يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس تەسىرىگە س
يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس تەسىرىگە سەل قارىماسلىق كېرەك
11-ئاينىڭ 17-كۈنى ، 21-ئەسىر يېزا مائارىپى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . يىغىندا 21-ئەسىر مائارىپ تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇدىرى ياڭ دۇڭپىڭ « يېزا مائارىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەشتىكى 10 يىلىنى باھالاش دوكلاتى » نى ئېلان قىلدى . دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، 2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ، دۆلىتىمىزنىڭ يېزىلىرىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈندە 63 باشلانغۇچ مەكتەپ ، 30 ئوقۇتۇش نۇقتىسى ، 3 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يوقىلىپ كەتكەن ، ھەر بىر سائەتتە 4 يېزا مەكتىپى يوقالغان (11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى « جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى » دىن ئېلىندى ) .
بۇ خەۋەرنى ئوقۇش تۇنجى قېتىملىق ئەمەس ، بىراق بۇ ئاخباراتنى كۆرگەن چاغدا ، كۆڭۈلدىكى غەزەپلىنىش ۋە ئازاپنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ . چۇنكى ، ئون يىللىق نۇقتا ئازايتىپ مەكتەپ بىرلەشتۈرۈش داۋاملىشىپ ، ئاساسى بار كىشىلەر ئېيتقان «بىللە گۈللىنىش » ھەمدە « بىر پىچاقتا كېسىش» تەك ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت ۋاقتىدا ، ئەڭ ئاخىرىغا كېلىپ « زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار » نىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالىدىغىنى يەنىلا شۇ يېزىلاردىكى بالىلاردىن ئىبارەت . ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلگىنىدەك ، يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 10.83 چاقىرىم ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 34.93 چاقىرىم ، ئوقۇشتىن قېلىش ، شۇنداقلا يۇشۇرۇن ئوقۇشتىن قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، تارقىتىپ–قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى يېڭى مەكتەپنى باشقۇرۇش ۋە مائارىپ بايلىق مەنبەسى جىددىيلەشكەن ھەمدە مۇشۇ مەسىلىلەردىن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ، قاتناش بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەر تۇغۇلۇپ ، ئۆزلۈكسىز كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان .
ئەسلىدىلا بار بولۇشقا تېگىشلىك بىر قىسىم يېزا مەكتەپلىرىمۇ ھازىر ئاستا–ئاستا ھالاك بولۇشقا قوشۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن 10 يىللىق نۇقتا ئازايتىپ مەكتەپ بىرلەشتۈرۈشنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئاز بولمىغان مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ . بۇ مەسىلىلەر دەرۋەقە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىنى قوزغىدى . 2012- يىلى 9-ئايدا ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تۆۋەنگە تارقاتقان « يېزا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى تەڭشەپ قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى » دە، «يېزىلاردىكى مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى قارىغۇلارچە تارقىتىپ بىرلەشتۈرۈش قەتئىي توسۇلىدۇ »، « يېزا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس تۈرلۈك پىلانىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتىن ئىلگىرى ، يېزا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتىپىنى تارقتىپ–قوشۇۋېتىش ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ » ، «ئاللىبۇرۇن تارقىتىپ–قوشۇۋېتىلگەن مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا ، شۇ جايلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى پىلانلاپ ، تەرتىپ بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ » دەپ ئوتتۇرىغا قويدى .
پەقەت «ئەسلىگە كەلتۈرۈش» كە تايىنىپلا ، يېزا مەكتىپى ۋە يېزا مائارىپىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟ مەسىلە ھەرگىزمۇ بۇنداق ئاددىي ئەمەس . دەل نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كۆرگىنىدەك ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، ساقلىنىپ قالغان يېزا ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە مەبلەغ يېتىشمەسلىك ، مائارىپ بايلىقى ئۈزۈلۈپ قېلىش ، مائارىپ سۈپىتى ئارقىدا قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە ئېغىرلىشىپ كەتتى . مەسلەن ، مۇئەللىپنىڭ يېزىدىكى يۇرتىدا، 20 يىل ئىلگىرى مۇئەللىپنى ئوقۇتقان، ھازىر پېنسىيە يېشىغا توشۇپ قالغان ئوقۇتقۇچىلار «قايتا تەكلىپ» قىلىنىپ ، مۇئەللىپ بىلەن بىر دەۋىردىكىلەرنىڭ بالىلىرىغا تەلىم بېرىۋاتىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، بولۇپمۇ يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەمچىلىكىدە ؛ نۆۋەتتىكى مائاش ۋە تەمىناتنىڭ ياشلارنى يېزىلاردا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شوغۇللىنىشقا جەلىپ قىلالمايۋاتقانلىقىدا .
