايىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .     
7) مەدەنىيەت تەۋەلىكى ۋە ئىتىقاد سېستىمىسىنى ئاساس قىلىغان مىللىي روھ بۇلۇش : بۇ ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى ئىنتايىن زۆرۈ ر بولغان ، شۇنداقلا ئىنسانلار كېچىكىپ تۇنۇپ يەتكەن بىر مۇھىم بەلگە . مىللىي روھ – بىر مىللەتنىڭ كۈچ قۇدىرىتىنىڭ مەنبەسى ، ھاياتىي كۈچىنىڭ يادروسى . ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ شىددەتلىك تەرەققىياتى ، جەمئىيەتنىڭ قانۇن بۇيىچە ئىدارەقىلىنىشى ، سانائەتلىشىش ، شەھەرلىشىش ، جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ دىمۇكراتىيىلىشىشى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيادىكى كۆپ سانلىق ئەللەردە ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تەرەققى قىلىپ قۇرساق تۇق ، كىيىم پۈتۈن بۇلۇش مەسىلىسى ئاساسەن ھەل بۇلدى ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى . غەربتە ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق ئاساسلىق كاپىتالىستىك ئەللەردە 20- ئەسىرنىڭ 40- 60- يىللىرى بىرىنچى قېتىملىق زامانىۋىلاشتۇرۇش ( يەنى سانائەتلىشىش ، شەھەرلىشىش ، دىمۇكراتىيىلىشىشنى بەلگە قىلغان ) ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن باشلاپ ، 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە 109 دۆلەت بىرىنچى قېتىملىق زامانۋىلىشىشنى ئاساسەن ياكى قىسمەن ئىشقا ئاشۇرغان . ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ، گېرمانىيە ، فىرانسىيە قاتارلىق ئاساسلىق غەرب ئەللىرى ، ياپۇنىيە ، كورىيە ، سىنگاپۇر قاتارلىق يەنە بىر قىسىم شەرق ئەللىرى بىلىم ئىگىلىكى ۋە ئۇچۇرلىشىشنى ئاساسى بەلگە قىلغان ھالدا ئىككىنچى قېتىملىق زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارماقتا . ئىنسانلار ماددىي تۇرمۇش جەھەتتە ھەرقانداق چاغدىكىدىن تۇيۇنغان بىر دەۋرگە قەدەم قويدى .بىراق ، ماددىي جەھەتتە گۈللەنگەن جەمئىيەتتە بارا- بارا يۇشۇرۇن بىر كىرزىس شەكىللىنىشكە باشلىدى . ماددىي مولچىلىق بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنى مەنىۋى جەھەتتىن يىتەكلەيدىغان ئورتاق غايە ۋە ئەخلاقنى شەكىللەندۈرەلمىدى . كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر مۇرەككەپلىشىپ ،جىنايەت ، چۈشكۈنلۈك ، ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئىجتىمائىي كىرزىس تەدىرىجى ئېغىرلىشىپ ، باش قاتۇرىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى . قىمار ، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، سېرىق مەدەنىيەت ، قەبىھ ۋاستىلەرنى قوللىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ، ئائىلىنىڭ يىمىرلىشى، بىدئەت دىن ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ، ئىرقى كەمسىتىش، تىرورلىق قاتارلىقلارنىڭ پەيدا بۇلۇشى ۋە كۈچىيىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بۇلالايدۇ . ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نىكسون ۋەزىپە ئۆتەش نۇتقىدا مۇنداق دەپ جاكارلىغان:« بىز ئۆزىمىزنىڭ ، ماددىي جەھەتتە ناھايىتى باي ئىكەنلىكىمىزنى ، لېكىن روھى جەھەتتە تۇلىمۇ نامرات ئىكەنلىكىمىزنى بايقىدۇق ، ئاي شارىغا ئىنتايىن توغرا يىتىپ باردۇق ، لېكىن يەر شارىدا قورقۇنچلۇق قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالدۇق ... ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ مەنىسىز تۇرمۇش ئىكەنلىكىنى ، يىتەرلىك مەزمۇن كەملىكىنى كۆردۇق . بىز مەنىۋى كىرزىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز... » .     
 دۇنيا تېرىلغۇ يەر كۈلىمىنىڭ %7 تى بىلەن دۇنيا نۇپۇسىنىڭ %22 تىنى بېقىۋاتقان ، دۇنيا ئۈچۈن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان جۇڭگۇدىمۇ 1978- يىلى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىش ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ تەدبىر بەلگىلەنگەندىن كىيىنكى قىسقىغىنە 27 يىل ئىچىدە بىر مىليارد 300 مىليۇن ئادەمنىڭ تويۇنۇش ، كىيىنىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ دۇنيانى ھەيران قىلدۇرىدىغان زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلدى . بىراق ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كىيىن غەربنىڭ ئىلغار پەن تېخنىكىسى ، ئىلغار مەدەنىيىتى بىلەن بىرگە غەرب مەدەنىيىتىدىكى چىرىك ، چاكىنا نەرسىلەرمۇ ئېقىپ كىرىپ ، ياشلار ئىچىدە ئەنئەنىدىن ياتلىشىش ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ،سېرىق مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ،ئۈمىدسىزلىك ، چۈشكۈنلۈك ، بىدئەتچىلىك ۋە خوراپاتقا ئىشنىش ، پۇلپەرەسلىك ،شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق ئىللەتلەر پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى . بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى سەگەك پوزۇتسىيە تۇتۇپ ، ئەسىر ھالقىش ھارپىسىدا دۆلەتنى قانۇن بۇينچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجىنىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، ھەمدە بۇئاساستا جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى ئەخلاق ئۆلچىمىنى بىكىتىپ چىقتى . مىللى روھنى جارى قىلدۇرۇش ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ قايتا گۈللىنشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانى بىكىتىلدى . جۇڭگۇ كوممونىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومېتىتى، گوۋۇيۇەن 2004- يىلى 3- ئايدا ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرى ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى بولغان ياش –ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ ، «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر» نى ئېلان قىلدى .
شۇنداق ، بارلىق ماددىي جەھەتتە تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بارا- بارا ئۆز مەدەنىيىتى ، ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكى ، مىللىي روھىنى ئىزلەپ ، پۇرسەت ۋە خىرىسقا تولغان ھازىرقى زامان جەمئىيتىدە ئۆزلىرىگە كېرەكلىك بىر يىتەكچى ئىدىيىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتاتتى .
