| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئى

ۋاقىت : 2012-09-08 23:46 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ەمىنلىگۇچى : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى

ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 29-ئاۋغۇست دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشى ۋە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، يىغىندا «مائارىپ يىتەكچىلىك نىزام لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. 
    يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇردى، ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ « ئوقۇيالايدىغان مەكتەپ بولۇش» مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىندى. ئەمما رايون، شەھەر، يېزا، مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە مائارىپ سۈپىتىدە يەنىلا پەرق بار. تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ ياخشى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئاساسلىق ۋەزىپە قىلىپ، ھەر بىر مەكتەپنى دۆلەتنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە تىرىشىپ ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ناھىيەلەردىكى مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىتىش كېرەك. 
    «يىغىندا «مەجبۇرىيەت مائارىپنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى، تۆۋەندىكى سىياسەت تەدبىرلەر بېكىتىلدى: (1) ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش. مەكتەپلەر ئىتتىپاقى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش، مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ، ئىككىنچى، مەكتەپ باشقۇرۇش بايلىقىنى تەڭ تەقسىملەش، مالىيەدىن يېزا رايونلىرى، نامرات رايونلار ۋە ئاجىز ھالقىلارغا ئاجرىتىلغان سېلىنمىنى ئاشۇرۇش، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىتاب ، ئوقۇتۇش تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرى، مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق پەنلەرگە كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى تولۇق سەپلەپ، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ئاشخانىسى قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش ، ئۈچىنچى، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەكشى تەقسىملەش، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى يېزا مەكتەپلىرى ياكى ئاساسىي ئاجىز مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇزاق مۇددەت يېزا ئاساسىي قاتلاملىرى ۋە جاپالىق، يىراق رايونلاردا خىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش ، ئۇنۋان قاتارلىق جەھەتلەردىن مەدەت بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ، شەھەر بىلەن يېزىلار بىرتۇتاش باشقۇرۇلىدىغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئىشتات ئۆلچىمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش، تۆتىنچى، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرى، يېزىلاردىكى ئۆيلىرىدە قېپقالغان بالىلار، مېيىپ بالىلار، يېتىم، سەرگەردان بالىلارنى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باراۋەر بەھرىمەن قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.

(5) مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش .ساپا مائارىپى باشلامچىلىقىدىكى سۈپەت باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر جەھەتتىن يېتىلىشى ۋە جانلىق، تەشەببۇسكار چوڭ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېغىر تاپشۇرۇق يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش. مەكتەپلەرنى مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالاھىدىلىكىنى، سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش، ئالتىنچى، مەكتەپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق جايدىكى ئوقۇش يېشىغا توشقان نوپۇسنى ئاساس قىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇرۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇش، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مائارىپنى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە پۇقراۋى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ مەدەت بېرىش لازىم. 
    يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا مەكتەپكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش- ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپ ئەندىزىسىدە شەھەر يېزىلاردىكى نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشى، ئوقۇش يېشىغا توشقان نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشى شۇنداقلا شۇ يەرنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە قاتناش ئەھۋالى، مائارىپ شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي يۈكى قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىنى تولۇق كۆزدە تۇتۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ياخشى مەجبۇرىي مائارىپى قوبۇل قىلىش تەلىپىنى تىرىشىپ قاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەندىزىسىنى تەڭشەش ھەققىدە بىرقانچە يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:     بىرىنچى، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپ ئەندىزىسى پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك. ناھىيە ئىچىدىكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرى، يېزا باشلانغۇچ مەكتەپلىرى، مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئەندىزىسىنى، شۇنداقلا ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر بىلەن ياتاقسىز تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ سالمىقىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەكتەپ ئەندىزىسى بىلەن ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ مۇناسىپ بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئىككىنچى، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش لازىم، ئوقۇغۇچى مەنبىيى ئاز بولۇش سەۋەبلىك باشقا مەكتەپلەرگە قوشۇۋېتىش زۆرۈر بولغان مەكتەپلەرنى دەلىللەش، ئېلان قىلىش، تەستىقلاشقا سۇنۇش قاتارلىق تەرتىپلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرىنىڭ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ، كەنت ئاھالىلىرى تەشكىلاتى ۋە يېزا بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ تولۇق قاتنىشىشى شۇنداقلا تەدبىر بەلگىلەش جەريانىنى نازارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم، قوشۇۋېتىلگەن مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ چوقۇم يېڭى پىلانى بولۇشى، تەرتىپ بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى لازىم، ئۈچىنچى، يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش لازىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئاممىۋى خىراجەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش، نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش لازىم. تۆتىنچى، يېزىلاردىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش. دۆلەت ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆلچەم بويىچە ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇتۇش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى ۋە زۆرۈر باشقۇرۇش، مۇلازىمەت، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى سەپلەش لازىم، بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى ۋە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، مەكتەپ ماشىنىلىرى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىشتىكى قاتناش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
يىغىندا «مائارىپ يېتەكچىلىك نىزام لايىھەسى» ماقۇللاندى، مائارىپنى نازارەت قىلىش دائىرىسى ، پىرىنسىپى، ئۇسۇلى ئېنىق بېكىتىلدى.

()

ياخشى
(3)
100%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>