| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

125ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش دېلوس

ۋاقىت : 2012-09-10 21:42 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ەمىنلىگۇچى : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 125ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك

قىلىش دېلوسىنى ئاشكارا تەكشۈردى

 

 8-ئاينىڭ ئاخىرى دۇنيادىكى داڭلىق ئالى مەكتەپنىڭ بىرى بولغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم پەن سەتچىلىكى ئاشكارىلاندى، بۇ مەكتەپنىڭ ئەتىيازلىق دەرسلىكىدە يېرىمغا يېقىن ئوقۇغۇچى مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا چېتىلىپ قالدى.

125ئوقۇغۇچى «جاۋابنى كۆچۈرۈش ۋە ناتوغرا ھەمكارلىشىش»قا چېتىلىپ قالدى

30-ئاۋغۇست خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرۇس ئوقۇتۇش مۇدىرى جې خاررىس مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا خەت يېزىپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش كومىتېتى ئەتىيازلىق دەرسلىكىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، 125دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ دەرسلىكنىڭ مەۋسۈملۈك ئىمتىھانىدا ھەمكارلىشىپ، جاۋابتىن تەڭ پايدىلىنىشقا چېتىلىپ قالدى، دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ ئىمتىھاندا ساختىلىق ۋەقەسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئەمما مەكتەپ مۇناسىۋەتلىك دەرس ئىسمى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىپ، «قوشما شىتات شەخسىيەت ھوقۇق قانۇنىدا مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاش چەكلەنگەن، دېدى.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى دىروۋ فوست مەكتەپ گېزىتى «خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئەگەر شىكايەت ئىسپاتلانسا بۇنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتۇشنى تەرتىپكە سېلىشتىكى ئېشىنىش پىرىنسىپىغا خىلاپ. بىز ئېھتىياتچانلىق بىلەن بۇ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك.

جېي خاررىس مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمى دېلونىڭ كۆلىمىنى «ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان» دېيىشكە بولىدۇ. مەكتەپ باياناتىدا ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى مىچىل د سىمىتنىڭ قارشى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىلىم سەمىمىيىتى-مائارىپنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم سەمىمىيىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىلىمدىكى ناتوغرا ھەرىكەتلەرگە سەۋرى تاقەت قىلىشقا بولمايدۇ. مەكتەپ مۇدىرى دىروۋ فوست مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئەيىبلەشنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، بىز خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ چۈشىنىشىگە تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىمىز ھەمدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلىم چەمبىرىكىدىكى ئاساسىي قىممەت قارىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا قاتتىق ئەمەل قىلىمىز.

  خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ گېزىتى مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى، ئىگىلىنىشىچە، بۇ دەرسلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۇش 1310: ئامېرىكا پارلامېنتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان بولۇپ، بۇ يىل ئەتىيازلىق دەرسلىككەن، 279 ئوقۇغۇچى تىزىمغا ئالدۇرغان، بۇ دەرسلىكنىڭ مۇئەللىمى بولسا، ئاسسېنت ماتزىۋ پىلاتكەن.

«ئامېرىكا پارلامنتىدىن ئومۇمىي بايان» دەرسلىكىنىڭ ئاسسېنتى 5-ئايدىكى مەۋسۈملۈك ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگەندە 10دىن 20گىچە بولغان ئىمتىھان قەغىزىدە ئوخشاشلىقنى بايقىغان، ماتزىۋ پىلات بۇنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش كومىتېتىغا مەلۇم قىلغان، ئارقىدىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش كومىتېتى تەكشۈرۈپ، بۇ دەرسلىكتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگەن، نەتىجىدە يېرىمغا يېقىن ئوقۇغۇچىدا جاۋابنى كۆچۈرۈش ۋە ناتوغرا ھەمكارلىشىش قىلمىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقنى بايقىغان.

بۇ دەرسلىك تولۇق كۇرۇس دەرسلىكى بولۇپ، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئۆتۈلىدۇ، ئاسپىرانت ئاسسېنت تەكرار قىلغان 10 قېتىملىق دەرسلىكتىن كېيىن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. دەرسلىك پىروگراممىسىغا ئاساسەن، «ئامېرىكا پارلامنتىدىن ئومۇمىي بايان» دەرسلىكىنىڭ مەۋسۈملۈك نەتىجىسى تۆت قېتىملىق دەرسلىكتىن كېيىنكى ئىمتىھان نەتىجىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر قېتىملىق ئىمتىھان %25نى تەشكىل قىلىدۇ. ئاخىرىقى مەۋسۈملۈك ئىمتىھان ئۈچ بىرىكمە ئاددىي جاۋاب بېرىلىدىغان سوئاللاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىر قۇشۇمچە ئاددىي جاۋاب بېرىلىدىغان سوئال ۋە بىر بايان قىلىش سوئالىدىن تەركىب تاپقان. بۇ دەرسلىكنىڭ ئىمتىھان كېلىشىمىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: «ئىمتىھان تولۇق ئېچىۋېتىلگەن، كىتابتىن، خاتىرە دەپتەردىن، توردىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ، ئەمما يېپىق ئىمتىھان بەلگىلىمىسىگە بويسۇنۇشى، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار باشقا ئوقۇغۇچىلار جۈملىدىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى، ئاسسېنت، يېزىقچىلىق مەركىزى قاتارلىقلار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارسا بولمايدۇ. مەكتەپ تەرەپنىڭ ئېيتىشغا قارىغاندا، باشقۇرۇش كومىتېتى بۇنىڭغا چېتىشلىق ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان ھەمدە بۇ ئوقۇغۇچىلارنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرگەن. بۇ قېتىمقى ئىلىمدىكى ناتوغرا ۋەقەگە چېتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنى بىر يىل توختۇتۇشتەك جازاغا دۇچ كېلىپلا قالماستىن يەنە بۇ دەرسلىكنى تاللىغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن قىسمەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى مەكتەپ قايتۇرۇۋېلىشى مۇمكىنكەن.