ئامېرىكىلىق ستىراتىگىيىشۇناس سەيمىل خانتىڭتون ئەپەندى ‹‹ مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى » ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە بۇنىڭدىن كىيىنكى دۇنيانىڭ زىددىيىتى چۇقۇمكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا بۇلىدۇ ،   دىگەن يەكۈننى دەلىل – پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ، دۇنيادا زىلزىلە پەيدا قىلدى . ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيەت چۈشەنچىسىنىڭ مەركىزىدە ھەربىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىيە - ئىتىقاد ، ئەخلاق سېستىمىسى تۇراتتى( ئابدۇقادىر جالالىدىن) . يىڭى ئەسىرگە قەدەم قۇيۇش ھارپىسىدا ھەرقايسى مىللەتلەر يىڭى ئەسىرگە قانداق كىرىش ، رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆز مەۋجۇتلىقىنى قانداق ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئويلاندى . شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ 2001- يىللىق 3- سانىدا سانىدا خې خۇەيشۇ ئەپەندىنىڭ «مەدەنىيەت نوقتىسىدىن يىڭى ئەسىرگە نەزەر » ناملىق ماقالىسى تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغانىدى . ماقالىدە خې خۇەيشۇ ئەپەندى يىڭى ئەسىردىكى خىرىس ، رىقابەت ئالدىدا ھەر بىر كىشى ئۆزىگە ئۈمىدنى ھەمراھ قىلىشى لازىم ، دىگەن يەكۈننى ئوتتۇرىغا قۇيغان .   بۇنىڭغا قارىتا ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى يەنە شۇ ژورنالدا« يىڭى ئەسىرنىڭ كۈچلۈكلىرى كىم ؟ » تېمىلىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ، يىڭى ئەسىردە ئۈمىدلىك بولۇش بىلەن بىرگە ، مۇھىمى ئەقىدىنى ھەمراھ قىلىش كېرەك دەپ ئوتتۇرىغا قويدى . ئابدۇقادىر جالالىدىن ، نۇرمۇھەممەت توختى ، ئادىل ئابدۇقادىر ، بەرقىي ، ئابدۇرېھىم دۆلەت قاتارلىقلار يىڭى ئەسىرنىڭ ئالدى - كەينىدە ئارقا -ئارقىدىن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ ، شىددەت بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان، يەرشارىلىشىشنىڭ تۈرتكىسىدە زىددىيەتلەرنىڭ تۈگۈنى يۇقۇتۇش ۋە يۇقۇلۇشتىن ئىبارەت ئىككىلا تاللاش ئۈستىگە مەركەزلىشىۋاتقان بۇ دەۋردە ھەربىر مىللەت ، ھەربىر دۆلەت ئۈچۈن ، چاڭقاق روھىنى سۇغۇرۇپ كۆكلىتىپ تۇرىدىغان مەنىۋى ئۇزۇق بۇلۇشى ، تايىنىدىغان روھىي تۈۋرۈكى بۇلۇشى، مىللى ئۆزلۈك ، مىللىي كىملىك ، ئەخلاق ، ئەنئەنە ، ئېتىقادىنى تېپىۋېلىشى ۋە ئۇنى مەھكەم ساقلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى . ئېنىقكى ، ماكان ۋە زاماندىن ھالقىغان ئۇچۇر ،ئۆز- ئارا تۇقۇنۇشۇۋاتقان ئىدىيىۋى ئېقىملار ، يۇقۇلۇش ۋە يىڭىدىن بەرپا بۇلۇش ، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇش ۋە تۇقۇنۇشتۇرۇش كۈچىيىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتقان ھەر بىر قەۋم چوقۇم مۇستەھكەم بىر روھىي تۈۋرۈككە ، بىر ئىجتىمائىي توپقا يىتەكچىلىك قىلالايدىغان ئىدىيىۋى – ئەخلاق سېستىمىسىغا ئىھتىياجلىق بۇلۇۋاتاتتى . ئېنىقكى ، بۇ ئىدىيە – ئەخلاق سېستىمىسى باشقىلارغا تەقلىد قىلىنغان ، ئارىيەت ئېلىنغان بولماستىن بەلكى ، بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى ئەنئەنىسى، مىللى قىممەت قارىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ، ئۆزىگىلا خاس بولغان مىللىي روھى بۇلۇشى كىرەك .
دىمەك يۇقارقىلارنى ھازىرقى زامان جەمىيىتىنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى دەپ قاراشقا بۇلىدۇ . ئۇنداقتا ھازىرقى زامان ئادەملىرى قانداق بۇلۇشى كېرەك ؟ ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ ساپاسى ھەققىدە قانداق ئۆلچەم بېكىتىش كېرەك ؟
 
 
ھازىرقى زامان ئادىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى
 
 
1)        ماقالىمىزنىڭ باش قىسمىدا ئادەم جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى، ئادەم ھەققىدىكى ھەرقانداق تەتقىقات ۋە باھا شۇ شەخس ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئىدى . شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ھازىرقى زامان ئادەملىرى تۈۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇشى لازىم :
2)         جىددىي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھازىرقى زامان جەمىيىتىدە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەم ئىدىيە ۋە ھەركەتتە داۋاملىق سەزگۈر ، ئۇچۇق ، قۇبۇل قىلىش ھالىتىدە تۇرۇشى ، ھەربىر كۈن ، ھەربىر سائەتتە داۋاملىق ئۈ گىنىشى ، ئۆزىنى ئەڭ يىڭى بىلىم ، ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلاربىلەن زەرەتلەپ تۇرۇشى، ۋاقىت ۋە ئۈنۈم قارىشىغا ئىگە بۇلۇشى ، جىددىي تۇرمۇش شارائىتىغا ماسلىشالايدىغان ئىقتىدار بۇلۇشى لازىم . ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ۋە ئۆمۈرلۈك ئۈگىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشى لازىم . ئامېرىكىلىق كېلەچەكشۇناس ئالۋېن توفلېر «21- ئەسىردىكى ساۋاتسىزلار خەت ئوقۇيالمايدىغان ، يازالمايدىغان كىشىلەر بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئۇلار ئۈگىنەلمەيدىغان ، ئۈگەنمەيدىغان ۋە قايتا ئۈگەنمەيدىغان كىشىلەردۇر » دىگەن . ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ئىقتىدارى ، ئۆمۈرلۈك ئۈگىنىش ئىدىيىسى ۋە ۋاقىت كۆز قارىشى - توختاۋسىز ئۆزگىرىۋاتقان ھازىرقى زامان جەمىيىتىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر ھازىرلاشقا تىگىشلىك مۇھىم ساپا .
3)         تۇرمۇشىمىز ئىلىم - پەن تەركىپلىرى بىلەن چەمبەر- چەس باغلانغان بۇجەمئىيەتتە كىشىلەردە ئىلمىي روھ ، ئىلىم – پەن ئىدىيىسى بۇلۇشى ، ئىلىم پەن بىلىملىرى بىلەن ئۆزلىرىنى قۇراللاندۇرۇشى كىرەك . ئەڭ بولمىغاندىمۇ ساغلاملىق ، ئۈ گىنىش ، خىزمەت ، ئائىلە تۇرمۇشىدا ، ئىش بىجىرىشتە ، ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرىدا كېرەكلىك ئەمەلىي قوللىنىدىغان پەن تېخنىكا بىلىملىرىنى بىلىشى ، ھازىرقى زامان ئىشلەپچقىرىش ۋاستىلىرىنى ، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى ، پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك .
4)        ھازىرقى زامان ئادىمى مۇئەييەن قانۇن ئېڭىغا ئىگە بۇلۇشى ، ئۆزھەرىكىتىنى قانۇن ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇشى ، قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قانۇن قۇرالىدىن پايدىلىنىپ قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشى زۆرۈر .
5)        يۇقىرى تېخنىكامۇھىتى ۋە كۆپ ۋاستىلىك غايەت زور ئۇچۇر تورىدا ياشاۋاتقان ھازىرقى زامان ئادىمى ئەڭ ئىلغار ئۇچۇر ۋاستىلىرى ( گېزىت ژورناللار ، رادېئو تېلېۋىزىيە ، كومپيۇتېر تورى ، ئېنتېرنېت ، سىملىق ۋە سىمسىز ئالاقىلىشىش ...قاتارلىقلار) دىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى بۇلۇش ، ئۇچۇرلار ئارىسىدىن ئۆز كەسپى ۋە تۇرمۇشىغا پايدىلىق تەركىبلەرنى ئاڭلىق قۇبۇل قىلىپ ، ماددىي، مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتالايدىغان ، ئىدىيىۋى كۆز قاراش ، تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەڭشەپ خىزمەت ، تۇرمۇش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۈتۈرەلەيدىغان بۇلۇشى كېرەك .
