| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ياخشى قەدىر

ۋاقىت : 2012-11-21 22:21 | مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى | ەمىنلىگۇچى : م.قانات | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

‹‹ئازاد قىلىش›› ئوقۇتقۇچىلارنى ئەڭ ياخشى قەدىرلىگەنلىك بولىدۇ

 

    لىفىتتا، بىر ئەرنىڭ تەبرىكلەش ئاتكىرىتكىسىنى كۆتۈرۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، مەن كۆڭلۈمدە ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ئۇ چوقۇم بۇ ئاتكىرىتكىنىڭ قاتلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىش قىلىپ، ئاۋايلاپ كۆتۈرۋالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئاددىغىنا ئاتكىرىتكىغا: مۇئەللىم، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! دېگەن بىر قۇر خەت يېزىلغان ئىكەن.

    ئوقۇتقۇچىلارنى ئەسلەش ۋە ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، گەرچە ھەر يىلى مۇشۇ چاغدا، ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەسىس قىلىشنىڭ ئاساسى مەنىسى ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش مائارىپنى ھۆرمەتلىگەنلىك. بۇ بىر دۆلەت، بىر مىللەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.

     مائارىپنىڭ تۈپ نىشانى ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ بىر خىل ‹‹ ئىلمىي، شۇنداقلا بەدىئىي ئىجادىيەت ›› بولۇپ، ئۇ ‹‹ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى››نى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. مائارىپ ئىمتىھاننىڭ قورالى ئەمەس، يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشنىڭ قۇلى ئەمەس، شۇنداقلا نام-ئاتاق قازىنىشنىڭ شوتىسىمۇ ئەمەس؛ ئۇ شەخىسنى نادانلىقتىن ئازاد قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

     مۇشۇ بويىچە ئۆلچىگەندە، بىز ئوقۇتقۇچىلارغا قەلبىمىزدە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپتىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولمايۋاتقان خىلمۇ-خىل ئىشلارنى تەپسىلىي قاراپ چىقىشىمىز زۆرۈر بولىۋاتىدۇ ـــ ئۇ ماھىيىتىدىن قېيىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ قوماندانلىق تايىقى ۋە نومۇرغا قاراپ باھالاش ئاستىدىكى قېتىپ قالغان مېخانىكىلىق قورالغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

    گەرچە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەنلەرنىڭ نىسبىتى يىلمۇ-يىل يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بالىلارنىڭ بېسىمى ئەكسىچە ئاشسا ئاشتىكى ئەكىسچە ئازايمىدى. باشلانغۇچ مەكتەپتىن، ھەتتا بالىلار باغچىسىدىن باشلاپ، ئىمتىھان مائارىپى ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتى؛ ‹‹يۈكنى ئازايتىش›› سادالىرى توختىماي ياڭراپ تۇرغان بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ يۈكى بارغانسىرى ئېغىرلاشتى. يۇقىرى ئورلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى ئىمتىھان ئېلىپ باھالاش ئۆلچىمىدىن ھەرقانداق مەكتەپ قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئۇ بارغانسىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېشى ئۈستىدە ئېسىلىپ تۇرغان كالتەككە ئايلىنپ قالدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىمۇ بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ، دەرىسلەر بارغانسىرى قېيىنلاشتى. تاپشۇرۇقلار كۈپەيدى. قاتلاممۇ-قاتلام يۈك ئاستىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى يېتىشتۈرۈش، خاراكتېرىنى تاۋلاش ئۈچۈن قانداقمۇ ۋاقىت ئاجىراتقىلى بولسۇن؟

    يېڭى ئوقۇش يىلى باشلىنىش ئالدىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ تارمىقى يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك ماتېماتىكىسنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇنلىغان ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلار مۇنداق قارىدى: مەكتەپلەردە ھامان تاللاش ئۆلچىمى بولىدۇ. ئولىمپىك ماتېماتىكىسى بولمىغان تەغدىردىمۇ، يەنە‹‹ئولىمپىك ئېنگىلىز تىلى››،‹‹ئولىمپىك تىلى››بار، بەلكىم يەنە قەدىمقى خەنزۇتىلى، چىغىناق-تاغاق يېزىقى ئىمتىھانى چىقىشىمۇ مۇمكىن.

