ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
ئوقوتقۇچى توغرىسىدا يېزىلغان فېليەتون
ئوقۇتقۇچى ساقچى بولالايدۇ،چۈنكى ئۇ سىنىپتا كۈنبۇيى خىلمۇ-خىل دېلولارنى پاش قىلىدۇ.ئوقۇتقۇچى رىياسەتچى بولالايدۇ،چۈنكى ئۇ ئوچۇق دەرسكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئويۇن ۋە رەڭۋازلىققا ماھىر بولۇپ كەتكەن.ئوقۇتقۇچى يەنە ئارتىسمۇ بولالايدۇ.چۈنكى ئۇ شامالغا قاراپ پوزىتىسىيەسىنى بىردەمدە نەچچە خىل قىلالايدۇ.بىردەمدە ناھايىتى مىھرىبان بولالايدۇ،بىردەمدە قارا بوران چىقىرىپ،چاقماق چاققۇزالايدۇ.ئوقۇتقۇچى يەنە تازىلىق ئىشچىسى بولالايدۇ،چۈنكى ئۇ كۈندە يەر تازىلاپ،دېرىزە سۈرتۈپ تۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى يەنە ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسى بولالايدۇ،چۈنكى ئۇ،كۈنبويى دوسكىغا خەت يازىدۇ،سىنىپنى بىزەشكە توغرا كېلىدۇ.ئوقۇتقۇچى يەنە يازغۇچى بولالايدۇ،چۈنكى كۈنبويى پىلان ۋە ماقالە يېزىپ تۇرىدۇ.ئوقۇتقۇچى يەنە بازارغا چىقىپ مال ساتقۇچى بولالايدۇ،چۈنكى ئۇ يۇقىرى ئاۋاز ۋە يۈزى قېلىنلىق مەشىقىنى كۆپ قىلغان.
ئوقۇتقۇچى دېگەن نېمە؟
بىلىملىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئوقۇتقۇچى ۋەتەننىڭ گۈل-گىياھلىرىنى يىتىشتۈرىدىغان باغۋەن،بىلىمسىزلەرنىڭ نەزەرىدە،كۈنبويى ئارام ئېلىپلا يۈرىدىغان بىكارچى.دوختۇرلارنىڭ نەزەرىدە ئېغىزدىن چىقارغىلى بولمايدىغان ئۆپكە راكىغا ناھايىتى ئاسان گىرىپتار بولغۇچى.سودىگەرلەرنىڭ نەزەرىدە،ئۇ بىر پىخسىق.ئانىلارنىڭ نەزەرىدە قىزى ئوقۇتقۇچى بولسا،ئاسانلا ياخشى لايىق تاپالايدۇ.بويتاق يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدە،بىر ئوقۇتقۇچىنى ئالسا،بىر بالا باققۇچى،بىر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى،بىر كاتىپ ئالغانغا باراۋەر.
ئوقۇتقۇچى دېگەن نېمە؟
قانۇندا،ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ئورۇنغا تەۋە،مائاشى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭكىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك دېيىلىدۇ.ئىقتىسادتا،ئوقۇتقۇچى «سېسىق توققۇزىنچى»دېيىلىدۇ.مۇقەددەسپەرەسلەرمۇنداقچە ئېيتقاندا ئوقۇتقۇچىلىق دۇنيادىكى ئەڭ شەرەپلىك خىزمەت،سەمىمىيلىك بىلەن ئېيىتقاندا،ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ شاھى دەيدۇ.بىر ئائىلە باشلىقى،ئوقۇتقۇچى كۈنبويى پۇللا يىغقۇچى دەيدۇ،يەنە بىر ئائىلە باشلىقى،مېنىڭ بالام ئەقىللىق بولغاچقا،ئۆگىنىش نەتىجىسى ياخشى دەيدۇ،يەنە بىر ئائىلە باشلىقى،ئوقۇتقۇچىسى ياخشى ئوقۇتالمىغاچقا،بالامنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچاردەيدۇ.
ئوقۇتقۇچى دېگەن نېمە؟
تەجرىبە مائارىپىدا ئوقۇتقۇچى ئىش تېرىغۇچى،ساپا مائارىپىدا،ئوقۇتقۇچى،كۆڭلىنى چۈشەندۈرگۈچى.
ئوقۇتقۇچى دېگەن نېمە؟
ئوقۇتقۇچىنىڭ نەزىرىدە، ئوقۇتقۇچى ئىختىيارى ھەرىكەت قىلالمايدىغان بىر بىچارە قۇرت.