6)        ھازىرقى زامان ئادىمى سىرتقى دۇنياغا يۈزلىنىشكە ، ھەمكارلىشىشقا ماھىر بۇلۇشى، تۈرلۈك ئىدىيىۋىي ئېقىم ، ھەرخىل مەدەنىيەت غىدىقلاشلىرىغا نىسپەتەن تاللاش ۋە شاللاش ئىقتىدارىغا ، خىرىس ، بېسىملارغا تاقابىل تۇرالايدىغان پىسخىك روھىي ھالەتكە ، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئۆزدۆلىتى ، مىللىتى كۆپرەك ئالاقە قىلىدىغان بىرياكى بىر قانچە مەدەنىي مىللەتنىڭ تىلىنى بىلىدىغان سەۋىيەگە ، دۇنيا مەدەنىيىتى ، تارىخى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتى ھەققىدە بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە بۇلۇشى، بىر پۈتۈنلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك تەسىرلەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان، مىللىي ئۆزلۈكىنى ساقلىيالايدىغان ساپاغا ئىگە بۇلۇشى لازىم .
ھازىرقى زامان ئادىمى دىمۇكراتىيە ئىدىيىسىگە ئىگەبۇلۇشى ، كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا ، ئادەملەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان پەزىلەتكە ، باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئادەملىك ئىززىتىگە دەخلى تەرۇز قىلمايدىغان ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ، ئىززىتىنى قوغدىيالايدىغان ، ھەممە ئىشتا ئادەمنى ئاساس ، قانۇننى ئۆلچەم قىلىدىغان ئىستىلغا ئىگە بۇلۇشى لازىم .
7) ھازىرقى زامان ئادىمى يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ،     قىممەت قارىشى ئاساسىدىكى ئەخلاق پەزىلەتكە ، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت  ئەنئەنىسىگە تەنقىدى ۋارىسلىق قىلالايدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان مىللىي روھقا ، ئۆز خەلقىنىڭ ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈ ل بۈلىدىغان يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بۇلۇشى كېرەك . مىللىي ئەنئەنە ئاساسىدىكى ئېتىقاد ۋە قىممەت قارىشىنى مەركەز قىلغان ئىجتىمائىي ئەخلاق مىزانلىرىنى ياشاش پىرىنسىپى قىلىشى ، قىسقىسى تايىنىدىغان روھىي تۈۋرۇكى بۇلۇشى لازىم .
 
                                  
                              ئۇيغۇر ساپاسى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى
 
 
   يۇقارقىلارنى ھازىرقى زامان كىشىلىرى يىتىلدۈرۈشكە تىگىشلىك مۇھىم ساپا دەپ قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز . بۇ يەردە ئۆزىنى ئىزلەۋاتقان ،   يىڭى ئەسىر شاۋقۇنلىرىدا تەمتىرەپ ، گاڭگىراش ئىچىدە 21- ئەسىرگە كىرىپ كەلگەن ئۇيغۇر جەمىيىتىنى يۇقارقى ئۆلچەمگە سېلىشتۇرۇپ كۈرگىنىمىزدە ، نەتىجىسى كىشىنى تۇلىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ . بىزدە يۇقارقى ئۆلچەمگە لايىق ساپانى ھازىرلىغان كىشىلەر يوق ھېساپتا . بولسىمۇ سانى تۇلىمۇ ئاز بولغاچقا مىللەتنىڭ ئۇمۇمى قىياپىتىدە سۈ پەت ئۆزگىرىشى ھاسىل قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس . دەرۋەقە ، ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى بىرىنچى قېتىملىق زامانىۋىلىشىش ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدۇ . ئىقتىسادىي تەرەققىيات يەنىلا قالاق ، ئۇيغۇر مىللىي سانائىتى ئەمدىلا بىخ ھالىتىگە كىردى . شەھەرلىشىش نىسپىتى تۆۋەن ، دىمۇكراتىيە – قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى تارىخى تۇلىمۇ قىسقا ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن پەرقلىق . شۇڭلاشقا ئۇيغۇر جەمىيىتىنى ھازىرقى زامان جەمىيىتى ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەش تۇلىمۇ ئادالەتسىزلىكتەك كۆرۈنىدۇ ،   بىراق سېلىشتۇرۇش ئۆزىمىزنى ئەيىپلەش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ، پەرقنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۆزىمىزنى تۇنۇش ئۈچۈندۇر . ئادەمنىڭ تەپەككۇر شەكلىدىكى ئىلگىرلەش جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ئىسلاھ قىلىدۇ . ئادەم جەمئىيەتتىن بەھرى ئالغۇچى ، ئادىمىيلىك قىممىتىنى نامايەن قىلغۇچى . ئەمما ئادەم يەنە ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلغۇچى ، جەمئىيەتتە يۈكسېلىش ھاسىل قىلغۇچى . ئۇنداق بولمىغاندا ، ئىنسانلار ئاللىبۇرۇنلا ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە قېپقالغان بۇلاتتى . مانا بۇ ئادەمنىڭ سوبىيكتلىق رولى . دەل مۇشۇ خىل رول ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تۆۋەن باسقۇچتىن يۇقۇرى باسقۇچقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدەك ئومۇمى يۈزلىنىشنى بەلگىلىگەن . بۇ نوقتىدىن قارىغاندا زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدى بىلەن ئادەم ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش كېرەك .
 
 
ساپانى قانداق يۇقىرى كۆتۈرىمىز؟
 
 
ساپا ئادەم تەپەككۇرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە شەكىللىنىدىغان ۋە ساقلىنىدىغان بولغاچقا ، ساپانى يۇقۇرى كۈتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن مىللەت خاراكتىرلىك ياكى رايۇن خارەكتىرلىك تەپەككۇر ئىنقىلاۋى ئېلىپ بېرىش تۇلىمۇ زۆرۈر . جۇڭگۇنىڭ 1978- يىلدىن كىيىن ئېلىپ بارغان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ، سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى ئەمەلىيەتتە بىر قېتىملىق تەپەككۇر ئىنقىلاۋىدىن ئىبارەت ئىدى . تەپەككۇرنى ئىسلاھ قىلىشتا كىتابىي بىلىملەرنىڭ رۇلى چوڭ بولسىمۇ ، جەمئىيىتىمىزدە كىتاپ ئوقۇيدىغانلاردىن ئوقۇمايدىغانلار كۆپ . شۇڭا كىتاپ ئارقىلىق ئېلىپ بارغان تەپەككۇر ئىنقىلاۋىنىڭ دائىرىسى تار، ئۈنۈمى كۈڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ . بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ تەپەككۇر شەكلىدە ئۇمۇمىيۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا ئۇزاق مۇددەت كارغا كېلىدىغان ۋە ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇل يەنىلا مائارىپتۇر . مەشھۇر ئىسلاھاتچى يولداش دېڭ شىياۋپىڭ :« يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ ئاساسى مائارىپ » دەپ ئىنتايىن توغرائېيتقان . بەرقى مۇنداق دەيدۇ :« ساپانى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تەپەككۇر شەكلىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك . تەپەككۇر شەكلىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ، مائارىپ شەكلىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك ...»
