مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئېلىش كېرەكم
مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئېلىش كېرەكمۇ؟
دېڭ چاڭفا

نىڭبو كەچلىك گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقنىدا، نىڭبودىكى بىر قىسىم ئائىلە باشلىقلرى، باشلانغۇچنىڭ ئىككىنجى يىللىقىدىكى بالىلار ئۆتكەن بىر مەۋسۇمدىلا 6 يۈرۈش مەكتەپ فورمىسى سېتىۋالغانلىقى، بۇ يىل ئوقۇش باشلاپلا يەنە 3 يۈرۈش مەكتەپ فورمىسى سېتىۋالغانلىق مەسىلىسى ھەققىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەرز سۇنغان. بىر يىل ئىچىدىلا 9 يۈرۈش مەكتەپ فورمىسى سېتىۋېلىش ئىشىنى ئائىلە باشلىقلىرى زادىلا ئىچىگە سىغدۇرالمىغان. ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە تاراتقۇلار بېيجىڭدىكى 171-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جەمىئى 8 يۈرۈش مەكتەپ فورمىسى سېتىۋېلىشى كېرەكلىكىنى خەۋەر قىلغان. مەكتەپ فورمىسى نىڭ ئەلۋەتتە كېرىكى بولىدۇ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ فورمىسى نى بىر تۇتاش باشقۇرۇشى ئەلۋەتتە باراۋەرلىكنىڭ نامايان قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ فورمىسى كىيىشىنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىۋىزملىق قارىشىنى تەربىيەلەپ، ئوقۇغۇچلىرنىڭ قالايمىقان كىيىنىشىنى مەلۇم دەرىجىدە توسۇپ قالغىلى بولىدۇ. بىراق، مەكتەپ فورمىسى زادى قانداق بولسا ئاندىن مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ ؟ تېخى يېقىندىلا « خەلق گېزىتى » نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بەزى ئورۇنلاردا، مەكتەپ فورمىسى مەكتەپلەرنىڭ ھەتتا بەزى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ پۇل ئۈندۈرىۋېلىشنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇنلىغان چىرىكلىك ھادىسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەكتەپ فورمىسى توغرىسىدا، مېنىڭ بېشىمدىن كەچۈرگەن كەچمىشلىرىم بەك كۆپ، كىيگەنلەر زادىلا ئازادە ھېس قىلمايدۇ، ئىككىنجىدىن ئەسلىدىنلا كۆپىنچىلىرى بىر قېتىملىق پورمىلار، بىر نەچچە ئاي كىيسىلا ياكى بىر نەچچە قېتىم كىيىپ پائالىيەتكە قاتناشسىلا « سەپتىن » چۈشىدۇ، چۈنكى بالىلارنىڭ بويى تېز ئۆسكەچكە كىيەلمەيدۇ، ئالاھىدە پائالىيەتلەردىمۇ تېخى كىيەلمەيدۇ. مېنىڭچە، مەكتەپ فورمىسى ھەققىدە مۇنداق بىر نەچچە تەرەپنى ئويلىنىپ بېقىشقا بولىدۇ. بىرىنجى، بەزى پائالىيەتلەردە بىر تۇتاش كىيىنىشنىڭ ئانچە زۆرۈرىيىتى يوق، بىر تۇتاش بەلگە ياكى يەڭ بەلگىسى تاقىۋالسىمۇ بولىدۇ. ئىككىنجى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندە مەكتەپنىڭ ئۇنۋان كىيىمىنى ئارىيەتكە ئېلىپ رەسىمگە چۈشۈشتەك ئوي-پىكىرىنى ئويلىشىپ بېقىشقىمۇ بولىدۇ. ھەرقايسى مەكتەپلەرياخشى بولغان دەۋرىلىك پايدىلىنىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقسا بولىدۇ.ئوقۇغۇچىلار ئارىيەتكە ئېلىش شەكلىدە يۇقىرى يىللىقلارنىڭ كىيىمىنى كىيىپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتناشسا بولىدۇ، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بارلىق مەكتەپ فورمىسى نى مەكتەپ بىر تۇتاش يىغىۋالسا بولىدۇ.