گېرمانىيەنىڭ كەسپىي مائارىپى
گېرمانىيەنىڭ كەسپىي مائارىپى

ئەگەر سىزگە تاللاش پۇرسىتى بەرسە، سىز مەمۇر بولۇشنى خالامسىز ياكى تىخنىك ئىشچى بولامسىز؟ بەلكىم نۇرغۇن رادىيو ئاڭلىغۇچىلار مەمۇرلۇق خىزمەتنى تاللىشى مۇمكىن، لىكىن گىرمانىيەدە ئەھۋال بۇنداق ئەمەس. يەنى گېرمانىيەدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن 3/2قىسمىغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئالىي مائارىپنى تاللىماستىن، كەسپىي مائارىپنى تاللايدىكەن. كەسىپتە پىشقان تېخنىكلارنىڭ كىرىمى بىلەن جەمئىيەتتىكى ئورنى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە مەمۇرىيلاردىن قېلىشمايدىكەن.
2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە گېرمانىيە ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مايكېل گلوس باشچىلىقىدىكى زىيارەت ئۆمىگى يېقىندا جۇڭگوغا زىيارەتتە بولدى. ياۋروپا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىدە، گېرمانىيىنىڭ ئىقتىسادىي نېمە ئۈچۈن ئىزچىل ياخشى بولدى دېگەن سوئالغا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئۇزۇن مەزگىللىك تەجرىبىسى شۇنداقلا مۇكەممەل بولغان كەسپىي تېخنىك خادىملىرىنى تەربىيلەش سېستىمىسى بار، ئەلۋەتتە گىرمانىيە بۇلارغا قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېرىشكەن ئەمەس.
گېرمانىيىنىڭ كەسپىي مائارىپى تارىخى ئۇزۇن، تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيلەش تۈزۈمىنى ئوتتۇرا ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا مۇشۇ خىل مۇكەممەل تەربىيەلىنىش سىستىمىسى ئاساسى بولغاچقا، گېرمانىيەدە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن 3/2قىسمىغا يېقىن ئوقۇغۇچى ئالىي مائارىپنى تاللىماستىن، كەسپىي مائارىپنى تاللايدۇ. ئۇلار نەچچە يۈزلىگەن كەسىپلەر ئىچىدىن كەسپىي مائارىپ گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن، كەسپىي ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. نۇرغۇنلىرى خىزمەت قىلىپ نەچچە يىلدىن كېيىن، داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دېپلۇمغا ئىگە بولىدۇ.
گېرمانىيىنىڭ كارخانىلىرى بىلەن كەسپىي مەكتەپلىرى زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھەمدە كارخانا ئىشچىلىرىنىڭ داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ، ھەتتا نۇرغۇن كارخانىلار خادىملىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇشىغا قوشۇمچە پۇل تەمىنلەيدۇ. خادىملىرىنىڭ تېخنىكىنى يېڭىلاشقا قاتنىشىشىنى قوللايدۇ. يېڭى خادىملار كەلگەندە، كارخانا ئۇستازلارنىڭ شاگىرت يېتەكلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېڭى خادىملارنى كەسپىي تېخنىك قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. گېرمانىيىنىڭ پىشىپ يېتىلگەن تېخنىكلىرىنىڭ كىرىمى بىلەن سالاھىيىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەتتا مەمۇرىيلاردىن قېلىشمايدۇ.
گېرمانىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن كەسپىي مائارىپنى «قورال» ۋە «بارلىق مەھسۇلاتلارنى بەدىئىي ئەسەر» دەپ قارىغان ئىشچىلار قوشۇنى مەغلۇپ بولمىدى، شۇڭلاشقا گىرمانىيەنىڭ ئىقتىسادى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە قايتىدىن جانلىنىپ كەتتى.