 ئۇنداقتا ، مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق ؟ ئۇھازىرقى زامان جەمىيىتىگە لايىق ساپالىق كىشىلەرنى يىتىلدۈرەلەمدۇ - يوق ؟
تارىختىن بۇيان مائارىپ كەڭ ۋە تار ئىككى خىل مەنىگە ئىگە بۇلۇپ كەلدى . كەڭ مەنىدىكى مائارىپ – ئادەمدىكى بىۋاستە سەزگۈ ياكى باشقا ۋاستىلەر ئارقىلىق تەبىئەت ۋە جەمئىيەتتىن ئۇچۇر قۇبۇل قىلىپ ، بەلگىلىك ماھارەت ۋە چۈشەنچە شەكىللەندۈرگەن بارلىق ھادىسىلەرنى كۆرسەتتى . ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئەمگەك قۇراللىرىنى ياساش ، ياۋا مىۋىلەرنى يىغىش ، ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇش قاتارلىق ئىپتىدائى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە بىر – بىرىدىن ئۈگەنگەن ، كىيىنكىلەرگە تەجرىبە سۈپىتىدە قالدۇرغان . شۇنىڭدىن كىيىنىكى ھەر بىريىڭىلىق ، ھەر بىر ماھارەت ، ھەربىر تەجرىبە ئېنىقكى ئۈ گىنىش ئارقىلىق كېڭەيگەن ۋە داۋاملاشقان . ئىپتىدائىي مائارىپ چوڭلار كىچىكلەرگە ، ئاتا – ئانىلار بالىلارغائۆگىتىش شەكلىدە ، كىيىنچە ئۇستا – شاگىرتلىق شەكلىدە ئىپادىلەنگەن بۇلۇپ ، كۆپىنچە تىرىكچىلىك قىلىشتا ئېھتىياجلىق بۇلىدىغان ماھارەتلەر ئۆگىتىلەتتى . بۇخىل مائارىپ شەكلى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ھازىرمۇ ئۆز رۇلىنى بەلگىلىك دائىرىدە جارى قىلدۇرماقتا . ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمنىڭ جەمئىيەتتىن كۈرۈش ، ئاڭلاش قاتارلىق سېزىملىرى بىلەن مەقسەتسىز ۋە مەقسەتلىك ھالدا ھىس قىلغان ياكى ئۆزلىكىدىن   ئۈگەنگەن ياخشى - يامان ئىشلىرىمۇ كەڭ مەنىدىكى مائارىپ ھادىسىسىدىن ئىبارەت .   
تار مەنىدىكى مائارىپ – مەكتەپلەر تەلىم تەربىيسىنى كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ ، ئۇ مۇئەييەن مەقسەتچانلىققا ، قاراتمىلىققا ئىگە . ئەڭ دەسلەپكى مەكتەپلەر مائارىپى قۇللۇق جەمئىيەتتە ئەقلى- ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنىڭ ئىش تەقسىماتى ئايرىلغاندىن كىيىن ئاندىن بارلىققا كەلگەن . دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى مەكتەپ قەدىمقى مىسىرنىڭ تىببىس دىگەن يېرىدە قۇرۇلغان بۇلۇپ (ئابدۇللا تالىپ « ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن لېكسىيىلەر ») ، قەدىمقى مىسىر ، قەدىمقى بابىل ، قەدىمقى يۇنان ۋە قەدىمقى جۇڭگۇدىن ئىبارەت بۇ تۆت چوڭ مەدەنىيەت بۈشۈكى دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن كىلاسسىك مەكتەپلەر مائارىپى راۋاجلانغان جايلار ئىدى . غەربتە پلاتون ، سوكرات ، ئارستوتېل ، جۇڭگۇدا كۇڭزى ، لاۋزى ، ئۇيغۇرلاردا كوماراجىۋا، سىڭقۇ سالى تۇتۇڭ ،  تاتاتۇڭا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ... قاتارلىقلار كىلاسسىك مائارىپ تارىخىدىكى گىگانتلار ئىدى . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كەڭ خەلق ئاممىسىغا يۈزلەنگەن، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئاساسى مەزمۇن ۋە ئۇنى ئىگەللىتىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان يىڭىچە مائارىپ - ھازىرقى زامان مائارىپى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇمۇملىشىپ ، ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تارىخىنى كەلگۈسىگە ئۇلاپ ، غايەت زور پەن – مەدەنىيەت ۋاگۇنلىرىنى سۆرەپ ماڭماقتا . ئادەمنىڭ ساپاسى ، ئەقىل بايلىقىنى ئېچىشنىڭ ھازىرقى زاماندىكى رۇلى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە . مائارىپتىكى بارلىق مۇلاھىزىلەر ئادەم ساپاسىدىن ئىبارەت بىر نوقتىغا مەركەزلەشمەكتە .
يېقىندىن بۇيان « ساپا مائارىپى » دىگەن ئۇقۇم مائارىپ ساھەسىدە پەيدا بۇلۇپ ، بىر مەيدان   داغدۇغا قوزغىغان بولسىمۇ ، بىراق ھەردەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىدى . ئەسلىدە بار بولغان يىتەرسىزلىكلەر تۈزىتىلىش ئورنىغا ئەكسىچە ئىمتاھان مائارىپى ۋە سەرخىللار مائارىپىنىڭ ناچار تەسىرى داۋاملىق ھۈكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ . مائارىپ جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالدى . تەربىيلىنىپ چىققان ئادەملەر جەمئىيەت بىلەن ماسلىشالمايۋاتىدۇ . ئەجدات بىلەن ئەۋلات ئوتتۇرىسىدا روھىي ئۈزۈلۈش پەيدا بۇلۇۋاتىدۇ .
 ئېينىشتىيىن مۇنداق دىگەن : « بىر ئادەم مەكتەپتە ئۈگەنگەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەندىن كىيىن ئېشىپ قالغىنى دەل مائارىپتۇر» . ئۇنداقتا ئېشىپ قالغان نەرسە زادى نىمە ؟ مېنىڭچە ، ئۇ دەل ئادەم ساپاسى . مائارىپنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى دەل ئادەم ساپاسىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ . تارىختىن بۇيان ،   مەيلى كەڭ مەنىدىكى مائارىپ ياكى تار مەنىدىكى مائارىپ بولسۇن ، مەيلى كىلاسسىك مائارىپ ياكى ھازىرقى زامان مائارىپى بولسۇن ھەممىسى ئادەمنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت ھەم ئاخىرقى نەتىجە   قىلىپ كەلدى . ئادەم مەيلى قانچىلىك ئۇزاق مەكتەپ تەلىم - تەربىيىسى ئالسۇن ئۇنىڭ ئەسلى ساپاسىغا سېلىشتۇرغاندا سۈ پەت ئۆزگىرىشى ھاسىل بولمىسا ، ئۇنداقتا بۇ جايدا مائارىپ ھادىسىسى يۈز بەرمىگەن بۇلىدۇ . ئادەم مەيلى مەكتەپتە ئوقۇسۇن ياكى ئوقۇمىسۇن ، ئۇنىڭ ساپاسىدا ئۆزگىرىش بۇلىدىكەن ، ئېنىقكى بۇجايدا مائارىپ ھادىسىسى يۈز بەرگەن دەپ قاراشقا بۇلىدۇ .