مەكتەپ بۇنىڭدىن تۈۋەن باھادا ئىجارە ھەققى يىغىپ، مۇشۇنىڭ بىلەن كىيمىلەرنىڭ بۇزۇلغان جايلىرىنى تولۇقلاش ۋە يۇيۇپ دېزىنفېكسىيەلەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ھەم ئوقۇغۇچىلار بىر تۇتاش كىيىنىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايدۇ، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ مەكتەپ فورمىسى ئىسراپچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ زۆرۈر بولمىغان چىقىملىرىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئۈچىنجى، ئەڭ ئاچقۇچلۇق يېرى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئائىلە باشلىقلىرىمۇ تولۇق قاتنىشىشى، قانچە يۈرۈش سەپلەپ بېرىلسە مۇۋاپىق بولىدۇ، قانداق ماتېريال ۋە قانداق رەڭنى تاللاش كېرەك، مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە باشتىن ئاخىر قاتناشقاندا، مەكتەپ فورمىسى مەسىلىدىكى خىيانەتچىلىكنى ئۈنۈملۈك تۈردە نازارەت قىلالايدۇ.
()
«مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئېلىش كېرەكم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كىيىنكى ئەسەر:مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئى
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
- . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
- . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
- . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
- . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
- . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
- . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . مائارىپنىڭ ئادىللىقىدىن ھەر بىر بالىنى
- . مىجەز يوقلۇقمۇ ياكى ھۇرۇنلۇقمۇ؟
- . ئوقۇش تارىخى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىقتىدارى بىل
- . ئامېرىكىلىقلارنىڭ تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا
- . گوۋۇيۈەن مائارىپ نازارەتچىلىك كومىتېتى
- . ‹‹نۇقتىلىق سىنىپ››نىڭ ئالاھىدىلىكى
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىز ئوقۇغۇچى
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . تاپشۇرۇق كۆپ،ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن
- . ‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ي
- . خەت چېكىش شەكلىدىكى تەربىيەلەشنى توختا
- . ‹‹70-يىللار›› دىكى شەھەر بىلەن يېزا ما
- . يېزا مائارىپى بايلىقتىن ئالدىن بەھرىمە
- . يېزا مائارىپى مەسىلىسىنى چوقۇم بىراقلا
- . يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ يوقىلىش ئەكىس
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . ئوزۇقلۇق تامىقى «چالا پىشقان تاماق»قا ئ
- . ماشىنا ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىل
- . گېرمانىيەنىڭ كەسپىي مائارىپى
- . 125ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك
- . مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي
- . قوش تىل ئوقۇتۇشى نېمىگە مۇھتاج؟
- . بالىلاردىكى بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچ
- . مائارىپ مەنزىلىدىكى گۈگۈم تەشۋىشلىرى ۋ
- . بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى بوغۇپ
- . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
- . ئىسىت،سەنمۇ ئوقۇتقۇچىمۇ مىللەتنىڭ دۇشم
- . «قوش تىل ئوقۇتۇشى»مۇ ياكى «قوش تىل
- . ئوقوتقۇچى دىگەن نىمە؟
- . مەكتەپ فورمىسىنى چوقۇم شۇنچىۋىلا كۆپ ئې
- . مۇئەللىم....... ئاڭلاپ بىقىڭ؟
- . پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيەلەش ئۆزىمىز
- . يېڭى دەرس ئۆلچىمى 9-ئايدا يولغا قويۇلىدۇ
- . يەسلىنى باشلانغۇچ مەكتەپلەشتۈرۈشنىڭ پا
- . ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ باشقۇر
- . لاياقەتلىك سىنىپ مودىرى بولۇشنىڭ