كادىرلار تارماقلىرى ئوقۇتقۇچىلارغا ئۈچ خىل ئۆلچەملىك مېڭىش يولىنى بىكىتىپ بەرگەن.
1.ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇنۋان ۋە مەمۇرى دەرىجە ئارقىلىق قىلتاققا ئىلىندۈرۈش.مۇشۇنداق بولغاندا،دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ زىيالىلاردىن يۇقىرى مائاش ئېلىشىغا يول چىقىدۇ.يەنى «قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ،قوڭغۇراق ئوغۇرلاش».
2.ئىش ئۈنۈمى مائاشىنى تارقىتىدىغان ۋاقىتنى قەستەن كەينىگە سۈرۈشتەك ئاغرىتماي جاننى ئالىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ،ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ئاخىرى دۆلەت مەمۇرلىرىدىن تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى قۇبۇل قىلىشقا قىستاش،يەنى «بىرگە زەربە بېرىپ،مىڭغا ئىبرەت قىلىش».
3.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈشىنى ئىجتىمائىي كاپالەتلە ئىتتىرىپ قويۇش(ئاللىبۇرۇن سىناق قىلىنىپ بولدى،توغرا چۈشىنىڭلار)كۆپچىلىكنى بۇ قاراقچى كېمىسىگە چىقىرىپ،تىنىچ-ئامان بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن،يەنە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىشىنى ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىغان قىلىش،يەنى يۈكىنى يىنىكلىتىش.
ئوقۇتقۇچىلار ئاخىرى ھېرىپ ھالىدىن كېتىپ،كۆڭۈلدىكىدەك ئادەم تەربىيىلىيەلمەيدۇ،ئوقۇغۇچىلار قايتا-قايتا يۇقىرىغا ئەرز قىلىدۇ.مائاشى يۇقىرى ئەمەس،يەنە تېخى باج تۆلەيدۇ.ئەتىگەندىن كەچكىچە كالىدەك ئىشلەۋېرىپ،ھېرىپ ،ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشقا جۈرئەت قىلالماي،ئۈچ ۋاق تاماقنىمۇ ۋاقتىدا يېيەلمەيدۇ.ئىشتىن چۈشكەندىمۇيىغىن ئېچىلىپ دەم ئالالمايدۇ.تەكشۈرگۈچىلەرنى كۈتىۋېلىشتا چاتاق چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن،داۋاملىق ئۆگىنىشكە،چۈشەنمەيدىغان مەسىلىلەرنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ.ئۇنۋانى ئۆستۈرىلىدىغان چاغدا،پىنسىيەگە چىقىرىلىدۇ.
مانا بۇ ئوقۇتقۇچى
باشقۇرغۇچى ئەسكەرتمىسى:
مەزكۇر تىما ئۇچۇن 10 بەشتاش تەڭگىسى مۇكاپات بىرىلدى.
()
«ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:ئالىياسكىدا بالىلار دەرس تاشلىسا ئاتا – ئانىسى جا
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
- . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
- . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
- . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
- . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
- . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
- . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . مائارىپنىڭ ئادىللىقىدىن ھەر بىر بالىنى
- . مىجەز يوقلۇقمۇ ياكى ھۇرۇنلۇقمۇ؟
- . ئوقۇش تارىخى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارى بىل
- . ئامېرىكىلىقلارنىڭ تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا
- . گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىك كومىتېتى
- . ‹‹نۇقتىلىق سىنىپ››نىڭ ئالاھىدىلىكى
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
- . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
- . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
- . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
- . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
- . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
- . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . گېرمانىيەنىڭ كەسپىي مائارىپى
- . 125ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك
- . مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي
- . قوش تىل ئوقۇتۇشى نېمىگە مۇھتاج؟
- . بالىلاردىكى بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچ
- . مائارىپ مەنزىلىدىكى گۈگۈم تەشۋىشلىرى ۋ
- . بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ
- . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
- . ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ مىللەتنىڭ دۇشم
- . «قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىل
- . ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
- . مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئې
- . مۇئەللىم....... ئاڭلاپ بىقىڭ؟
- . پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش ئۆزىمىز
- . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
- . يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەشتۈرۈشنىڭ پا
- . ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇر
- . لاياقەتلىك سىنىپ مودىرى بولۇشنىڭ