 مائارىپ ئەسلىدىنلا ساپا يىتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ . ساپا يىتىلدۈرمىگەن نەرسە مائارىپ دەپ ئاتالمايدۇ . بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ساپا مائارىپى دىگەن ئۇقۇمدا «مائارىپ» سۆزىنىڭ ئالدىغا « ساپا» دىگەن سۆزنى قۇشۇشنىڭ ھاجىتى يوق.    مائارىپىمىزنىڭ ساپا يىتىلدۈرۈش ئىقتىدارى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايۋاتىدۇ . جەمئىيەت مائارىپىمىزنىڭ ساپا يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت چوڭ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارىدىن رازى بولمىغاچقا يەنە « مائارىپ » نىڭ ئالدىغا « ساپا » دىگەن سۆزنى قۇشۇش ئېھتىياجى تۇغۇلغان .
 بىزدە تۇلۇقسىز مائارىپ ھەتتا ئالىي مائارىپنى پىتتۈرگەنلەر يۇرتىغا نىمەئېلىپ كەلدى ؟ ئۇلارنىڭ ئۈگەنگەنلىرى جەمىيەتتە ئىشلىتىلمىدى ۋە بارا- بارا ئۇنتۇلدى . ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرى ئاتا- ئانىسىنىڭكىگە تۈپتىن قارشى چىقتى ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش تۇرۇشى جەمىيەتكە سىغمىدى . ئۇلاردا پەقەت چوڭ يىيىش ، چوڭ كىيىش ، چوڭ خەجلەش ، تۇغۇلغان كۈن ، پوپوتاڭ ، پادىچى ئىشتىنى ، رەڭلىك چاچ ، دىسكۇخانا (迪吧) قاۋاقخانا (酒吧)، تەييارتاپلىق ... قاتارلىق ھېچنىمىگە ئوخشىمايدىغان ، كارغا يارىمايدىغان زاھىرىي ۋە باتىنىي سۈپەتلەرلا قالدى . 
بىز ئەزەلدىن ھەقىقى مەنىدىكى ئادەم تەربىيلەيدىغان مائارىپنى ئىزلەپ كېلىۋاتىمىز . مائارىپ ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمىز . بىراق ھەقىقى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ مەنىسى ھەققىدە تا ھازىرغا قەدەر بىر پىكىرگە كېلىپ بۇلالمىدۇق . جۇڭگۇ يىڭى مائارىپى خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ ، تەرەققىيات مۇساپىسى ئەگرى –توقاي، بۇران - چاپقۇنلۇق بولدى . ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى تېخىمۇ شۇنداق . « ... ئۇيغۇرلارنىڭ 20- ئەسىردىكى يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى ھازىرقى زامانچە مائارىپقا ئىگە بولغانلىقىدۇر ... كىيىنكى 50يىلدا بولسا پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ھەقىقى كۈلەملەشتى . كەنتلەردە باشلانغۇچ مەكتەپ ، يېزىلاردا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ، ناھىيىلەردە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بۇلوش ئىشقا ئاشتى . ئوقۇيالماسلىق ، يازالماسلىق ساۋاتسىزلىقى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىلدى . ۋاھالەنكى ، بۇ مائارىپنىڭ مىللەت ساپاسىغا كۆرسىتىۋاتقان تۈرتكىسى يەنىلا بەك تۈۋەن ... ئومۇمى ئەھۋالدىنلا مىللىتىمىزنىڭ تەربىيىلىنىش سۈپىتىنىڭ يەنىلا كۈڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس » ( نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 2001- يىللىق 2- سانىغا بېسىلغان « 20- ئەسىر ئەسلىمىسى» ناملىق ماقالىسىدىن .) دەرۋەقە مائارىپىمىز كىشىلەرنى ساۋاتلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ تەلەپنىڭ ئېھتىياجىدىنمۇ تەسرەك چىقىۋاتىدۇ . باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى ئەمدىلا پىتتۈرگەن يىڭى ساۋاتسىزلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ . دەرسلىكلىرىمىزدە ئىجتىمائىي پەنلەر كونا نەزەرىيىلەرنى تەكرارلاش بىلەن بۇلۇپ كېتىپ ، تەپەككۇرنى ئىسلاھ قىلىشقا ، بىر ئۆمۈر كېرەك بۇلىدىغان روھ – ئىجادىي روھ يىتىلدۈرۈشكە ، ھازىرقى زامانچە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ، قىممەت قارىشى ۋە ئادىمىيلىك پەزىلەت يىتىلدۈرۈشكە سەل قارىدى . تەبىئىي پەنلەردە بولسا نيۇتوننىڭ ھەركەت قانۇنلىرى ، ئاتوم ئېلىكترۇنلارنىڭ ھەركەت قانۇنىيەتلىرى قاتارلىق پەن تېخنىكىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى نامايەن قىلىش بىلەن بۇلۇپ كېتىپ ، تۇرمۇشتا كېرەكلىك تەبىئىي پەنگە ئائىت مەزمۇنلار يەتكۈزۈپ بېرىلمىدى . ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىدىغان ۋە ئۆمۈر بۇيى ئۈگىنىدىغان روھ ، ھازىرقى زامانغا لايىق ياشاش ئۇسۇلى ئۈگىتىلمىدى . پىلانلىق ئىگىلىك كۈنلۈكى ئاستىدا سايىداپ ، 2000- يىللارغىچە « كادىر» تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان ئالىي ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى بىر تۇتاش تەقسىم قىلىش بىكار قىلىنىپ ، رىقابەت ئارقىلىق ئىشقا چىقىش يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئىلگىرىكى ئاجىزلىقى بىردىنلا ئاشكارىلىنىپ ، ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى . بىر قىسىم مەكتەپلەر تاقالدى ، بىر قىسىملىرى قۇشۇۋېتىلدى . ئالىي مائارىپىمىز ھېلىمۇ ئىسلاھات دولقۇنلىرىدا تەمتىرەپ يۈرمەكتە . تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پىتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ بىر پارچە يەرنىڭ كۈلىمىنى ھېساپلىيالماسلىقى ، ئۆز ئۆيىنىڭ ئىلىكتىر سىملىرىنىڭ كاشلىسىنى بىر تەرەپ قىلالماسلىقى ، ئۆز يۇرتىدىن قانداق يەرلىك مەھسۇلاتلار چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىرەلمەسلىكى ، ئىش - ئەمگەكنى خالىماسلىقى ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر مەسىلە ئۈستىدە بىر پىكىردە بۇلالماسلىقى، ئالىي مەكتەپنى پىتتۈرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ھۆكۈمەت مائاش بەرمىسە جەمئىيەتتە بەزى ساۋاتسىز كىشىلەرچىلىكمۇ كۈن كەچۈرەلمەسلىكى قاتارلىقلار مائارىپىمىزدىكى تراگېدىيىلەردۇر .
21- ئەسىردىكى ئىقتىساسلىقلار رىقابىتى ، خەلق ساپاسى رىقابىتىدە قانداق قىلغاندا ئۇتۇپ چىققىلى بۇلىدۇ؟ پۇقرالاردا ھازىرقى زامان جەمىيىتىگە يارىشا ساپانى ھازىرلاشتا مائارىپىمىز چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك .
پارتىيىنىڭ 16 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا « ... مائارىپ فاڭجېنىنى ئەتىراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە ئىجتىمائى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزىمنىڭ ئەخلاقى، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتىراپلىق يىتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يىتىشتۈرۈش كىرەك » دەپ كۆرسىتىلدى . مائارىپ فاڭجېنىنى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلغىنىمىزدا ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان تەلەپ ھازىرقى زامان جەمىيىتىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ، رېئاللىققا ئۇيغۇن . گەپ ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا . ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ۋە ئىجىتىمائىي ئەمەلىيەت بىلەن باغلانمىغان ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغان مائارىپ – دەل ھاياتىي كۈچىنى يۇقاتقان ، ئىسلاھ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مائارىپتۇر .
نۆۋەتتە ، مائارىپىمىزدا دەرس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ . تارىختىن بۇيان ھەر قانداق ئىسلاھات ئۇزاق مۇددەتلىك ئەگرى تۇقاي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن . يىڭى دەرس ئىسلاھاتىمۇ بىر قېتىملىق ئىسلاھات بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئەگرى تۇقايلىقلارغا ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىدۇ . بىز دەرس ئىسلاھاتى ھەققىدىكى نۇرغۇنلىغان ماتىرىياللارنى كۆرۈۋاتىمىز . بۇ بىز ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن ھەر قانداق مائارىپ ئىسلاھاتىدىن ياخشى ، ئۈنۈملۈك بۇلىدىغاندەك بىلىنىدۇ . بىراق ، بۇ ئىسلاھاتنىڭ ئاخىرى قانداق بۇلىدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس . لېكىن ئۈمىدىمىز – نەتىجىسى خەيرلىك بولغاي !
1)        سىياسەت بەلگىلەنگەندىن كىيىن كادىر ھەل قىلغۇچ ئامىل ( ماۋزېدۇڭ) . يىڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قۇلىدا . ئىسلاھاتقا تۇسالغۇ بۇلۇپ تۇرىدىغان ئىللەتلەر ھېلىمۇ ھەم مائارىپىمىزدا ساينىڭ تېشىدەك تۇلۇپ يېتىپتۇ . يىڭى دەرس ئىسلاھاتىنى ئازدۇر كۆپتۇر ئۆز مۇددىئاسىغا يەتكۈزىمىز دەيدىكەنمىز ، ئازراق ئۈنۈم قازىنىمىز دەيدىكەنمىز ، مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان تۈزۈلمىدىكى كىشەننى پاچاقلاپ تاشلاشقا ، نامۇۋاپىق ئىللەتلەرنى تۈزىتىشكە ، مائارىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ، ئىسلاھات كۆز قارىشىنى يىتىلدۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ . مائارىپىمىزدا مائارىپنى باھالاش تۈزۈملىرى مائارىپنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ . نۆۋەتتىكى يىڭى دەرس ئىسلاھاتىدا دەرس باھالاش تۈزۈملىرى ، ئۆلچەملىرى ئىنىق بىكىتىلگەن بولسىمۇ ، مائارىپنى باھالايدىغان مەكتەپ رەھبەرلىرى ، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى يەنىلا كونا ئەندىزە بۇيىچە ئوقۇتۇشقا باھا بىرىۋاتقاچقا يىڭى دەرسكە كىرىش زور قىيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ . مائارىپىمىزنىڭ ھازىرقى زامانغا لايىق پۇقرالارنى تەربىيلەپ چىقىش ئىقتىدارىى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈۋەندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن :
2)        مائارىپ باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش لازىم . مائارىپنى ئوقۇتۇش – تەلىم تەربىيىدىن ئەسلا خەۋىرى بولمىغان مەمۇرىي باشقۇرغۇچىلار بىۋاستە باشقۇرماستىن بەلكى كەسپىي ئورگاننىڭ كەسپىي جەھەتتىن يىتەكلىشى ئارقىلىق باشقۇرۇشى ، مائارىپ باشقۇرغۇچىلار ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى مائارىپ ساھەسىدە مۇتەخەسىس ، پىداگوك بۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم . ئەمەلدارلىقنى مەقسەت قىلغان ، ئۆگەنمەيدىغان ، تەتقىق قىلمايدىغان ، نەزەر دائىرىسى تار مەكتەپ مۇدىرلىرىنى مائارىپقا رەھبەرلىك قىلىش ساھەسىدىن چىقىرىپ تاشلاش لازىم . ھەردەرىجىلىك ھەرخىل مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ،تەلىم- تەربىيە، سۈپەت مەسىلىسى ئىنتايىن ئاز تىلغا ئېلىنىدىغان ، تۇتۇشقا تىگىشلىك ئىشلار تۇتۇلمايدىغان، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەش ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى قانداق يولغا قۇيۇش جەھەتتە مائارىپ باشقۇرغۇچىلار ھېچنىمە دەپ بىرەلمەيدىغان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مائارىپقا مەبلەغ سېلىشنى« ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيىتى» ، «ئۆز مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلدۇق » دەپ قارىماستىن، « مائارىپقا ياردەم قىلدۇق» ، « مائارىپنى قوللىدۇق » دەپ ماختىنىدىغان ، بىر بۇيرۇق بىلەن دەرس توختىتىدىغان ، بىر بۇيرۇق بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شەنبە يەكشەنبە ، ھەتتا تەتىللىك دەم ئېلىشىنى بىكار قىلىۋېتەلەيدىغان ... چىگىش بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋېتىپتىمىز . مەكتەپ كارخانا ياكى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى ئەمەس . مائارىپ خىزمىتى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ، دىھقانلار خىزمىتىگە ئوخشىمايدۇ . ئۇنى يېزا كەنتىلەرنى ، دىھقانلارنى باشقۇرغاندەك قاتمال ئۇسۇللار بىلەن باشقۇرغىلى بولمايدۇ . شۇڭا ھەردەرىجىلىك پارتىكوم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى مائارىپنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى ، ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى ، ئوقۇغۇچى تۇراقلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم. ئوقۇتۇش ، تەلىم – تەربىيە ، مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشتا مائارىپ قانۇنىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك .
 
 
ئىمتىھان مائارىپىنىڭ تەسىرىنى داۋاملىق تازىلاش زۆرۈر
 
 
مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ۋە ئىھتىياجى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك . مائارىپىمىز جەمئىيەت بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرلىشى ، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىقى كېرەك . ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ « مەدەنىيەتتە مۇنازىرە روھى » ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ :« مائارىپ مەكتەپ بىلەن چەكلەنگەن ئەھۋالدا ، مەكتەپ جەمئىيەتنىڭ يىراق بىر چېتىگە بەنت قىلىنغان لاگىر غا ئايلىنىپ قالىدۇ . مائارىپنىڭ ئۈزىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە تۈرتكىلىك رۇلىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ... مەكتەپ بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئەكس ئېتىش مۇناسىۋىتى بۇلۇشى كىرەك ئىدى . ۋاھالەنكى بىزدە مەكتەپ بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا يىراق بىر مۇساپە شەكىللىنىپ ، مەكتەپلەر بىر ھېسابتا جەمئىيەت ۋە تۇرمۇش تەقەززاسى بىلەن كارى يوق كونسېرۋاتىپ ئورگانغا ئايلىنىپ قالدى » .