شۇڭا جەزمەن ئويلىنىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، ئەينى يىللىرى داغدۇغىلىق ھالدا نۇقتا چېكىندۈرۈپ مەكتەپ بىرلەشتۈرۈپ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە « ھەقىقەتەن زۆرۈرىيىتى بولسا ئەسلىگە كەلتۈرۈش » ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ؛ چۇنكى ھەر بىر مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى ، جامائەت مۈلكىدىن يەنە بىر قىسمىنى خەجلەپ مەبلەغ سېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دەل ياڭ دۇڭپىڭ ئېيتقاندەك ، يېزا مەكتەپلىرى كۈندىن–كۈنگە خارابلىشىپ ، يېزا مائارىپدا « شەھەرگە يىغىلىش ، يېزىدا ئاجىز بولۇش ، كەنتتە بولماسلىق » تەك خەۋەپلىك ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتىدۇ . بۇنداق ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ، بولۇپمۇ ھېلىقىدەك ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئاز ، ئوقۇتقۇچىلار ياشانغان ، بايلىق مەنبەسى كەمچىل مەكتەپلەرنى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپقا مەسئۇل ئورۇنلارنىڭمۇ ئۇنچىۋالا زور كۈچ بىلەن قوللاپ مەبلەغ سالغۇدەك سەۋىر–تاقىتىمۇ يوق .
تاكى 2011-يىلىغا قەدەر جۇڭگونىڭ شەھەر–بازار ئاھالىلىرىنىڭ نوپۇسى 691 مىليونغا يېتىپ ، شەھەر نوپۇسلىشىش نىسبىتى %51.27 گە باردى . يېزا–بازارلىشىشنىڭ نەتىجىسى ھەممىگە ئايان . بىراق شەھەر–بازارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىشتە سان–سېپىر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن پارلاقلىققىلا كۆڭۈل بۆلمەستىن ، يەنە بارلىق كىشىلەرنىڭ ياشاش ھالىتىگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك . مەسىلەن ، ھازىرمۇ شۇنداق چەت–ياقا رايونلاردا تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان بالىلار ، ئۇلارنىڭ مائارىپ ، ئۆسۈپ يېتىلىش مەسىلىسى ھەرگىزمۇ نادانلارچە پالاندى قىلىنماسلىق لازىم . شۇڭا ، يېزا مەكتەپلىرىنىڭ كوللېكتىپ ھالاك بولۇش مەسىلىسىنىڭ ئەكىس تەسىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش زۆرۈر . باشقا نەرسە ئۈچۈنمۇ ئەمەس ، ئۇلار بىلەن شەھەر–بازاردىكى بالىلار ئوخشاشلا بىر زامان ، بىر ماكاندا تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئوقۇش باراۋەرلىكىمۇ كاپالەتكە ئېرىشەلمەيۋاتقان ھازىرقى جەمئىيەتتە نىشانىنى يوقىتىپ قويۇشقا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ .
()
«يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس تەسىرىگە س»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر: يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا ئەمەلىيلە
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
- . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
- . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
- . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
- . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
- . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
- . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . مائارىپنىڭ ئادىللىقىدىن ھەر بىر بالىنى
- . مىجەز يوقلۇقمۇ ياكى ھۇرۇنلۇقمۇ؟
- . ئوقۇش تارىخى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارى بىل
- . ئامېرىكىلىقلارنىڭ تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا
- . گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىك كومىتېتى
- . ‹‹نۇقتىلىق سىنىپ››نىڭ ئالاھىدىلىكى
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
- . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
- . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
- . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
- . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
- . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
- . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . گېرمانىيەنىڭ كەسپىي مائارىپى
- . 125ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك
- . مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي
- . قوش تىل ئوقۇتۇشى نېمىگە مۇھتاج؟
- . بالىلاردىكى بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچ
- . مائارىپ مەنزىلىدىكى گۈگۈم تەشۋىشلىرى ۋ
- . بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ
- . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
- . ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ مىللەتنىڭ دۇشم
- . «قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىل
- . ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
- . مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئې
- . مۇئەللىم....... ئاڭلاپ بىقىڭ؟
- . پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش ئۆزىمىز
- . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
- . يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەشتۈرۈشنىڭ پا
- . ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇر
- . لاياقەتلىك سىنىپ مودىرى بولۇشنىڭ