     ئولىمپىك ماتېماتىكىسى بالىلارنىڭ رەقەملەر توغىرسىدىكى ئىقتىدارىنى يېتىلدۈر مەستىن، بەلكى ياخشى مەكتەپلەرگە كىرىشتىكى ‹‹ئىشىك قېقىش پارچە خىشى››بولۇپ قالدى؛ مەكتەپلەر بۇنى تاللاش ئۆلچىمى قىلىشتا، ‹‹ ئىختىساسلىقلار››نى بايقاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان ئارقىلىق داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلدى. ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئولىمپىك ماتېماتىكىسى مائارىپ تارماقلىرىنى سىنايدىغان قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭدىن ئىمتىھان مائارىپىنىڭ ‹‹ سىرلىق كۈچى››نى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    قۇل قىلىنغانلارنىڭ ئىجات قىلىش ھاياتى كۈچى بولمايدۇ. مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مائارىپىنىڭ چەكلىمىسىدە تۇرغاندا، كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشى ۋە ئەركىنلىكى پەقەت خام خىيالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ قۇماندانلىق كالتىكى ئۈنتۈنسىز بىر چەمبىرەكنى سىزىپ چىقىپ، يۇقىرى ئورلەپ ئۇقۇش نىسبىتىنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلغان ئىمتىھان ئارقىلىق باھالاش سېستىمىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ‹‹ مائارىپ›› جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە دائىرسىنى چەكلەپ قويغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى، ئىجاتچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى چەكلىمىگە ئۇچىرىغان ئەھۋالدا، قانداق ئوقۇغۇچىلارنى يىتىش تۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش قىيىن ئەمەس.

     بىز‹‹ئوقۇتقۇچى ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئىنجىنىرى ››دەيمىز، ئەمما شۇنى ئىتراپ قىلىشىمىز لازىمكى، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئاددىي ئادەملەر. ئۇلارنىڭ رىئاللىقنىڭ چەكلەپ تۇرۇشىدىن قۇتۇلۇپ، ئوستازلارنىڭ ئالىي غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىش، رىئاللىققا ئويغۇن ئەمەس.

     شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەشتە، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاددىي ئادەملەردەك خۇشاللىقى، غەزەپلىنىشى، قايغۇرۇشى ۋە خاتىرجەملىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارنىڭ غەم ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنى ئۆزكەسپىنى شەرەپ دەپ بىلىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ئۇلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆرمەتلەش، ئۇلارنى ئىمتىھان مائارىپىدىن ئازات قىلىپ، ئۇلارغا ئىجات قىلىش ئەركىنلىكىنى بېرىپ، ئۇلارنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى، نۇمۇرنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە بېسىمىغا ئۇچىرىمايدىغان قىلىپ، ‹‹ئىمتىھان ماشىنىسى›› ياسىغۇچىلارنى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي تۈردە ئادەم تەربىيىلىگۈچىلەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، زۇڭلىي ۋېن جياباۋ مەملىكەتلىك ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى ۋە ‹‹ئىككى ئاساس ››خىزمىتىنى يەكۈنلەش ھەم مۇكاپاتلاش چوڭيىغىنىدا مونۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، مائارىپنى ئىمتىھان ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قۇماندانلىق كالتىكى ئاستىدىن ئازات قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ئازات قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارنى ئازات قىلىش، مەكتەپلەرنى ئازات قىلىش جىددىي بولۇپ قالدى. پەقەت ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپلەرنى ئىمتىھان مائارىپىدىن قۇتۇلدۇرغاندىلا، مائارىپ ئىشلىرنىڭ تەرەققىياتى ئاندىن تېخىمۇ كەڭ زىمىنگە ئېرىشىدۇ.

    ‹‹ئازات قىلىش›› ئەڭ گۈزەل ھەم ھىسياتقا ئەڭ باي، شۇنداقلا دائىم دىگۈدەك ئەڭ جاپالىق بولۇپ، ئاسانغا توختىمايدۇ.

()

ياخشى
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>