3)      مائارىپنى قانداق قىلغاندا جەمىيەت بىلەن ماسلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ ؟ مائارىپىمىزنى مىخاينىك يادلاش تىپىدىكى مائارىپتىن ماھارەت تىپىدىكى مائارىپقا ئايلاندۇرۇش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئازات قىلىش ، ياشاشنى ، ئادەم بۇلۇشنى ئۈگىتىش بەكمۇ مۇھىم . بۇ جەھەتتە دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش شارائىتى جەھەتتە نۇرغۇن پايدىلىق شارائىت ۋە ئىمكانىيەتلەر بولسىمۇ ، نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەمگەك ئىقتىدارىنى ، ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۈشكە ، روھىنى تاۋلاشقا پايدىسى زور بولغان جەمىيەت ۋە ئىدىيە ئەخلاق دەرىسىنى ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئەمگەك تېخنىكا، ئۇچۇر تېخنىكا ، ئونېۋېرسال ئەمەلىيەت قاتارلىق دەرىسلەرنى ھازىرغىچە « قۇشۇمچە پەن » ، « ئوقۇتقۇچى يىتىشمەيدۇ » ، «شارائىتىمىز يوق » دىگەندەك باھانىلەر بىلەن تاشلاپ قويغان ياكى ياخشى ئوقۇتمىغان .   كەسپىي تۇلۇق ئوتتۇرا مائارىپى راۋاجلاندۇرۇلمىغان . ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇغۇچى ئۆتكۈزۈش جېڭىگە تەييارلىق قىلىپ ، ئىمتاھان ئېلىنىدىغان پەنلەرلا كۈچەپ ئۈتۈلۈپ ، ئىدىيە ئەخلاق، ئەمگەك تېخنىكا، ئۇچۇر تېخنىكا ، ئونېۋېرسال ئەمەلىيەت، سەنئەت دەرسلىرىگە ئېتىۋار بىرىلمىگەن . بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلاردا پىسىخىك ئاجىزلىق ، دوگمىلىق، شەخسىيەتچىلىك ، ئەخلاقسىزلىق ... قاتارلىق ئىللەتلەر ئەۋج ئالغان . مەكتەپلەرنىڭ جەلپ قلىش كۈچى تۈۋەنلەپ كەتكەن . يۇقارقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلى يىڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇش ، مائارىپنىڭ ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت ماھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش تېخىمۇ قىيىنغا توختىماقتا .
مائارىپ مىللىي روھ يىتىلدۈرۈشى لازىم . 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ بىر مۇھىم بايقىشى شۇ بولدىكى ، ئۇلار يەر شارىلىشىش ۋە بىر پۈتۈنلىشىشنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرى ئىچىدە ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلىشى ئۈچۈن كېرەك بۇلىدىغان بىر مەنىۋى تۈۋرۇكنىڭ بۇلۇشى لازىملىقىنى تۇنۇپ يەتتى . «ئىمپورت قىلىنغان ئەقىدە ( ئابدۇقادىر جالالىدىن) » لەرنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ، بىر مىللەتنىڭ ئىشلىرىغا باشقىنىڭ ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى ئاساسىدىكى مىللىي روھى ۋە مىللىي قىممەت قارىشى يىتەكچىلىك قىلىشى لازىملىقىنى بايقىدى . بۇ ئىدىيىۋى تەپەككۇر جەھەتتىكى بىر قېتىملىق زور ئويغىنىش ئىدى . جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەملىكەتلىك 16- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا يىڭى دەۋردىكى مائارىپ خىزمىتى پروگراممىسىدا مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى: « مىللىي روھ- بىر مىللەت مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشتا ۋە تەرەققىي قىلىشتا تايىنىدىغان مەنىۋىي تۈۋرۈك . دۇنيا مىقياسىدا ھەرخىل ئىدىيە- مەدەنىيەتنىڭ بىر- بىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئالدىدا، مىللى روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە يىتىلدۈرۈشنى مەدەنىيەت قۇرۇلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ئۇنى خەلىق مائارىپىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئومۇمىى خەلىقنى جۇشقۇنلۇق بىلەن يۇقۇرى ئۆرلەيدىغان روھى ھالەتنى باشتىن – ئاخىرى ساقلايدىغان قىلىش شەرت..... » .
ھەر قانداق مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۆز خەلقىنىڭ ۋۇجۇدىدا يارىتىلىدۇ ، مۇكەممەللىشىدۇ شۇنىڭدەك ئۆز خەلقىنىڭ قوينىدا قەدىرىنى تاپىدۇ . ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر پۈتۈن فورماتسىيە سۈپىتىدە شۇ مىللەتنى تەربىيلەيدۇ ۋە شۇ مىللەتنىڭ روھىنى يىتىلدۈرىدۇ . لېكىن نىمە ئۈچۈندۇر ، قانچە تەربىيە ئالغانسېرى مىللىيلىكتىن چەتلەش ، قانچە يۇقۇرى مەلۇماتلىق بولغانسىېرى شۇنچە ئۆز مەدەنىيىتىگە ئاسىي بۇلۇش ، ئۆز خەلقى بىلەن سىغىشالماسلىق ھەتتا ئۇيغۇر بولغىنىغا پۇشايمان قىلىشتەك ئىللەتلەر مائارىپىمىزدا مىللىي روھ يىتىلدۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ كەملىكىنى ئىسپاتلاشقا يىتەرلىك .
«...ئەۋلاتلىرىمىز مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ئۆزلۈك تەربىيىسىنى مەكتەپتىن ئىبارەت مۇئەسسەسە ئۇرۇنلىرىدىن ئىلمىي ئاساستا ئالالمىغاچقا ، ئۆزگىلەرنىڭ ئەقىل پاراسىتىدىن تۇغۇلغان يىڭى ئىجتىمائىي مەھسۇلاتلارنى ھەزىم قىلالايدىغان ئىمۇنېتىت كۈچى زور مىللىي ئاشقازانغا ئىگە ئەمەس ( ئابدۇقادىر جالالىدىن :« مەدەنىيەتتە مۇنازىرە روھى »). شۇڭا مەدەنىيىتىمىز ھە دىسىلا غەيرىي مەدەنىيەت ئامىللىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ . بۇلارنىڭ بەزىلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئىسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ تەسىرىدە تەدىرىجى شاللىنىپ تاشلانغان بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىملىرى غەيرىيلىكىنى سېزەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆزلىشىپ كەتكەچكە تەدىرىجى تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزگە ئايلىنىپ كىتىۋاتىدۇ .
 
 
                     مائارىپىمىز قانداق مىللىي روھنى يىتىلدۈرۈشى كېرەك ؟
 
 
4)        مائارىپىمىز تەربىيلەنگۈچىلەرنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئىسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ئاڭلىق ۋارىسلىق قىلالايدىغان ، غەيرىي مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆز مەدەنىيىتىنى بىيىتالايدىغان ، تىرىشچان ، ئەمگەكچان ، تەبىئەتنى سۈيىدىغان ، مەردلىك ، سەمىمىيلىك، ۋاپادارلىق قەدىرلىنىدىغان ، ئەدەپ ئەخلاقنى ، كىشىلىك قەدىر قىممەتنى ئەزىزلەيدىغان ، ئىلىم مەرىپەتنى قەدىرلەيدىغان مىللىي روھىمىز بىلەن تەربىيلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى كېرەك .  