مەكتەپ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى 11-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ، بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا باشقۇرۇش كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمايدۇ. جىي خاررىس خېتىدە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بۇ ۋەقە بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولدى، يېڭى ئىلىم سەمىمىيەت قارىشىنى مەكتەپ دائىرىسىدە، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، باشقۇرغۇچىلار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ دەرسلىككە ئازراق پىكىرى بار

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىكنى باھالاش سىستېمىسىدا ئېلان قىلىنغان باھالاش سانلىق مەلۇماتىدا ئوقۇغۇچىلار ھۆكۈمەت باشقۇرۇش 1310دەرسلىككە 2.54 نومۇر قويغان، تولۇق نومۇر بەش بولۇپ، ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىكى دەرسلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى 3.91كەن.
  بۇ باھالاش سىستېمىسىنىڭ مۇنبىرىدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بۇ دەرسلىكنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسى شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بەزى ئوقۇغۇچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دەرسلىك ئىمتىھانىدىن باشقا قۇرۇلما خاراكتېرلىك يىتەكچىلىك كەم، بەزى ئوقۇغۇچىلار مۇنداق دېدى: ئىمتىھان ئالدىدىكى نەچچە سائەتتە 15 ئوقۇغۇچى بىرلىكتە ئوقۇتقۇچى ئارام ئېلىش ئۆيىدە ئىمتىھان سوئالىنى يېزىپ بولدى، ھەممە ئوقۇغۇچى كېچىچە كۆز يۇممىدى، ئەمما بىز ئىمتىھان سوئالىدىكى 20نومۇرلۇق بىر سوئالدا زادى نېمىنى سوراۋاتقانلىقىنى بىلمىدۇق، مۇبالىغە قىلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مەسىلە بىز كۆرگەن ماتېرىيال ئىچىدە ياكى دەرسلىكتە توغرا ئېنىقلىما بېرىلگەن ئاتالغۇ ئەمەس، بىزئاسسېنتتىن ئېنىقلىما ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق، «مەۋسۈملۈك ئىمتىھان مۇتلەق ھالدا بىر بىمەنىلىك، پۈتۈنلەي دەرسلىك ماتېرىيالى بىلەن بىردەك ئەمەس. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئاغرىنىپ مۇنداق دېدى: بۇ دەرسلىك پىروفېسسورى 3-ماي كۈنى، يەنى ئىمتىھان ئېلىنىدىغان شۈ كۈنى ئەتىگەندە ئىشى بولغانلىقتىن مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى رەت قىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشتىن چۈشتى.

بەزى ئوقۇغۇچىلار سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ دەرسلىكنى تاللىدىم، مەن بەزىلەرنىڭ مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا كۆچۈرگەنلىكىنى چۈشەنمىدىم، ئۇ نىسبەتەن ناھايىتى ئاددىي، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي پىروفېسسور ماتزىۋ پىلات بىزنىڭ جاۋابنى يېزىشىمىزغا يېتەرلىك ۋاقىت بەردى.

«نىيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلار مۇنداق دەپ قارىغان: دەرسلىك خاتىرىسى، مۇنازىرە خاتىرىسى ۋە كۆرۈپ ئوقۇش ماتېرىيالىدىن تەڭ پايدىلىنىشقا رۇخسەت قىلىنغان. كۆپتۈرمىچىلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلەشكە دۇچ كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنى ئاقلاپ مۇنداق دېدى: مەن پەقەت باشلىقىلار بىلەن خاتىرەمدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇم، ئارقىدىن بۇنىڭغا چېتىلىپ قالدىم، سىنىپتىكى ھەر بىر ئادەم خاتىرىدىن تەڭ پايدىلىنىدۇ، ئوخشاش جاۋابنىڭ كۆرۈلۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. 5-ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرگەن ، بۇنىڭغا چېتىلىپ قالغان بىر ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى: ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر مېنىڭ ئۇنۋانىمنى قايتۇرۇۋالسا، مەن ھازىرقى خىزمىتىمدىن چوقۇم ئايرىلىپ قالىمەن.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>