ئەمدى دۆلىتىمىزگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. بۇرۇنقىدەك ئالىي مەكتەپكە ئۆتمەك قىيىن، لىكىن خىزمەت تېپىش ئاسان بولۇشتىن، ھازىرقى ئالىي مەكتەپتە كىرمەك ئاسان، لىكىن خىزمەت تىپىش تەس بولۇشتەك ھالەت شەكىللەندى. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن ئورۇنلار يەنىلا «ئىشلەمچى كەمچىل» دەپ قاقشاۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىشلەمچىلەر بازىرىدا يۇقىرى مەلۇماتلىقلار كەمچىل ئەمەس، بەلكى كەسپىي ئىشچىلار، تېخنىك خادىملىرى كەمچىل. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدە سانلىق مەلۇماتلارنى كونترول قىلىش ستانوكى مەشغۇلات خادىمىدىنلا 600مىڭ ئادەم كەمچىل ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەلۇم بىر پوچتا ماركىسى باسىدىغان بۆلۈم ئالتۇن يالاتقان خاتىرە پوچتا ماركىسى باسماقچى بولۇپ، بارلىق بۆلۈملەردىن مۇشۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك خادىمى تاپالماي، نۇرغۇن يىل ئىلگىرى پىنسىيىگە چىقىپ كەتكەن پىشقەدەم ئىشچىنى تەكلىپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. يەنە خەۋەر قىلىنىشىچە، بەزى كارخانىلار يىللىق مائاشى نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدىغان يۇقىرى مائاش چىقارغان تەقدىردىمۇ، ئالىي دەرىجىلىك تېخنىك ئورۇنلىرىغا ئادەم قوبۇل قىلالمايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئامالسىز چەتئەللەردىن خىزمەت ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ئالىي دەرىجىلىك تېخنىك خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىدىكەن.
پىلانلىق ئىگىلىك مەزگىلىدە، ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى شەھەردىن كىلىدۇ. «ئىشلەمچى كەمچىل»نى تىلغا ئالىدىغان بولساق، كىشىلەر دىققىتىنى ئىشلەمچىلەرگە قارىتىدۇ، ياكى بۇ نوپوستىن بىۋاستە پەيدا بولىدىغان كىرىمنىڭ ئازايغانلىقىدىن دېيىشىپ، خۇددىي شەھەرنىڭ ئۆزىدە ئىشچى تەربىيلىمىسىمۇ بولىدىغاندەك ھىس قىلىشىدۇ. شەھەرلىك ئوقۇغۇچىلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇغانلارنى ئىستىقبالى يوق دەپ قارىشىدۇ، ئىشچى بولۇشنى يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچى قىلىدىغان ئىش دەپ قارىشىدۇ.
ئەگەر شەھەرلىك بالىلار كىتابتىكى سۇئاللارنى ئىشلەشنىلا بىلىپ، ئىش قىلىشنى بىلمىسە، ئەمەلدار بولۇپ پۇل تېپىشنىلا ئويلاپ، تېخنىك ئىختىساس ئىگىسى بولۇشنى خالىمىسا، ئۇ ھالدا جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ ئاساسىي بارغانسېرى ئاجىزلاپ، زاۋاللىققا يۈزلىنىشىشى مۇمكىن.
()
«گېرمانىيەنىڭ كەسپىي مائارىپى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:يەسلىدىكى بالىلارنى خورلاش ھەممەيلەننىڭ دېققىتىن
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
- . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
- . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
- . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
- . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
- . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
- . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . مائارىپنىڭ ئادىللىقىدىن ھەر بىر بالىنى
- . مىجەز يوقلۇقمۇ ياكى ھۇرۇنلۇقمۇ؟
- . ئوقۇش تارىخى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارى بىل
- . ئامېرىكىلىقلارنىڭ تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا
- . گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىك كومىتېتى
- . ‹‹نۇقتىلىق سىنىپ››نىڭ ئالاھىدىلىكى
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
- . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
- . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
- . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
- . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
- . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
- . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . گېرمانىيەنىڭ كەسپىي مائارىپى
- . 125ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك
- . مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي
- . قوش تىل ئوقۇتۇشى نېمىگە مۇھتاج؟
- . بالىلاردىكى بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچ
- . مائارىپ مەنزىلىدىكى گۈگۈم تەشۋىشلىرى ۋ
- . بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ
- . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
- . ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ مىللەتنىڭ دۇشم
- . «قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىل
- . ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
- . مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئې
- . مۇئەللىم....... ئاڭلاپ بىقىڭ؟
- . پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش ئۆزىمىز
- . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
- . يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەشتۈرۈشنىڭ پا
- . ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇر
- . لاياقەتلىك سىنىپ مودىرى بولۇشنىڭ