مائارىپىمىز ئىلمىي روھ يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك . پارتىيىنىڭ    16 – قۇرۇلتىيىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى : «... ئىلىم- پەننىڭ ئاساسى مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كىرەك. ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ، ئىلمى روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش لازىم. ئىجتىمائى پەنلەر بىلەن تەبىئى پەنلەرگە تەڭ ئەھمىيەت بىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پەلسەپە- ئىجتىمائى پەنلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم رۇلىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كىرەك . پۈتۈ ن جەمئىيەتتە ئىلىم- پەننى ھۆرمەتلەيدىغان ، يىڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بىرىدىغان ، خۇراپاتلىققا ۋە ساختا پەنگە قارشى تۇرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش لازىم ...» .
دەرۋەقە ، بۈگۈنكى كۈ ندە پەن – تېخنىكا ئىستىمال قىلمىغان ، پەن تېخنىكىنىڭ رۇلىدىن پايدىلانمىغان ھېچقانداق كىشى قالمىدى . پەن بىلەن مائارىپ زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئۈ گىتىش – يىڭىچە مائارىپنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدۇر . ئەمما ئەتراپىمىز غا نەزەر سالىدىغان بولساق ، يېزىلاردىلا ئەمەس شەھەرلەردە ، زىيالىيلاردا ، ھەتتا ئىنتايىن ئازساندىكى بىرقىسىم رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدىمۇ فىئودال خۇراپىي ئىدىيە ۋە ھەركەتلەرنىڭ يۇشۇرۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۈرۈۋالالايمىز . قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ دىننىي ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ، پىرىخۇن ، داخان ، باخشى ، رەمباللارنىڭ ياقا پۇچقاقلاردىلا ئەمەس بەلكى شەھەرلەردىمۇ يەنىلا مەۋجۇت بۇلۇشى... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتىكى ئىلمىي روھنىڭ كەمچىللىكى ، خۇراپات ئۈسىدىغان تۇپراقنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغانلىقىدىندۇر .
5)          جەمئىيىتىمىزدە يەنە تېلفون بىرىشنىمۇ بىلمەيدىغان   ، تېلىۋېزور ، كىرئالغۇ ، توڭلاتقۇ ، يانتېلفون     قاتارلىق ئائىلە ئېلىكتىر   ئۈسكۈنىلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتەلمەيدىغان ، ھازىرقى زامان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىدىن تۈزۈك پايدىلىنالمايدىغان كىشىلەر يەنىلاتۇلۇپ يېتىپتۇ . ئاگاھ بۇلۇش كېرەككى ، مائارىپىمىز ھازىرقى زامان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىشنى ، پايدىلىنىشنى بىلمەيدىغان، ئەڭ ئەقەللىي بولغان جۇغراپىيىۋىي ، سىياسىي ، تارىخىي بىلىملەردىن خەۋەرسىز بولغان ھازىرقى زامان ساۋاتسىزلىرىنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشى كېرەك .
ھازىرقى زامان جەمىيىتىنىڭ مائارىپىمىزغا قۇيىدىغان ئەڭ مۇھىم تەلىۋى – كىشىلەردە ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ئىقتىدارى ۋە ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىدىيىسىنى يىتىلدۈرۈش . بىلىم بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنەلەيدىغان ، ئۆمۈر بۇيى ئۆگىنىدىغان ئادەم تەربىيلەش مائارىپىمىزنىڭ تۈپ مەقسىتى بۇلۇشى لازىم . ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ئىقتىدارىنى ۋە ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىدىيىسىنى قانداق قىلغاندا يىتىلدۈرگىلى بۇلىدۇ ؟ بۇ ھەقتە بىزدىكى تەتقىقات تېخى چوڭقۇرلاشمىدى . ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۈگۈل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىمۇ بۇ خىل روھنىڭ كەمدىن كەم ئۇچرىشىدىن مائارىپىمىزنىڭ بۇ تەلەپتىن تېخى يىراق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز . كەڭ مائارىپچىلىرىمىز ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىدىيىسى ۋە ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش روھىنى يىتىلدۈرۈش ئۇسۇللىرى ، ئۇنى باھالاش ، يىتەكلەش مىتودىنى شەكىللەندۈرۈش يۇلىدا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قۇشۇشى لازىم .
 
خۇلاسە
 
 
ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىكى ھەر قانداق بىر تەرەققىيات ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرگە ، ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش شەكلىگەئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ . بۇ ئەھۋال مائارىپ قۇرۇلمىسىغا يىڭىچە تەلەپلەرنى قۇيۇپ ، ئۇنى جەمئىيەتكە ماس ساپاغا ئىگە كىشىلەرنى يىتىشتۈرۈشكە ئۈندەيدۇ .
دەرۋەقە ، ئۇچۇر ئىنقىلاۋىدىن ئىبارەت بۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىكى بۈسۈش خارەكتىرلىك تەرەققىيات - بىلىم ئىگىلىكى ، يەر شارىلىشىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، دۇنيانىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي تەرتىپى ، مەدەنىيەت قاتلىمى ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ ، ھازىرقى زامان جەمىيىتىگە يىڭىچە فورما ئاتا قلىدى . ئەلۋەتتە ، مائارىپىمىزغىمۇ ئۆزلىكىدىن ئۈگىنەلەيدىغان ، ئۆمۈر بۇيى ئۈگىنەلەيدىغان ،ئۈگەنگىنىنى تۇرمۇشتا ئىشلىتەلەيدىغان ، ھەمكارلىشىپ ئىشلەش روھىغا ئىگە بولغان ، ھازىرقى زامان ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنالايدىغان ، قانۇن ئېڭىغا ئىگە بولغان ، مۇئەييەن مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ، ئەخلاق ۋە ئېتىقاد تۈركۈمىگە تەۋە بولغان،يىغىپ ئېيتقاندا ھازىرقى زاماندا ياشىيالايدىغان كىشىلەرنى يىتىشتۈرۈش تەلىپى جىددى قۇيۇلدى .
مائارىپىمىز دەل مۇشۇ ئېھتىياجىنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقىش توغرىسىدا ئىزلىنىشى كېرەك . مانا بۇ، مائارىپىمىزدا تەتقىق قىلىنىشقا تىگىشلىك بوشلۇق ۋە مۇھىم مەسىلە . 

مەنبە:يازغۇچىلار مۇنبىرىدىن يۆتكەپ كىلىندى.

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:10:12 ]
[خەنزۇتىلى] 4 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى تەي [ 2011-11-29 12:06:16 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] Office 2003 نىڭ 2007 يامىقى [ 2011-11-28 18:35:32 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] office 2003 نىڭ تولۇق نۇسخىسى office 2003 官方正式版 [ 2011-11-28 18:31:21 ]
[ماتىماتىكا] قوش تىل2 -يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتىماتىكا تەييارلىق [ 2011-11-28 18:05:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىريالى [ 2011-11-23 16:19:44 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسىسى [ 2011-11-23 16:16:05 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] 2011- يىللىق يىللىق باھالىنىش خىزمەت خۇلاسە ماتىرىيا [ 2011-11-23 15:00:56 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 现代汉语试题库-خە نزۇتىلى سۇئال مەجمۇئەسى [ 2011-11-17 17:06:58 ]
[HSKئىمتىھان سۇئاللىرى] 实用现代汉语语法-قوللىنىشچاب خەنزۇتىلى گىرامماتىكىسى [ 2011-11-17 17:00:29 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر