| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

ئامېرىكىلىقلارنىڭ تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئېرىشىش نى

ۋاقىت : 2012-11-05 23:51 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ەمىنلىگۇچى : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئامېرىكىلىقلار:ئامېرىكىلىقلارنىڭ تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئېرىشىش

نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن

 

ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئېرىشىش نىسبىتى 2010-يىلىدىكىدىن ئازراق ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوبامانىڭ بېكىتكەن ئۇنۋان ئېلىش نىسبىتى %60 بولۇشتەك خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتكە يېتىشتە يەنىلا ئارىلىق بار. ئامېرىكا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، 2010-يىلى، ئامېرىكىدىكى 25 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئارىسىدا، 39.3% ئوقۇغۇچى مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 0.5 پوئىنت ئۆرلىگەن. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ 2011-يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ياشلارنىڭ تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئېرىشىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە 16-ئورۇندا بولۇپ، كورىيە، كانادا، ياپونىيە ۋە رۇسىيەدىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدىكەن. كورىيەدە 25 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئارىسىدا تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر %63 ئىگەللەيدىكەن، ئامېرىكىدا ئاران %41 ئىگەللەيدىكەن.

گەرچە ئامېرىكىدىكى تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ياشلارنىڭ نىسبىتى، ئەمگەك بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىۋاتقان پېشقەدەملەرنىڭ نىسبىتى بىلەن ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشى- كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىدا، قۇرامىغا يەتكەن تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ نىسبىتى، 1997-يىلىدىكى %34 تىن  2009-يىلىدىكى %41 كە ئۆرلىگەن، ئەگەر بارلىق ياش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۇنۋانغا ئېرىشىش نىسبىتىنى قوشقاندا، ئامېرىكا خەلقارا بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما باشقا دۆلەتلەرمۇ زور ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى، مەسىلەن، كانادادىكى يېرىمدىن كۆپرەك قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تولۇق كۇرس ئۇنۋانى بار. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ۋەزىپىسىگە يېڭىدىن ئولتۇرغاندا 2020-يىلىغىچە، %60 ئامېرىكىلىق ياشلار چوقۇم تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئېرىشىشى كېرەك دەپ نىشان بېكىتكەن. ئەمما يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، يېرىمدىن كۆپرەك شتاتدا زور تىرىشقاندىلا ئاندىن بۇ نىشانغا يەتكىلى بولىدىكەن. مەسىلەن، نيۇيورك شتاتى ئەگەر بۇ نىشانغا يەتمەكچى بولسا ئادەم سانىنى بىر مىليون300 مىڭدىن بىر مىليون 670 مىڭغا كۆپەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى رايون ۋە شەھەرلەر ئارىسىدا كولومبىيە ئالاھىدە رايونىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، تەخمىنەن %69 ياشلار تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئىگە. تەھلىل قىلىشلاردىن قارىغاندا، ئوقۇش پۇلىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرەلمەسلىك سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>