| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا ئەمەلىيلە

ۋاقىت : 2012-11-21 22:12 | مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى | ەمىنلىگۇچى : م.قانات | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەل قىلىش كېرەك

 

     جۇ يۇڭجى

 

    ئاخىرى يېقىملىق سادا كەلدى . يېزا-كەنتلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن يەنە يېقىملىق كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ياڭرىدى . ئەسلىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ، قوشۇۋېتىلگەن مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى . گەرچە بۇ كېچىككەن « يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش» بولسىمۇ ، لېكىن ئاخىرى بارلىققا كەلدى ، يېزا مائارىپىنىڭ ئۈمىد نۇرى چاقناشقا باشلىدى .

    23-ئىيۇل مائارىپ مىنىستىرلىقى « يېزا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى تەڭشەشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى ، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېزا مەكتەپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ، قۇشۇۋېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان يول يىراقلاپ كېتىش ، يوشۇرۇن قاتناش ئاپەتلىرىدىن ساقلىنىش ، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سانى بەك كۆپ بولۇپ كېتىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت . بۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ، قوشۇۋېتىش ھەركىتى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ ، كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار قارشى تۇرغانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ، قوشۇۋېتىشكە بولمايدۇ ؛ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ، قوشۇۋېتىلگەن مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدىن ھەقىقەتەن زۆزۈر بولغانلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم .

    كىشىلەر تاقەت قىلالماي يەنىلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90– يىللىرىدىكى « توققۇز يىللىق مەجبۇرىيي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» نى ئەسلەشكە باشلىدى ، گەرچە كەنت ئاھالىلىرى مەبلەغ توپلاپ كۈچ چىقىرىپ ، بېلىنى چىڭ باغلاپ ئۆز كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى چىرايلىق قىلىپ سالغان بولسىمۇ ، يەنە بەزى ئاغرىنىدىغان گەپ-سۆزلەرمۇ بار ئىدى . لېكىن ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۇ چاغلاردا مەملىكەت بويىچە يېزا مائارىپى ھەقىقەتەن ئۈمىدكە تولغان ئىدى . مەن 1988-يىلى پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئون يىلغا يېقىن ئىشلىدىم . غىزالىنىشىم ھەم يېتىپ قوپۇشۇم ئاساسەن مەكتەپتە دېگۈدەكلا بولدى ، گەرچە بونىڭدىكى خاتىرە غۇۋا بولسىمۇ لېكىن كىتاب ئوقۇشنىڭ لەززىتى تاتلىق ئىدى . كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئوقۇتقۇچىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلاتتى ، تەسىرى يامان ئەمەس ئىدى .

    ئۇ چاغلاردا مەسىلىلەرمۇ كۆپ ئىدى . مائاش تۆۋەن ، تەمىنات ناچار بولۇپ ، يالغۇز تىنچ ھالدا كىتاب ئوقۇپ ئۆز كۆڭلۈمنى خوش قىلغاندىن سىرت ، باشقا ئارزۇلىرىممۇ ناھايىتى ئاز ئىدى . مۇھەببەتلىشىش بىر مەسىلە ئىدى . ئولتۇراق ئۆي توغرىسىدا سۆزلىشىش تۇترۇقسىز گەپ ئىدى . يەيدىغان ئاشلىقنى ئۆيدىن ئەكىلەتتۇق . ئازغىنە مائاشتىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى . ياشلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلاپ بولالمايتتۇق . بىراق ، ئۇ چاغلاردا ئۆزۈم ساددا بولۇپ ، كىتاب ئوقۇپ ، ئىنگلىزچە ئۆگىنەتتىم ۋە بىر نەچچە قۇر شېئىر يېزىپ قوياتتىم . باشقا ئارتۇقچە ئىشلارنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم . شۇڭا باش ئاغرىقىممۇ ئاز ئىدى . ھازىر ئېسىمدە قالغىنى مەكتەپتىكى تىنچلىق ۋە ئۆگىنىشتىكى خوشاللىق .

    مۇنداق ئويلاپ باقايلى : مائارىپ مىنىستىرلىقى يېزا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى تەڭشەشنى قېلىپتۇرۇش جەريانىدا ، يېزا مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلەرنى بىراقلا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىپ كېتەلەرمۇ ؟ مەسىلەن: 1. چوقۇم ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ ، نوپۇس زىچ جايلاردا ھەممە كەنتلەردە مەكتەپ ياكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى ھەتتا بالىلار باغچىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم . بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى ، بالىلار بەك كىچىك بولغانلىقتىن ، يىراق يولنى بېسىپ مەكتەپكە بېرىشى مۇمكىن ئەمەس . بالىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشى ئەڭ بەختلىك ئىش . مۇنداق ئارزۇ قىلىش يۇقىرى تەلەپ قويغانلىق ئەمەس ، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا دۆلەتنىڭ ئىقتىدارى تامامەن يېتىدۇ.

    2. سىنىپ بولۇشى ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇتقۇچى بولۇشى كېرەك . ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ بوسۇغۇسى تۆۋەن ئىدى . ھازىر ئوقۇتقۇچى بولۇشتا ئىمتىھان بېرىشى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تولۇق كۇرۇستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى دىپلومى بولۇشى لازىم . ئىلگىرىكى ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن ئۆيى ئالدىدا ئوقۇتاتتى ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ ، يەنە بىر تەرەپتىن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى . مۇنداق ئىشلار ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك ئىدى . بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل مۇمكىنچىلىكلەر ئاز. باشقا يېزىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى خاتىرجەم ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئېلىپ قېلىشنىڭ پەقەت بىرلا چارىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ مائاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش ، ئەگەر شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق مائاشى 2000 يۈەن بولسا، يېزا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئايدا 4000 يۈەن مائاش بەرسە پۈتۈنلەي بولىدۇ . ئۇلارغا مايىل بولۇش ، ئۇنۋانىنى باھالاش لازىم. « ئۈچ خىل فوند»نى كەم قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ . « ئالاھىدە كىشىلەرگە ئالاھىدە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈلسە» ھىچكىم قارشى تۇرمايدۇ .

   3. يېزا مەكتەپلىرىنى يېزا مائارىپىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدىغان بۆشۈككە ئايلاندۇرۇش كېرەك . نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ يەردىن ۋە يېزىدىن قېچىشىدا شەھەرلىشىش ئامىللىرىدىن سىرت ، تېخىمۇ مۇھىمى پەرزەنت تەربىيەسىدىكى چىقىش يولىنىڭ نەدىلىكىنى كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت بۇ خىل ئامىلمۇ بار . يېزىلاردا ئومۇمەن ئازراقلا يولى بار ئاتا-ئانىلار ئىنتايىن زور قۇربانلىق بېرىپ ، پەرزەنتلىرىنى شەھەردە ئوقۇشقا ئەكىلىپ بېرىدۇ . بۇ مەجبۇرىي مائارىپنى «ئېتى ئۇلۇغ ، سۇپرىسى قۇرۇق»، ھەممە ئادەم جاپاسىدىن قاقشايدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى .

     يەنە تەكرارلاشقا ، يېزا مائارىپىنى يەنە زەربىگە ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ . نۆۋەتتىكى جىددى ۋەزىپە ھەرگىز «مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى قوشۇۋېتىش » مەسىلىسىنى تۈزىتىشلا ئەمەس ، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەپ بېرىش ، تەمىنات جەھەتتە مايىل بولۇش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ ، «يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەش» يۈكسەكلىگىدە تۇرۇپ ، جانغا ئوخشاش ئاجىز يېزا مائارىپىنى بىراقلا ئەمەلىلەشتۈرۈپ ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش كېرەك.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>